ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ھەج چەكلىمىسى 9-يىلىغا قەدەم قويدى
مەككىدە تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ھەج ۋاقتىغا بىر ھەپتە قالغان بولسىمۇ، تا بۈگۈنگە قەدەر، مەككىدە ھەج ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن بىرمۇ ئۇيغۇر كۆرۈلمىگەن.
دېيىلىشىچە، 2017-يىلىدىن ئىلگىرى، ھەر يىلى ھەج ۋاقتىدىن ئاز دېگەندە ئىككى ھەپتە بۇرۇن، ھەج قىلغىلى كەلگەن ئۇيغۇرلار سودا-سېتىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ئاچقان دۇكان ۋە ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەرگە كېلىپ تۇرار ئىكەن. بۇ ئەھۋال ئۆزگەرگىنى، يەنى ھەج مەزگىلىدە شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن ھەج قىلغۇچىلار كۆرۈنمەيدىغان بولۇشى بۇ يىل 9-يىلغا قەدەم قويغان.
ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەخپىنىڭ مۇدىرى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىراجىدىن ئەزىز ئۇزۇن يىللاردىن بېرى مەككىدە ياشاۋاتقان، ئۇيغۇر ھەج قىلغۇچىلارنىڭ يىلدىن-يىلغا ئازىيىپ ئاخىرى كېلىشىنىڭ پۈتۈنلەي توختىغانلىقىغا شاھىد بولغان ۋە قەلبى پۇچىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بىرىدۇر.
سىراجىدىن ئەپەندى، ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، شەرقىي تۈركىستان ۋە نىڭشيا، گەنسۇلاردىكى تۇڭگانلارنىڭمۇ، بۇ يىل ھەج سەپىرىگە رۇخسەت قىلىنمىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان. مەلۇم بولۇشىچە خىتاي تەرەپ بۇ يىل تۇڭگانلارغا، ھەج سەپىرىنىڭ توسۇلۇشىغا ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇقىمسىز ۋەزىيەتنى، يەنى ئىران ئۇرۇشىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسەتكەن.
كورلا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىدىكى بىر خادىممۇ، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇش ۋەزىيىتى سەۋەبلىك ھەج ئۆمىكى تەشكىللەنمىگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى، ئەمما بۇ ھەقتىكى ھۆججەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى دەپ بېرەلمىيدىغانلىقىنى بايان قىلدى. قەشقەر ۋىلايەتلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسى خادىمىمۇ، بۇ يىل تۇڭگانلاردىمۇ ھەجگە ماڭغانلار يوقلۇقىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما بارالماسلىقنىڭ سەۋەبىنى دەپ بېرەلمىدى.
سىراجىدىن ئەپەندى نىڭشيا ۋە گەنسۇلاردىنمۇ ھەج سەپىرىنىڭ توختىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا يولغا قويغان ھەج چەكلىمىسىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېكسپورت قىلىنىشى دەپ تەسۋىرلەيدۇ ۋە خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى باھانە قىلىشىنى ساختىپەزلىك دەپ ئەيىبلىيدۇ. ئۇ يەنە مەككىدە ھەر كۈنى مىڭلىغان خىتاي تىجارەتچى ۋە ئىشچىنىڭ ئەركىن ھەرىكەت قىلىپ يۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.
مەجلىس ئەزاسى ھېرا بات: خىتايلارنىڭ ھۆكۈمەت زالىمىزدا چاغان ئۆتكۈزۈشىگە رۇخسەت يوق
بۈگۈن گوللاندىيەنىڭ دېنھاگ شەھەرلىك ھۆكۈمىتىدە، پائالىيەتچى ئابدۇرېھىم غېنى خىتاينىڭ چاغان پائالىيىتىدە يولۇققان زوراۋانلىق ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان. مۇزاكىرە، شەھەرلىك مەجلىس ئەزاسى ھېرا بات خانىم، مەزكۇر ۋەقە يۈز بەرگەندە شەھەر باشلىقىغا سۇنغان تەلەپكە ئاساسەن ئېلىپ بېرىلغان. يىغىندا ئابدۇرېھىم غېنى ئىككى مىنۇت گۇۋاھلىق سۆزى قىلغان. ئۇ سۆزىدە، شۇ كۈنلۈكتە ئۆزىنى تىنچلىق ۋە ئادالەتنىڭ سىمۋولى بولغان دېنھاگ شەھىرىدە ئەمەس، خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقاندەك ئازابلىق ھېس قىلىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاينىڭ بۇ خىل زوراۋانلىقلىرى بىلەن بىرگە، ساختا تەشۋىقاتىغىمۇ خاتىمە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. ئادەتتە قەرەرلىك ئېچىلىدىغان ۋە شەھەر باشلىقىنىڭ مەۋجۇت مەسىلىلەرگە ئىپادە بىلدۈرىدىغان بۇ يىغىنىدا ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ زوراۋانلىققا ئۇچراش مەسىلىسى ئاساسلىق تېما بولغان.
مەزكۇر مەسىلىنى مەجلىس كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كىرگەن ھېرا بات خانىم، بۈگۈن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يىغىنىڭ خۇلاسىسى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە شەھەر باشلىقى مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئابدۇرېھىم غېنىغا قىلىنغان زوراۋانلىقنى «نومۇسسىزلىق» دەپ ئەيىبلىگەن ۋە يىللاردىن بېرى دېنھاگ شەھەرلىك ھۆكۈمەتتە ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان چاغاننى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە، بۇنىڭدىن كېيىن رۇخسەت بېرىلمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ھېرا بات خانىم، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە بۇنىڭدىن كېيىن ئىزچىل كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
گوللاندىيە پارلامېنتى ئۆتكەن ھەپتە بۇ تېمىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، چېگرا ئاتلاپ باستۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىر قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغان ۋە بۇ ارقىلىق خىتاينىڭ گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان چېگرا ھالقىغان زوراۋانلىقىنىڭ يولىنى توسقان ئىدى.
ئۇيغۇر-تىبەت-موڭغۇل ئەركىنلىك لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى نيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلىدۇ
شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسال پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى ئۇيغۇر-تىبەت-موڭغۇل ئەركىنلىك لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى نيۇيورك مانخاتتاننىڭ راندال ئارىلى باغچىسىدىكى پۇتبول مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. 28-ماي كۈنى كەچ سائەت 6 دە، شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشى ۋە تىبەت مىللىي مارشى ئوقۇلۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ مۇسابىقىسى باشلىنىدۇ. ئەتىسى ئۇيغۇر كوماندىسى تىبەت پۇتبولچىلار جامائىتىنى زىيارەت قىلدۇرىدۇ، 30-ماي كۈنى كەچتە ئۇيغۇر-موڭغۇل ۋە موڭغۇل-تىبەت كوماندىلىرى مۇسابىقىگە چۈشىدۇ ۋە ئاخبارات باياناتى بىلەن مۇسابىقە ئاخىرلىشىدۇ.
شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسال پۇتبول كوماندىسىنىڭ تېرنىرى ئىلشات ئىسلام ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا بايان قىلىشىچە، ھازىرغىچە ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىن بولۇپ ئۇيغۇر پۇتبولچىلار مۇسابىقىگە ھازىرلىنىپتۇ. كۆپىنچىسى ئوخشىمىغان يەرلىك پۇتبول كوماندىلىرىدا توپ ئويناپ كېلىۋاتقان بۇ ماھىرلار، 26-ماي كۈنى نيۇيوركقا يېتىپ كېلىپ ئىككى كۈنلۈك مەشىقتىن كېيىن رەسمىي مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ. بۇ قېتىم ئۇيغۇر كوماندا ئەزالىرى ئىچىدە، سىنگاپوردىكى گېيلاڭ كوماندىسىنىڭ توپچىسى، نورۋېگىيەلىك ئۇيغۇر پۇتبولچىسى ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېھىممۇ بار ئىكەن.
شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسال كوماندىسى بىلەن تىبەت كوماندىسى ئۆتكەن يىلى لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن كۆنىفا پۇتبول مۇسابىقىسىدىمۇ ئوينىغان، ئۇيغۇر كوماندىسى 2 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن تىبەت كوماندىسىنى يەنگەن ئىدى.
بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ تەنھەرىكەت پائالىيىتى بولۇشتىن سىرت، دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى نيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بۇ مەزگىلدە، شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت مەسىلىسىنى خەلقئارا جامائەتنىڭ سەمىگە سېلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىلشات ئىسلام ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى ئۆزلىرىنى قوللاشقا ۋە قۇربان ھېيت كۈنلىرىگە توغرا كەلگەن بۇ مۇسابىقىنى كۆرۈشنى ھېيتلىق پائالىيەتلىرىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇشقا دەۋەت قىلدى.
ئىلشات ئىسلام مۇسابىقىنىڭ چىقىملىرىنىڭ خەير-ساخاۋەتچىلەرنىڭ ئىئانىلىرى بىلەن مەلۇم دەرىجىدە ھەل بولغانلىقى، قالغان قىسمىغا ئەل-جامائەتتىن ياردەم كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ غەيرىي رەسمىي رەھبەرلەر يىغىنى تۈركىستاندا ئۆتكۈزۈلدى
تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ غەيرىي رەسمىي رەھبەرلەر يىغىنى 15-ماي كۈنى قازاقىستاننىڭ تۈركىستان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جومارت توقايېۋ، شۇنداقلا ئەزەربەيجان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان رەھبەرلىرىمۇ قاتناشتى. يىغىنغا ۋېنگىرىيە، تۈركمەنىستان ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرى كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتناشتى.
ئەردوغان يىغىندا قىلغان سۆزىدە تۈرك دۇنياسىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن بىر گەۋدىگە ئايلىنىشى، دۆلەت مۇداپىئە ۋە تېخنىلوگىيە ئىش بىرلىكى، ئورتاق ئېلىپبە ۋە مائارىپنىڭ تەرەققىياتى مەسىلىسى، ۋە تۈركىيە بىلەن تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى ئارىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق تېمىلىرىدا توختالغان.
خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى دەسلەپكى مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرى شەكىلىدىن، يىلدىن-يىلغا، گېئوپولىتىك، ئىقتىسادىي، قاتناش-ترانسپورت ۋە بىخەتەرلىك ساھەلىرىدە بىر گەۋدىلىشىشكە قاراپ يۈزلەنمەكتە.
ئەسلىدە ئەردوغان قازاقىستانغا 13-ماي كۈنى كەلگەن؛ 14-ماي كۈنى ئاستانىدا قازاقىستان بىلەن 13 تۈرلۈك توختامنامە ئىمزالىغان.
تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنى ئادەتتە 3-4 كۈن مۇددەتتە ئېچىلىدىغان، ئالدىن پىروگراممىلانغان يىغىنى بولماستىن، ئەردوغاننىڭ قازاقىستان سەپىرىگە ماسلاشتۇرۇلغان ھالدا ئېچىلغان غەيرىي رەسمىي يىغىندۇر.
جەۋھەر ئىلھام ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى يىغىنىدا گۇۋاھلىق بەردى
5-ماي ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى (USCIRF) توردا «مۇسۇلمانلارغا بولغان ئۆچمەنلىكنىڭ كۈچىيىشى» تېمىسىدا مەخسۇس گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، دۇنيا مىقياسىدا مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان دىنىي ئەركىنلىك دەپسەندىچىلىكىنى مۇزاكىرە قىلدى.
يىغىنغا ئۇيغۇر پائالىيەتچى جەۋھەر ئىلھام تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىستېمىلىق زىيانكەشلىكلىرى ھەققىدە مۇھىم گۇۋاھلىقلارنى بەردى.
ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش ئىتتىپاقى (EUFL) نىڭ باياناتچىسى سۈپىتىدىكى جەۋھەر ئىلھام خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسىنىڭ دۇنيا تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئاز دېگەندە 17 كەسىپكە سىڭىپ كىرگەنلىكىنى، دۇنيادىكى ھەر بەش پاختا كىيىمنىڭ بىرىنىڭ خام ئەشياسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئېتىقادنى كوممۇنىستىك ئىدىئولوگىيەگە بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى، جۈملىدىن دىنىي تەلىم-تەربىيەنىڭ چەكلىنىشى ۋە يەر ناملىرىنىڭ ئۆزگەرتىلىشىنى تەپسىلىي بايان قىلدى.
جەۋھەر ئىلھام ئامېرىكىنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» (UFLPA) نى تېخىمۇ قاتتىق ئىجرا قىلىشقا ۋە ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنى خىتاي بىلەن بولغان سۆھبەتلەردە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشقا چاقىردى.
يىغىندا يەنە پاكىستان، ھىندىستان ۋە ياۋروپادىكى مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىمۇ تىلغا ئېلىندى. دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى رەھبەرلىرى دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداشنىڭ ئامېرىكىنىڭ مۇھىم دىپلوماتىك سىياسىتى ئىكەنلىكىنى، مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان ئۆچمەنلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ كەم بولسا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ 2026-يىللىق دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.
سۇرىيەدىكى ئۇيغۇر جەڭچىلەرنىڭ رولى ۋە بېيجىڭنىڭ كۈچىيۋاتقان دىپلوماتىك بېسىمى
ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاممىۋى رادىيوسى (NPR) نىڭ داڭلىق مۇخبىرى ئېمىلى فېڭ (Emily Feng) سۇرىيەدىكى نەق مەيدان زىيارەتلىرى ئارقىلىق، ئەسەد رېجىمىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان ئۇيغۇر جەڭچىلەر ۋە خىتاينىڭ ئۇلاردىن ئەنسىرىشىدىكى سەۋەبلەر ئۈستىدە مەخسۇس تەكشۈرۈش ماقالىسى ئېلان قىلدى.
ماقالىدە دېيىلىشىچە، ئەسەد رېجىمىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىدا چەتئەللىك جەڭچىلەر ئارىسىدىكى ئەڭ چوڭ قوشۇن بولغان ئۇيغۇرلار ئاچقۇچلۇق ۋە ئىستراتېگىيەلىك جەڭلەردە ئۆزگىچە رول ئوينىغان. بۇ جەڭچىلەر ئۆزلىرىنىڭ سۇرىيەدىكى ئۇرۇشقا قاتنىشىشىدىكى ئاساسىي مەقسەتنىڭ ھەربىي مەشىق قىلىش، ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش ۋە بىر كۈنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى يىقىلغاندا ئۆز ۋەتىنىنى ئازاد قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بىراق، ئۇيغۇرلارنىڭ سۇرىيەدىكى ئورنى خىتاينىڭ شىددەتلىك دىپلوماتىك بېسىمىغا دۇچ كەلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەلدىكى بارلىق ئۇيغۇر قوراللىقلىرىنى ئىزچىل ھالدا «تېررورچى» دەپ ئەيىبلەپ كەلگەن بولۇپ، يېقىندا دەمەشتىكى ئەلچىخانىسىنى قايتا ئاچقاندا، ئۇيغۇر جەڭچىلىرىنى سۈرىيەدىن قوغلاپ چىقىرىشنى قاتتىق تەلەپ قىلغان.
بولۇپمۇ، ب د ت سۇرىيەنىڭ يېڭى رەھبىرى ئەھمەد شارا ۋە يېڭى ھۆكۈمەتكە قارىتىلغان تېررورلۇق جازالىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى بىكار قىلىش ھەققىدە قارار لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، دائىمىي ئەزا سۈپىتىدىكى خىتاي بېلەت تاشلاشتىن ۋاز كەچكەن. خىتاي بۇ قارارنى ئوچۇق تەنقىد قىلىپ، سۇرىيە ھۆكۈمىتى خەلقئارانىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ۋە جازانىڭ بىكار قىلىنىشىغا ئېرىشىشتىن ئىلگىرى، ئۆز تېررىتورىيىسىدىكى ئۇيغۇر جەڭچىلىرى مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشى، يەنى ئۇلارنى چوقۇم دۆلەتتىن قوغلاپ چىقىرىشى ياكى يوقىتىشى كېرەكلىكىنى شەرت قىلىپ قويغان.
سۇرىيەدىكى ئۇيغۇرلار بولسا ئۆزلىرىنىڭ پۇقرالارنى نىشانلايدىغان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە پۈتۈنلەي قارشى ئىكەنلىكىنى، ئافغانىستاندىكى گۇرۇپپىلار بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى، پەقەت ئۆز ۋەتىنى ۋە ئېتىقادىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان مىللىي ئازادلىق كۈچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ب د ت نىڭ سابىق كۆزەتكۈچىلىرىمۇ سۇرىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ئىچىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە بىۋاسىتە چېتىشلىق ئىكەنلىكىگە ئائىت ھېچقانداق ئېنىق دەلىلللەرنى كۆرمىگەنلىكىنى تىلغا ئالغان.
ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، ھازىرئۇيغۇر جامائىتى سۇرىيەدە ئۆز مەدەنىيىتى ۋە مائارىپىنى ساقلاپ قېلىش، تۈرلۈك تىجارەتلەرنى قۇرۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى كۈچلەندۈرۈشكە كۈچەۋېتىپتۇ.
مۇخبىر ئېمىلى فېڭنىڭ سۇرىيەدىكى ئۇيغۇر جەڭچىلەر ھەققىدە ئەتراپلىق توختالغان ”يۈرىكىمىز ۋەتەن دەپ كۆيىدۇ: سۇرىيە ئىچكى ئۇرۇشىدىكى ئۇيغۇر جەڭچىلەر“ ناملىق يېڭى كىتابى پات ئارىدا نەشىردىن چىقىدىكەن.
ياپونىيەدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئائىت لېكسىيەلەر داۋاملاشماقتا
10-ماي توكيودا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىلەن خەلقار كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ياپونىيە شۆبىسى ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا بىر مەيدان ئىلىمي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىندا خىتاينىڭ ھازىرقى زامان تارىخى تەتقىقاتچىسى سۈپىتىدە تونۇلغان مۇئاۋىن پروفېسسور شىباتا تېتسو ئەپەندىم لېكسىيە سۆزلىدى.
بۇ يىغىن ياپونىيەدىكى ئاكادېمىكلارنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا ئاكتىپ ئاۋاز چىقىرىشقا ئۈندەش ۋە سەپەرۋەر قىلىش ئۈچۈن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان ھەر ئىككى-ئۈچ ئايدا بىر قېتىم ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان يۈرۈشلۈك لېكسىيەلەرنىڭ بىرى ئىكەن.
تەتقىقاتچى شىباتا ئەپەندىم نەچچە يىلدىن بۇيان، غەرپ ئەللىرىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى تەتقىقاتى بىلەن خىتيانىڭ ئۇنى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن قىلغان تەشۋىقاتلىرى ۋە ئاشكارىلنىپ كەتكەن ئىچكى ھۆججەتلىرىنى كۆپلەپ سېلىشتۇرۇش ۋە ئانالىز قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان.
بۇ قېتىمقى لېكسىيەسىدە، شىباتا ئەپەندىم خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ”قايتا تەربىيىلەش“ نامىدا كەڭ-كۆلەمدە لاگرلارغا قامىشى، ”ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش“ نامىدا ئۇيغۇر ياشلىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەكلەرگە سېلىشى، ئۇيغۇر قىزلىرىغا تەھدىت سېلىش ياكى ئېقتىسادىي مەنپەئەت بىلەن ئالداش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق خىتاي ئەرلىرى بىلەن توي قىلىشقا زورلىشى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۇغماس قىلىۋېتىش ئارقىلىق نوپۇس تىزگىنلىشى قاتارلىق تېمىلاردا ئۆزىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىقاتىنىڭ ساختىلىقلىقلىرىنى ئېچىپ تاشلىدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەر دائىم كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ يۈرۈشلۈك لېكسىيەلەرنىڭ تەسىرىدە، ياپونىيە خەلقىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تۈرلۈك زۇلۇملىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى چۈشەنچىسى كۈنسېرى كېڭەيگەن.
مۇھاكىمە يىغىنىدا يەنە، خەلقار كەچۈرۈم تەشكىلاتنىڭ بىر نەپەر خادىمى بىلەن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى لېكسىيەگە يانداش ھالدا مۇناسىۋەتلىك دوكلاتلارنى بەردى.
