شىۋىتسارىيە ھۆكۈمىتى 19-ۋە 20-ئۆكتەبىر كۈنلىرى خىتاي بىلەن ئۆتكۈزگەن كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شىۋىتسارىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ باشلىقى رىزۋانئاي ئىلھام بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تىلغا ئېلىنىشىنىڭ كۇپايە ئەمەسلىكىنى، شىۋىتسارىيە ھۆكۈمىتىدىن ئەمەلىي ھەرىكەت كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شىۋىتسارىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 20-ئۆكتەبىردىكى باياناتىغا قارىغاندا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى 19-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىمۇ تىلغا ئېلىنغان ۋە خىتاينىڭ يېڭى ”مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى“نىڭ پەيدا قىلىدىغان تەسىرلىرىگە قارىتا ئەندىشە بىلدۈرۈلگەن.
ئەمما باياناتتا خىتاي تەرەپنىڭ بۇ ئەندىشىلەرگە قانداق جاۋاب قايتۇرغانلىقى ياكى ئەمەلىي ۋەدە بەرگەن-بەرمىگەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان.
رىزۋانئاي ئىلھام شىۋىتسارىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئىجابىي ئەھۋال دەپ قارايدىغانلىقى ۋە قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئەمەلىي قەدەم ئالماي تۇرۇپ، شىۋىتسارىيەنى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان، دەپ ھېسابلىغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
رىزۋانئاي ئىلھامنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇلار مەزكۇر سۆھبەتتىن ئىلگىرى شىۋىتسارىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرغان ۋە كونكرېت تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بۇ تەلەپلەرنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشنى، ئائىلىلەرنى پارچىلاشنى ۋە چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشنى توختىتىش ھەققىدە خىتاي تەرەپتىن ۋەدە ئېلىش، بۇنى ئىككى تەرەپ سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇھىم شەرتى قىلىپ بېكىتىش تەكىتلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ شىۋىتسارىيە بازىرىغا كىرىشىنى توسۇشمۇ تەلەپ قىلىنغان.
بۇ قېتىمقى شىۋىتسارىيە-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىدىن كېيىن، شىۋىتسارىيە ئۇيغۇر كومىتېتى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق بەش تەشكىلات بىلەن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، شىۋىتسارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارىتا پوزىتسىيەسىنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە قاتتىق بولمىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. شۇنداقلا، كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنىڭ بىر رەسمىيەتكىلا ئايلىنىپ قالماي، ئەمەلىي نەتىجە بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
رىزۋانئاي ئىلھام شىۋىتسارىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن پات يېقىندا يەنە بىر قېتىم كۆرۈشىدىغانلىقىنى، بۇ كۆرۈشۈشتە كېلەر نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىدە ئۆزلىرىنىڭمۇ سۆھبەت ئۈستىلىدىن ئورۇن ئېلىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رىزۋانە ئىلھام دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومىتېتىنىڭمۇ مەسئۇلىدۇر.
