شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتىنىڭ ئاق تاشلىق كىتابى تۈرك مەتبۇئاتلىرىدا ئورۇن ئالدى

كىتابتا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قايتىدىن تىكلەش رايوننىڭ كېلەچىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئاساسىي ھەل قىلىش چارىسى سۈپىتىدە ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

مەمتىمىن ئەلا ۋە سالىھ خۇدايار يېتەكچىلىكىدىكى شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىي ۋە قانۇنىي ئورنى ھەققىدە تەييارلىغان ئاق تاشلىق كىتابىنىڭ تۈركچە نەشرى تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

تۈركىيەدە نەشر قىلىنىدىغان Haber7،Millî Gazete ۋە TGRT Haber قاتارلىق مەتبۇئاتلار 20-ئۆكتەبىر كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىدە، مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابنىڭ تۈركچە نەشر قىلىنىپ، ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

بۇ ئۈچ ئاخبارات ئورگىنى كىتابتا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، جۇغراپىيەسى، مەدەنىيەت مىراسى، سىياسىي ئۆتمۈشى ۋە قانۇنىي ئورنى ھەققىدە تەھلىل ۋە مۇلاھىزىلەرنىڭ ئورۇن ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، مەزكۇر كىتاب توققۇز بابتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ قانۇنىي ئاساسى يوقلۇقى شەرھلەنگەن. كىتابتا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قايتىدىن تىكلەش رايوننىڭ كېلەچىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئاساسىي ھەل قىلىش چارىسى سۈپىتىدە ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خەۋەرلەردە يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، تۇغۇتنى چەكلەش سىياسەتلىرى ۋە مەدەنىيەت مىراسىغا قارىتىلغان بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭمۇ كىتابتا مۇھاكىمە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

سۈرگۈندىكى ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى مەمتىمىن ئەلا تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە قىلغان سۆزىدە، بۇ كىتابنىڭ تۈركچە نەشر قىلىنىشى ئارقىلىق تۈركىيەدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تارىخىي ۋە سىياسىي تەرەپلىرىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.