ياۋروپا پارلامېنتى دۆلەت ھالقىغان زىيانكەشلىككە قارشى تۇرۇش قارارىنى ماقۇللىدى

بۇ قارار ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دېموكراتىيەگە قارشى سىرتتىن كېلىدىغان تەھدىتلەرگە، خۇسۇسەن خىتاينىڭ نىشانىغا ئايلانغان ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى ھىمايىچىلىرىنى قوغداشقا بولغان ئىرادىسىنى نامايەن قىلىدىغان كۈچلۈك بىر قەدەم دەپ باھالانماقتا.

16- ئىيۇن ياۋروپا پارلامېنتى بىريۇسسېلدا ئومۇمىي يىغىن چاقىرىپ، مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى تېررىتورىيەسىدىكى ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى، ژۇرنالىستلار ۋە سىياسىي پاناھلانغۇچىلارغا قاراتقان «دۆلەت ھالقىغان زىيانكەشلىك» قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىش ۋە ياۋروپانىڭ دېموكراتىك قىممەت قارىشىنى قوغداش توغرىسىدىكى مۇھىم بىر ئىستراتېگىيەلىك قارار لىيىھەسىنى ماقۇللىدى. قاراردا خىتاي، رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ چېگرا ھالقىغان زىيانكەشلىكلىرى قاتتىق تەنقىدلەندى.

قاراردا خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ دائىرىدىكى دۆلەت ھالقىغان زىيانكەشلىك ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ ياۋروپادىكى ئۇيغۇر دىياسپوراسىنىڭ رەقەملىك نازارەت، تەھدىت ۋە پاراكەندىچىلىكنىڭ ئاساسلىق نىشانىغا ئايلانغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. خىتاينىڭ ياۋروپادا قانۇنسىز يوشۇرۇن ساقچى پونكىتلىرىنى قۇرغانلىقى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقى ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تەتقىق قىلىۋاتقان ياۋروپالىق ئاكادېمىكلارغا بېسىم ئىشلەتكەنلىكى ئەيىبلەندى.

قاراردا، ياۋروپا پارلامېنتى دۆلەت ھالقىغان زىيانكەشلىككە قەتئىي يول قويماسلىق ۋە ئورتاق بىر قانۇنىي ئېنىقلىما بېكىتىش؛ دىكتاتۇر دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنى سۇيئىستىمال قىلىپ، ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرىگە قاراتقان سىياسىي غەرەزلىك «قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى» چىقىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مېخانىزمى قۇرۇش؛ مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭ ئۆز پۇقرالىرىنى پاسپورت ياكى ھۆججەت بېجىرىش ئۈچۈن ئەلچىخانىلارغا كېلىشكە مەجبۇرلاپ، شۇ يەردە قورقۇتۇش ياكى تۇتقۇن قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئالاھىدە ۋىزا تەسىس قىلىش ۋە مەمۇرىي جەھەتتىن قوغداشنى يولغا قويۇش؛ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشقا ئالاقىدار ئەمەلدارلارنى جازالاش ۋە ئۇلارنىڭ مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق ئېرىشكەن ئالتۇن ۋىزا سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بۇ قارار ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دېموكراتىيەگە قارشى سىرتتىن كېلىدىغان تەھدىتلەرگە، خۇسۇسەن خىتاينىڭ نىشانىغا ئايلانغان ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى ھىمايىچىلىرىنى قوغداشقا بولغان ئىرادىسىنى نامايەن قىلىدىغان كۈچلۈك بىر قەدەم دەپ باھالانماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قارار رەسمىي ھالدا ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى، ياۋرۇپا كومىسسىيەسى ۋە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرىغا يوللانغان.