ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلاردىن ۋە زىيارەتلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، 27-ماي كۈنى، ئامېرىكا، تۈركىيە، ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە سۈرىيە قاتارلىق 10 نەچچە دۆلەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلات ۋە جامائىتى ھېيت نامازلىرىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى مىليونلىغان مەھبۇسلارنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلدى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزىدە ئوقۇلغان ھېيت نامىزىدا، بۇ يىلقى قۇربان ھېيتنىڭمۇ ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ كۈنلىرىگە توغرا كەلگەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، ئەل-جامائەت سەبر-تاقەتلىك بولۇشقا دەۋەت قىلىندى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مەخسۇس ھېيت تەبرىكنامىسى ئېلان قىلىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى، مەھبۇس قېرىنداشلارنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىققا چاقىردى. شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى قۇربان ھېيت ھەققىدىكى باياناتىدا مۇسۇلمان دۇنياسىنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە دىنىي ۋە ئىنسانىي بۇرچىنى ئادا قىلىشقا چاقىرىش بىلەن بىللە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەملىكە ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىلمەي تۇرۇپ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ توختىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئىگىلىشىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەڭ داغدۇغىلىق قۇربان ھېيت مۇراسىمى سۈرىيەدە ئۆتكۈزۈلدى. بىر نەچچە مىڭ ئۇيغۇر توپلانغان ھېيت نامىزىدىن كېيىن، گېنېرال-مايور ئابدۇلئەزىز داۋۇت، پولكوۋنىك ئابدۇسالام ياسىن ۋە پولكوۋنىك مەۋلان تۇرسۇنلار ھېيت تەبرىك سۆزى قىلدى. گېنېرال ئابدۇلئەزىز داۋۇت سۆزىدە، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيتىنى تەبرىكلىدى ۋە ۋەتەن ئىچىدە ھېيت تەبرىكلەش ئىمكانىدىن مەھرۇم ياشاۋاتقانلارغا ئاسانلىق ۋە ئامانلىق تىلىدى.
بۇ ھېيتلىق پائالىيەتتە يەنە شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش، مىللىيچە چېلىشىش مۇسابىقىلىرى بىلەن بىرلىكتە كىچىك تىپتىكى ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈلدى. مانېۋىردا سۈرىيە ئارمىيەسى 84-دىۋىزىيەسىنىڭ بېشىغا شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چۈشۈرۈلگەن شەپكىلەرنى كىيگەن، ئالاھىدە قىسىم ئەترىتى ھەر خىل ماھارەتلەرنى كۆرسەتكەندىن كېيىن، ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقىنى ئېچىش ۋە لەپىلدىتىش بىلەن مانېۋىرنى ئاخىرلاشتۇردى. بۇ ھېيت پائالىيىتىگە كۆپ ساندا ئانىلار ۋە بالىلار ۋە بىر قىسىم سىرت دۆلەتتىن كەلگەن مېھمانلارمۇ قاتناشتى.
