ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا تەشۋىقاتىدا يېقىنقى ئىككى يىلدا خىتايچە ئۆگىتىش كۆپلەپ كۆزگە چېلىقماقتا. 11-ئۆكتەبىر كۈنى تارقالغان بىر سىن ئۇچۇرىدا يۈزلەرچە كىشى توپلانغان بىر زالدا، مەلۇم بىر خادىمنىڭ سەھنىدە قاتار تۇرغان كىشىلەرگە ۋارقىراپ تۇرۇپ خىتايچە ئۆگىتىۋاتقان ھالىتى كۆرۈلىدۇ.
بىر تىل ياكى مەدەنىيەت كۇرسىدىن كۆپرەك، بىر سىياسىي كۈرەش يىغىنىنى ئەسلىتىدىغان بۇ سەھنىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىدارە-ئورگانلارغا تېلېفون قىلدۇق. ئالاقىدار خادىملاردىن بىرى يېقىنقى 10 يىلنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، يەنى لاگېرلار يېڭىدىن كېڭەيگەن مەزگىلىدە، سىياسىي ئۆگىنىشلەردە مەسىلە تاپشۇرۇش ئاساسىي ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەنلىكى؛ كېيىنچە، خىتاي كومپارتىيە تارىخىغا ئائىت كىتابلارنى ئۆگىنىش ئاساسىي ئورۇندا تۇرغانلىقى؛ بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ، خىتاي تىلى ئۆگىنىش بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، خىتايچە بىلمەسلىك بىر مائارىپ ياكى مەدەنىيەت سەۋىيە مەسىلىسى ئەمەس، دۆلەتكە بولغان ساداقەت مەسىلىسى ۋە دىنىي ئەسەبىيلىكتىن قۇتۇلالماسلىقنىڭ ئىپادىسى دەپ قارالغان.
غۇلجا ناھىيەسىدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ساقچى خادىمى، ئۆزى ئىشلەۋاتقان ساقچىخانىدا ئۇيغۇر خىزمەتچىلەر كۆپ ساندا بولسىمۇ ئۆزئارا خىتايچە گەپ قىلىشقا مەجبۇر ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە شۇ ساقچىخانىدا ئۆزئارا ئۇيغۇرچە سۆزلەشكەن سەككىز نەپەر ساقچىنىڭ ئىشتىن ھەيدەلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ يەنە بۇ خىل ئاقىۋەتكە قالغانلارنىڭ ناھىيە بويىچە يۈزگە يېقىنلىشىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
مۇھاجىرەتتىكى سابىق ساقچى خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلگىرىكى يىللاردا، ئۇيغۇر ساقچىلىرى كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان ساقچىخانىلاردا، ساقچىلارنىڭ ئۆزئارا ئۇيغۇرچە سۆزلىشىشىگە يول قويۇلۇپلا قالماي، بەلكى رەسمىي يىغىنلارمۇ ئۇيغۇرچە ئېچىلغان، ھۆججەت-ئۇقتۇرۇشلارمۇ ئۇيغۇرچە تارقىتىلىپ كەلگەن.
