5-ماي، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى (USCIRF) توردا «مۇسۇلمانلارغا بولغان ئۆچمەنلىكنىڭ كۈچىيىشى» تېمىسىدا مەخسۇس گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، دۇنيا مىقياسىدا مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان دىنىي ئەركىنلىك دەپسەندىچىلىكىنى مۇزاكىرە قىلدى.
يىغىنغا ئۇيغۇر پائالىيەتچى جەۋھەر ئىلھام تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىستېمىلىق زىيانكەشلىكلىرى ھەققىدە مۇھىم گۇۋاھلىقلارنى بەردى.
ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش ئىتتىپاقى (EUFL) نىڭ باياناتچىسى سۈپىتىدىكى جەۋھەر ئىلھام خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسىنىڭ دۇنيا تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئاز دېگەندە 17 كەسىپكە سىڭىپ كىرگەنلىكىنى، دۇنيادىكى ھەر بەش پاختا كىيىمنىڭ بىرىنىڭ خام ئەشياسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئېتىقادنى كوممۇنىستىك ئىدىئولوگىيەگە بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى، جۈملىدىن دىنىي تەلىم-تەربىيەنىڭ چەكلىنىشى ۋە يەر ناملىرىنىڭ ئۆزگەرتىلىشىنى تەپسىلىي بايان قىلدى.
جەۋھەر ئىلھام ئامېرىكىنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» (UFLPA) نى تېخىمۇ قاتتىق ئىجرا قىلىشقا ۋە ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنى خىتاي بىلەن بولغان سۆھبەتلەردە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشقا چاقىردى.
يىغىندا يەنە پاكىستان، ھىندىستان ۋە ياۋروپادىكى مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىمۇ تىلغا ئېلىندى. دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى رەھبەرلىرى دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداشنىڭ ئامېرىكىنىڭ مۇھىم دىپلوماتىك سىياسىتى ئىكەنلىكىنى، مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان ئۆچمەنلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ كەم بولسا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ 2026-يىللىق دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.
