ستارباكىسنىڭ ئۇيغۇر مەھبۇسنىڭ مۈلكىنى ئىگىلىۋالغانلىقى ئاشكارىلانماقتا
ۋاشىنگتوندىكى ”كۆزەت“ ئاخبارات تورىنىڭ 21-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش خەۋىرىدە، ستارباكسنىڭ ئۈرۈمچىدە يېڭى ئاچقان دۇكىنىنىڭ ئۇيغۇر مەھكۇم جىبرىللا ئەنۋەرنىڭ مۇسادىرە قىلىنغان سودا بىناسىغا تام قوشنا ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى. بىزنىڭ ئۈرۈمچىگە قاراتقان تېلېفون زىيارەتلىرىمىزدە، ستارباكس دۇكىنىنىڭ جىبرىللانىڭ بىناسىغا قوشنىلا ئەمەس، بەلكى دۇكان سېلىنغان ئورۇننىڭ ئەسلىدە جىبرىللانىڭ بىناسى يېنىدىكى ماشىنا كىرىش يولى ئىكەنلىكى، بۇ يولنىڭمۇ جىبرىللاغا تەۋە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلار ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇ ئېھتىماللىققا جىددىي قاراپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئالاقىدار ئورگانلارنى ستارباكسنىڭ جىبرىللانىڭ مۈلكى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەكشۈرۈشكە چاقىردى.
”كۆزەت“ تورىنىڭ خىتاي سوت ھۆججەتلىرى، ئوچۇق سودا ئارخىپلىرى، سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى ۋە گۇۋاھچىلارنىڭ بايانلىرىغا ئاساسلىنىپ خەۋەر قىلىشىچە، ستارباكسنىڭ 29-سېنتەبىر ئۈرۈمچىنىڭ دۆڭكۆۋرۈك رايونىدا ئاچقان يېڭى دۇكىنى ئۇيغۇر تىجارەتچى جىبرىللا ئەنۋەرنىڭ ئائىلىسىگە تەۋە ”بايلىق“ شىركىتىنىڭ ئىلگىرىكى سودا بىناسىغا تام قوشنا بولۇپ، بىنانىڭ يېنىدىكى بۇرۇنقى ماشىنا كىرىش يولى ئورنىغا سېلىنغان.
خەۋەرگە قارىغاندا، جىبرىللا ئەنىۋەر 2019-يىلى خوتەننىڭ لوپ ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ”تېررورلۇق پائالىيىتىگە ياردەم بېرىش“بىلەن ئەيىبلىنىپ تۈرمىگە سولانغان ۋە ئۇنىڭ بارلىق مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش قارار قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭ ئائىلىسىگە تەۋە ”بايلىق“ شىركىتىنىڭ بارلىق پايلىرى سوت ئارقىلىق جۇڭجياڭشىركىتىگە ئۆتكۈزۈلگەن.
”كۆزەت“نىڭ تەكشۈرۈشىدە، ”بايلىق“ شىركىتىنىڭ سودا بىناسى ۋە ئۇنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ماشىنا توختىتىش مەيدانلىرىغا ئىگىدارچىلىق قىلغانلىقى سوت ھۆججەتلىرى ئارقىلىق كۆرسىتىلگەن. ئەمما ستارباكس دۇكىنى سېلىنغان ئورۇننىڭمۇ مەزكۇر مۇسادىرە قىلىنغان مۈلۈكنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى قانۇنىي مۈلۈكچىلىك ھۆججەتلىرى بىلەن تولۇق ئېنىقلانمىغان.
رادىيومىزنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، ئۈرۈمچىدىكى مەكتەپلەرگە يېمەك-ئىچمەك توشۇيدىغان بىر شىركەت شوپۇرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ ئىلگىرى بىر قانچە قېتىم ماشىنىسىنى دەل ھازىر ستارباكس دۇكىنى ئېچىلغان ئورۇنغا توختاتقان. ئۇ چاغدا ”بايلىق“ شىركىتىنىڭ خادىملىرى ئۇنىڭغا بۇ ئورۇننىڭ ئۆز شىركىتىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ماشىنىسىنى خاتىرجەم توختىتىشنى دېگەن.
رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يەنە بىر مەنبە بولسا، مەزكۇر ئورۇننىڭ مۈلۈكچىلىك چېگراسى ئېنىق بولمىغان، تالاش-تارتىشلىق زېمىن ئىكەنلىكىنى، جىبرىللا ئەنۋەر تۈرمىگە تاشلانغاندىن كېيىن ئۇنىڭ باشقا مۈلۈكلىرى بىلەن بىرلىكتە مۇسادىرە قىلىنغانلىقىنى بايان قىلدى.
بۇ ئىككى مەنبەنىڭ بايانلىرى ستارباكس دۇكىنى سېلىنغان ئورۇننىڭ ئىلگىرى ”بايلىق“ شىركىتى تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەنلىكىگە دائىر يېڭى ئۇچۇرلارنى بەرسىمۇ، زېمىننىڭ قانۇنىي مۈلۈكچىلىك ھوقۇقى ھازىرچە مۇستەقىل دەلىللەنمىدى. ستارباكسنىڭ بۇ دۇكاننى ئېچىشتىن بۇرۇن زېمىننىڭ ئىلگىرىكى مۈلۈكچىلىك تارىخى ۋە مۇسادىرە قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان-بارمىغانلىقىمۇ مەلۇم ئەمەس.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇننىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلىدىن كېيىن ئېلىپ بارغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن داۋامىدا نۇرغۇن ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلغان. بۇ مۈلۈكلەر كېيىنچە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ قولىغا ئۆتكەن بولۇپ، بەزى مۈلۈكلەرنىڭ چېگراسى ۋە ئىگىدارچىلىق مۇناسىۋىتى ھازىرمۇ ئېنىق ئەمەس.
تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ستارباكسنىڭ ئۇيغۇر مەھكۇمنىڭ ئائىلىسىدىن مۇسادىرە قىلىنغان زېمىندىن پايدىلانغانلىق ئېھتىماللىقىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇنى ”ستارباكسنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا بىۋاسىتە شېرىكلىشىۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر پاكىتى“ دەپ ئاتىدى.
تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن، ئەگەر بۇ ئەھۋال راست بولۇپ چىقسا، ستارباكسنىڭ بۇ ھەرىكىتى خەلقئارا سودا ئەخلاقى ۋە شىركەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە شېرىك بولماسلىق پىرىنسىپىغا خىلاپ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارادىكى ئالاقىدار ئورگانلارنى ستارباكس دۇكىنى بىلەن مۇسادىرە قىلىنغان ئۇيغۇر مۈلكى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەكشۈرۈشكە، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە چاقىردى.
”ئۇيغۇرلارنى قوغداش“ تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى ئارسلان ھىدايەتمۇ بۇ ئەھۋالنى پەقەت ئادەتتىكى بىر سودا ئەخلاقى مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ مۈلكىدىن مەنپەئەت ئېلىشتەك پەسكەشلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ، ستارباكسنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ مۈلكىدىن پايدىلانغانلىقى ئىسپاتلانسا، بۇنىڭ ”جىنايەتنىڭ ئۈستىگە جىنايەت“ بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، شىركەتنى كەلگۈسىدە يۈزلىنىشى مۇمكىن بولغان جاۋابكارلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى. ئۇ ستارباكسنى ئۆز پائالىيىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا شېرىك بولۇپ قېلىش خەۋپىنى جىددىي ئويلىشىشقا چاقىردى.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ئۆمەر قانات بولسا، ستارباكسنىڭ ئۈرۈمچىدىكى دۇكىنى بىلەن مۇسادىرە قىلىنغان ئۇيغۇر مۈلكى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنى بۇ مەسىلىنى تەكشۈرۈشكە دەۋەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رىزۋانئاي ئىلھام: تىلغا ئېلىنىش كۇپايە ئەمەس، شۋىتسارىيەدىن ئەمەلىي ھەرىكەت كۈتىمىز
شىۋىتسارىيە ھۆكۈمىتى 19-ۋە 20-ئۆكتەبىر كۈنلىرى خىتاي بىلەن ئۆتكۈزگەن كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شىۋىتسارىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ باشلىقى رىزۋانئاي ئىلھام بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تىلغا ئېلىنىشىنىڭ كۇپايە ئەمەسلىكىنى، شىۋىتسارىيە ھۆكۈمىتىدىن ئەمەلىي ھەرىكەت كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شىۋىتسارىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 20-ئۆكتەبىردىكى باياناتىغا قارىغاندا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى 19-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىمۇ تىلغا ئېلىنغان ۋە خىتاينىڭ يېڭى ”مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى“نىڭ پەيدا قىلىدىغان تەسىرلىرىگە قارىتا ئەندىشە بىلدۈرۈلگەن.
ئەمما باياناتتا خىتاي تەرەپنىڭ بۇ ئەندىشىلەرگە قانداق جاۋاب قايتۇرغانلىقى ياكى ئەمەلىي ۋەدە بەرگەن-بەرمىگەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان.
رىزۋانئاي ئىلھام شىۋىتسارىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئىجابىي ئەھۋال دەپ قارايدىغانلىقى ۋە قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئەمەلىي قەدەم ئالماي تۇرۇپ، شىۋىتسارىيەنى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان، دەپ ھېسابلىغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
رىزۋانئاي ئىلھامنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇلار مەزكۇر سۆھبەتتىن ئىلگىرى شىۋىتسارىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرغان ۋە كونكرېت تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بۇ تەلەپلەرنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشنى، ئائىلىلەرنى پارچىلاشنى ۋە چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشنى توختىتىش ھەققىدە خىتاي تەرەپتىن ۋەدە ئېلىش، بۇنى ئىككى تەرەپ سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇھىم شەرتى قىلىپ بېكىتىش تەكىتلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ شىۋىتسارىيە بازىرىغا كىرىشىنى توسۇشمۇ تەلەپ قىلىنغان.
بۇ قېتىمقى شىۋىتسارىيە-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىدىن كېيىن، شىۋىتسارىيە ئۇيغۇر كومىتېتى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق بەش تەشكىلات بىلەن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، شىۋىتسارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارىتا پوزىتسىيەسىنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە قاتتىق بولمىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. شۇنداقلا، كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنىڭ بىر رەسمىيەتكىلا ئايلىنىپ قالماي، ئەمەلىي نەتىجە بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
رىزۋانئاي ئىلھام شىۋىتسارىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن پات يېقىندا يەنە بىر قېتىم كۆرۈشىدىغانلىقىنى، بۇ كۆرۈشۈشتە كېلەر نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىدە ئۆزلىرىنىڭمۇ سۆھبەت ئۈستىلىدىن ئورۇن ئېلىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رىزۋانە ئىلھام دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومىتېتىنىڭمۇ مەسئۇلىدۇر.
شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ ئاق تاشلىق كىتابى تۈرك مەتبۇئاتىدا ئورۇن ئالدى
مەمتىمىن ئەلا ۋە سالىھ خۇدايار يېتەكچىلىكىدىكى شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىي ۋە قانۇنىي ئورنى ھەققىدە تەييارلىغان ئاق تاشلىق كىتابىنىڭ تۈركچە نەشرى تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
تۈركىيەدە نەشر قىلىنىدىغان Haber7 ،Milli Gazette ۋە TGRT Haber قاتارلىق مەتبۇئاتلار 20-ئۆكتەبىر كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىدە، مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابنىڭ تۈركچە نەشر قىلىنىپ، ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
بۇ ئۈچ ئاخبارات ئورگىنى كىتابتا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، جۇغراپىيەسى، مەدەنىيەت مىراسى، سىياسىي ئۆتمۈشى ۋە قانۇنىي ئورنى ھەققىدە تەھلىل ۋە مۇلاھىزىلەرنىڭ ئورۇن ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.
خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، مەزكۇر كىتاب توققۇز بابتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ قانۇنىي ئاساسى يوقلۇقى شەرھلەنگەن. كىتابتا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قايتىدىن تىكلەش رايوننىڭ كېلەچىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئاساسىي ھەل قىلىش چارىسى سۈپىتىدە ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
خەۋەرلەردە يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، تۇغۇتنى چەكلەش سىياسەتلىرى ۋە مەدەنىيەت مىراسىغا قارىتىلغان بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭمۇ كىتابتا مۇھاكىمە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
سۈرگۈندىكى ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى مەمتىمىن ئەلا تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە قىلغان سۆزىدە، بۇ كىتابنىڭ تۈركچە نەشر قىلىنىشى ئارقىلىق تۈركىيەدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تارىخىي ۋە سىياسىي تەرەپلىرىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي بىلەن پاكىستان كورلىدا تېررورلۇققا قارشى قۇرۇقلۇق ئارمىيە بىرلەشمە مەشقىنى باشلىدى
خىتاي بىلەن پاكىستان يېقىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ كورلىدا «قاراقورۇم—2026» قۇرۇقلۇق ئارمىيە بىرلىشمە ھەربىي مەشقىنى باشلىغان. بۇ قېتىمقى مەشقتە ئېگىز جايلاردا تېررورلۇققا بىرلىكتە قارشى تۇرۇش ئاساسلىق نىشان قىلىنغان.
خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر بىرلەشمە مەشىق 14-ئۆكتەبىر كورلىدىكى مەلۇم بىر مەشىق بازىسىدا باشلانغان بولۇپ، ئاينىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشدىكەن. خىتاي تەرەپنىڭ مەشىقكە قاتناشقان خادىملىرى شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مەلۇم قىسىمىدىن تاللانغان. ئىككى تەرەپ ئارىلاشما تەشكىللەش ئۇسۇلىنى قوللانغان بولۇپ، درون ئىشلىتىش، ھەرىكەتچان نىشاننى قارىغا ئېلىش، يىراق ئارىلىقتىن چىنەپ ئېتىش ھەمدە بىرلەشمە قوماندانلىق قىلىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى پىلانلىغان.
خىتاي-پاكىستان ئىككى تەرەپ ئېلان قىلغان ئۇچۇرلاردا، بۇ قېتىمقى مەشىقنىڭ قايسى تېررولۇق تەشكىلاتلىرىغا قارىتىلغانلىقى ئېنىق ئېيتىلمىدى. ھالبۇكى، ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىپلەپ كەلگەنىدى.
ئەنقەرە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرستېتىنڭ دوتسېنتى، ستراتېگىيە مۇتەخەسىسى، دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ زىيارىتىدە خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتتە ئىزچىل ھالدا يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ قېتىمقى ھەربىي مەشىقنىڭ مەقسىدى ھەققىدە مۇنداق دېدى: ”پاكىستاندا (ھۆكۈمەتكە قارشى) نۇرغۇن قوراللىق ھەرىكەتلەر بار، خىتاينى نىشانغا ئالغان بەزى تېررور پائالىيەتلەرمۇ بار؛ (بۇ قېتىمقى ھەربىي مەشىق ئارقىلىق) كەلگۈسىدە ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرىگە قارشى تەييار تۇرۇش ۋە شۇنداقلا يوشۇرۇن جەھەتتە، ھىندىستان بىلەن جەڭ بولۇپ قالغان تەقدىردە ئىككى تەرەپ قۇرۇقلۇقتا (ھەمكارلىشىپ) جەڭ قىلالايدىغان قابىلىيەتنى كۈچلەندۈرۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ دەپ قارايمەن.“
”بىرلەشمە سەھەر گېزىتى“نىڭ 11-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھەربىي مۇتەخەسسىسلەر ئىككى دۆلەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقىنىڭ بىر بالداق يۈكسەلگەنلىكىنى، كەلگۈسىدە تېررورلۇققا قارشى چېگرا ھالقىغان ھەرىكەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش ئېھتىماللىقىنى چەتكە قاققىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
مەمەت توختى: كانادا شەرقىي تۈركىستاندىكى بېلىقچىلىق تەمىنلەش زەنجىرىنى تەكشۈرۈشى كېرەك
كانادا ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى مەمەت توختى 10-ئۆكتەبىر تەكشۈرۈش خەۋەرلىرى تور بېكىتى ”بىيۇرو“ «The Bureau» دا ماقاله ئېلان قىلىپ، كانادا ھۆكۈمىتىنى شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان سۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ كانادا بازىرىغا كىرىشىدە مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن بولغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى تەكشۈرۈشكە چاقىردى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، تەكشۈرۈش خەۋەرلىرى ئورگىنى «قانونسىز ئوكيان تۈرى» ( (TOOP «كۆك رەڭلىك مۆجىزە» (The Blue Miracle) نامىدىكى كۆپ قىسىملىق تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقىدىكى ئىنسان ھەقلىرى خەتەرلىرىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. تەكشۈرۈشتە ئېنىقلىنىشىچە، شىنجاڭ تيەنيۈن ئورگانىك يېزا-ئىگىلىك چەكلىك شىركىتى 2022-يىلى دالىيەن رۈيچى شىركىتى بىلەن قىمىتى 140 مىللىيون دوللارلىق بېلىق سېتىش كېلىشىمى ئىمزالىغان، ھالبۇكى، دالىيەن رۈيچى شىركىتى 2022-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا كاناداغا ئاز دېگەندىمۇ يەتتە تۈركۈم سالمون بېلىقى مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلغان. بىراق بۇ ماللارنىڭ ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا بېقىلغان بېلىقلارنىڭ بار-يوقلۇقى تېخى ئېنىقلانمىغان.
ئامېرىكا بۇ يىل ئاۋغۇستتا مەجبۇرىي ئەمگەك خەۋپى سەۋەبدىن شىنجاڭ تيەنيۈن شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەن ئىدى.
مەمەت توختى كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئاگاھلاندۇرۇشلارغا ئۇزۇندىن بۇيان سەل قاراپ كەلگەنلىكىنى تەنقىد قىلىپ، كانادا ھۆكۈمىتىدىن ئالاقىدار شىركەتلەرنى تەكشۈرۈشنى ۋە ئىمپورت نازارىتىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى.
ئۇيغۇر روھىي ساغلاملىق تەشەببۇسى تەشكىلاتى نىيۇيوركتا دالا پائالىيىتى ئۆتكۈزدى
16-ئۆكتەبىردىن 18-ئۆكتەبىرگىچە، ئۇيغۇر روھىي ساغلاملىق تەشەببۇسى تەشكىلاتى ئامېرىكا ئۇيغۇر جامائىتىدىن بىر قىسىم كىشىلەرنى تەشكىللەپ، نيۇيورك شىتاتىدا ئىككى كۈنلۈك دالا پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە، ئامېرىكا كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىببىي تەتقىقاتچىسى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئامېرىكا شۆبىسىنىڭ رەئىسى دوختۇر مەمەت ئىمىن ”نۆۋەتتە بىز يۈزلىنىۋاتقان پسىخىكىلىق مەسىلىلەر“ تېمىسىدا مەخسۇس لېكسىيە بەردى. مەزكۇر لېكسىيەدە، ئۇ نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا كۆپ كۆرىلىۋاتقان روھىي ساغلاملىق مەسىلىلىرى ئۈستىدە مەلۇمات بېرىپ، قانداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.
پائالىيەتتە يەنە، دوكتور ئەسەت سۇلايمان بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇھىم شەخسلەرنىڭ بىرى بولغان سەيپىددىن ئەزىزىنىڭ ھاياتى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلەپ، ئىككىنجى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ يىقىلىشىدىن ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ قۇرۇلۇشىغىچە بولغان جەرياندا سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ قانداق رول ئوينىغانلىقىنى تارىخىي پاكىتلار بىلەن بايان قىلدى. زور بۇرۇلۇش دەۋرىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىي شەخسلەرنىڭ ھاياتى ئارقىلىق يورۇتۇلغان سىياسىي قىسمىتى لېكسىيە ئاڭلىغۇچىلارنى كۈچلۈك جەلپ قىلدى.
لېكسىيەلەردىن كېيىن، ئامېرىكىلىق فوتوگراف ناتان دۇدلېس (ئۇيغۇرچە ئىسىمى نۇرشات) ئىشلىگەن ”چۆلدىكى سادا“ ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ 1-قىسىمى قويۇلدى. گۈزەللىك، ئەسلىمە، سېغىنىش ۋە ئۈمىد ئىپادىلەنگەن بۇ فىلىم ناتان ئەپەندى بىلەن ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىلللىرىدا شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكۈزگەن ھايات خاتىرىلىرىدىن باشلىنىپ، ئۇيغۇر ۋەتىنى بىلەن نۇرشاتنىڭ يۇرتى بولغان ئامېرىكا كولىرادو شىتاتىنىڭ مۇھىتى سېلىشتۇرۇلغان ۋە گۈزەل بىر شېئىرنىڭ دېكلاماتسىيەسى بىلەن ئاخىرلاشقان.
ئۇيغۇر روھىي ساغلاملىق تەشەببۇسى تەشكىلاتى 2018 -يىلى ئامېرىكىدا قۇرۇلغان بىر ئورگان بولۇپ، خىتاينىڭ ئېغىر ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك زۇلۇمى تۈپەيلىدىن چەت ئەللەردە ئېغىر روھىي بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر جامائەت ئەزالىرىغا روھىي ساغلاملىق جەھەتتىن ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
