ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى قارارى: شى جىنپىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ
مۇشۇ ئاينىڭ 16-كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى رىك سىكوت (Rick Scott)، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيەسىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى ئىشلەۋاتقان جىنايەتلىرىنى ئەيىبلەپ قارار لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويدى، قارار پالاتادا تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى.
قاراردا شى جىنپىڭ ۋە پارتىيەسى سادىر قىلغان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى، مىليونلارچە ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا سولىنىشى، ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك زىيانكەشلىكى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىش ۋە ئەيىبلىنىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ كوۋىد (COVID) ۋىرۇسى ئارقىلىق دۇنياغا تارقاتقان بالايىئاپىتى ۋە ئاپەتنىڭ مەنبەسىنى تېخىچە يوشۇرۇۋاتقانلىقى، فېنتانىل ئارقىلىق ئامېرىكىلىقلارغا يەتكۈزگەن زىيان-زەخمىتى، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا پەيدا قىلىۋاتقان پاراكەندىچىلىكى قاتارلىقلار بىر-بىرلەپ بايان قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ شېرىكىمۇ ئەمەس، رىقابەتچىسىمۇ ئەمەس، بەلكى ئەشەددىي دۈشمىنى ئىكەنلىكى ئوچۇق ۋە كەسكىن ئىبارىلەر بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلدى، شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى شى جىنپىڭ ۋە خىتاي كومپارتىيەسىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرىدىن ھېساب ئېلىشقا چاقىردى.
شى جىنپىڭ ۋە پارتىيەسى قىرغىنچىلىق، ئالدامچىلىق، يالغانچىلىق، ئوغرىلىق ۋە رەھىمسىزلىك بىلەن ئەيىبلەنگەن بۇ قاراردا، ئۇنىڭ دۇنياغا تارقىتىۋاتقان بالايى ئاپەتلىرىدىن بىر مىسال ئېلىپ، ئۇنىڭ ئافرىقا دۆلىتى زامبىيەدە بىر دەريانى بۇلغاپ بەش مىليوندين ئارتۇق كىشىنىڭ زەھەرلىنىشىگە سەۋەب بولغانلىقى، بۇ زىيانكەشلىكنى قەستەن قىلغانلىقى، چۈنكى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيەسىنىڭ باشقىلارنىڭ، يەنى ئۆز پۇقرالىرى ياكى باشقا دۆلەت خەلقلىرى بولسۇن، ھېچكىمنىڭ بىخەتەرلىكىنى نەزەردە تۇتمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە دۇنيانىڭ تەرتىپ-ئىنتىزامىغا ۋە تىنچلىقىغا، جۈملىدن ئىنسانىيەتكە قارشى تەھدىت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
رىك سىكوت قارار ماقۇللانغاندىن كېيىن ئاخبارات باياناتىدا، بۇ قارارنىڭ شى جىنپىڭنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدىن بىر كۈن كېيىن ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، شى جىنپىڭ ۋە تەرەپدارلىرىغا ھوشىنى تېپىۋېلىش سىگنالىنى بەردى. كۆزەتكۈچىلەر بۇ قارارنى شى جىنپىڭنىڭ نامى ئاشكارە تىلغا ئېلىنىپ، قاتتىق ئەيىبلەنگەن تۇنجى قارار دەپ قاراشماقتا.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق فېدېراتسىيەسى: تايلاندنىڭ ئىككى ئۇيغۇر ئۈستىدىكى ھۆكۈمى قانۇنسىز
مەركىزى فىرانسىيەدە بولغان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق فېدېراتسىيەسى 11-ئىيۇن كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، تايلاند سوتىنىڭ بىلال مۇھەممەد ۋە مىرئەلى يۈسۈپ ئۈستىدىكى ئۆلۈم ھۆكۈمىنى قانۇنسىز دەپ ئەيىبلىدى ۋە ھۆكۈمنى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىردى.
مەزكۇر تەشكىلات 1922-يىلى قۇرۇلغان ۋە دۇنيادا 100 دىن ئارتۇق دۆلەتتىكى 200 دىن ئارتۇق تەشكىلاتنىڭ ھەمكارلىقى ئاساسىدا قۇرۇلغان نوپۇزلۇق خەلقئارا تەشكىلاتتۇر. مەزكۇر باياناتتا تەشكىلات رەئىسى تەپپى ئونو ئەپەندىنىڭ مۇنۇ سۆزلىرى ئورۇن الدى:
«مەھكۇملار سوتقا تارتىلىش جەريانىدا باشتىن-ئاخىر ھەق-ھوقۇقى دەپسەندە بولغان، ئەمدىلىكتە، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ھوقۇقى بولغان ياشاش ھوقۇقىمۇ يوق قىلىنىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن؛ بۇ زىيانكەشلىكنىڭ ئۈستىگە قىلىنغان زىيانكەشلىكتۇر؛ ھۆكۈم دەرھال بىكار قىلىنىشى ۋە قانۇنىي تەرتىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى كېرەك».
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق فېدېراتسىيەسى «ئۆلۈم جازاسىغا دۇنياۋى ئىتتىپاق (WCADP)» تەشكىلاتىنىڭمۇ قۇرغۇچى ئەزالىرىدىن بولۇپ، تەشكىلات باياناتىدا، مەھكۇملارنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇش جەريانىدا تېگىشلىك ئەركىنلىك ھوقۇقىدىن، قىيىن-قىستاقتىن ساقلىنىش ھوقۇقىدىن، مۇستەقىل، بىتەرەپ، سالاھىيەتلىك سوت تەرىپىدىن سوتلىنىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالغانلىقىنى ئەسكەرتتى. بۇ تەشكىلات يەنە سوتنىڭ 11 يىلغا سوزۇلۇپ كېتىشىنىمۇ قانۇنىي تەرتىپكە ئۇيغۇن ئەمەس دەپ تەنقىد قىلدى.
تەشكىلات، تايلاندنىڭ خەلقئارا پۇقرالار ۋە سىياسىي ھەقلەر كېلىشىمىگە (ICPR) ۋە خەلقئارا قىيىن-قىستاق ۋە غەيرىي ئىنسانىي جازالارغا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسىگە (CAT) ئىمزا قويغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۇلارنىڭ ئىككى ئۇيغۇر دېلوسىدا يۇقىرىقى ئىككى ئەھدىنامىدىكى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىغانلىقى ۋە ئۇنى دەپسەندە قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشنى نازارەت قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسىمۇ (WGAD) ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا تايلاند سوتىنىڭ ئىككى ئۇيغۇر ئۈستىدىكى سوت جەريانىنى خەلقئارا قانۇن ئۆلچەملىرىگە ئۇيغۇن ئەمەس دەپ بېكىتكەن ئىدى.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق فېدېراتسىيەسى ب د ت ئورگىنىنىڭ بۇ قارارىدىكى ئىككى ئۇيغۇرنى دەرھال قويۇپ بېرىش، ئۇلار ئۇچرىغان قىيىن-قىستاق ئۈچۈن تۆلەم تۆلەش قاتارلىق ماددىلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق فېدېراتسىيەسى ب د ت دا مەسلىھەتچىلىك ئورنىغا ئىگە، ئۇ يەنە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ۋە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى بىلەنمۇ ھەمكارلىشىپ ئىشلەۋاتقان تەشكىلات بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى چاقىرىقىنىڭ تايلاندنىڭ قارارىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باياناتى بىلەن ئوخشاش كۈندە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى، شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمۇ ئارقىمۇارقا بايانات ئېلان قىلىپ ھۆكۈمگە نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى ۋە بۇ قانۇنسىز ھۆكۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتنى ھەرىكەتكە چاقىردى.
دوختۇرخانا باشلىقى ساتتار قۇربان «5-ئىيۇل» يارىدارىنى داۋالىغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان
خىتاي تاراتقۇلىرى ئالدىنقى ئايدا تۇرپان ئۇيغۇر تىبابەتخانىسىنىڭ باشلىقى سەتتار قۇرباننىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكوم ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا سەتتار قۇربان باشقۇرۇۋاتقان دوختۇرخانىنىڭ بۇنىڭدىن 17 يىل ئىلگىرى «5-ئىيۇل ۋەقەسى»دە پۇتىغا ئوق تېگىپ قېچىپ چىققان بىر يارىدارنى داۋالىغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە سەتتار قۇربان بۇ داۋالاشقا ئۆزى بىۋاسىتە قاتناشمىغان، پەقەت دوختۇرخانىدىكى دوختۇرلارنىڭ يارىدارنىڭ پۇتىدىكى ئوقنى ئېلىۋېتىشىگە رۇخسەت قىلغان.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر بازارلىق ساقچى خادىمى سەتتار قۇرباننىڭ دېلوسى ھەققىدە ساقچىخانىغا ئۇقتۇرۇش كەلگەنلىكى ۋە ئۇقتۇرۇشتا ئۇنىڭ «تېررورچى»لارنى داۋالىغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
تۇرپاندىكى مەلۇم بىر سوت خادىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2009-يىلى يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ۋەقەسى» كۈنى ئۈرۈمچىدىن يۇرتى تۇرپانغا قېچىپ چىققان بىر يارىدار قانسىراپ كەتكەن ھالەتتە تۇرپان ئۇيغۇر تىبابەتخانىسىغا كېلىپ جىددىي قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلغان. نۆۋەتچى دوختۇر دوختۇرخانا باشلىقى ساتتار قۇرباندىن رۇخسەت ئالغاندىن كېيىن يارىدارنىڭ پۇتىدىكى ئوقنى ئېلىۋەتكەن.
دېيىلىشىچە، ئەينى چاغدا دوختۇرخانا يارىدارنى داۋالىغاندىن كېيىن، ئەھۋالنى ساقچىلارغا مەلۇم قىلغان ۋە ساقچىلار يارىدارنى دوختۇرخانىدىن قاماقخانىغا ئېلىپ كەتكەن. ئەينى چاغدا ئۇلارنىڭ بۇ داۋالىشى قانۇن تارماقلىرىغا ماسلىشىش، يەنى گۇماندارنىڭ شېرىكلىرىنىڭ پاش بولۇشىغا ئىمكان يارىتىش دەپ قارالغان. ئەمما 2017-يىلى باشلانغان ۋە ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان «خۇيتوۋكەن» (ئارقىسىغا-ئۆتمۈشىگە قاراش) دولقۇنى بويىچە، 2017-يىلى مەزكۇر يارىدارنى داۋالىغان دوختۇر، بۇ يىلغا كەلگەندە دوختۇرخانا باشلىقى ساتتار قۇربان تېررورچىلارغا ھېسداشلىق قىلىش ۋە قانات ئاستىغا ئېلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغان.
ساتتار قۇرباننىڭ نۆۋەتتە «چىرىكلىك» دېلوسىغا چېتىلىپ ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى مەلۇم بولسىمۇ، شۇ قېتىمقى يارىدار ۋە ئۇنى داۋالىغان دوختۇرنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى تا ھازىرغىچە مەلۇم ئەمەس.
تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى مالايسىيادىكى خەلقئارالىق يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلدى
«ئۇيغۇر پوچتىسى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 16-ئىيۇن كۈنى تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئەمىنھاجى مالايسىيادا تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جىددىي ۋە ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇرېشىت ئەمىنھاجى 11-ئىيۇن كۈنى باشلانغان مالايسىيا زىيارىتى داۋامىدا، مالايسىيا دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە مۇسۇلمان دۇنياسى ئالىي كېڭىشى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «3-نۆۋەتلىك خەلقئارا دىنىي رەھبەرلەر يىغىنى»غا قاتناشقان، ئۇ يىغىندا شەرقىي تۈركىستان ياشلىرىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.
ئۇ يىغىن جەريانىدا، مالايسىيا باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەسلىھەتچىلىرى، مالايسىيا دىنىي ئىشلار باشقارمىسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقى (UNHCR) ئەمەلدارلىرى قاتارلىق بىر قاتار ھۆكۈمەت ۋە ئاممىۋى تەشكىلات رەھبەر ۋە ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەن.
سۆھبەتلەردە، ھازىر تايلاندتا قىيىن ئەھۋالدا قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى مۇھىم تېما بولغان.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ يېتەكچىسى ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ فېيسبۇك ھېسابىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، مەزكۇر پروگرامما خادىملىرى 15-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار بۆلۈملىرى بىلەن نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن، بۇ سۆھبەتتىمۇ نۆۋەتتە تايلاندتا خەتەرلىك ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى دوكلات قىلىنغان.
كانادا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مۇھاجىر رۇسۇلنىڭ خەتتاتلىق ماھارىتى ئالقىشقا ئېرىشتى
16-ئىيۇن كۈنى كانادا پارلامېنتىدا مۇسۇلمانلارنىڭ قۇربان ھېيتلىق مەدەنىيەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن. پائالىيەتكە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ئۇيغۇر مۇھاجىر رۇسۇل نەق مەيداندا خەتتاتلىق ماھارىتىنى كۆرسىتىپ ئالقىشقا ئېرىشكەن.
پائالىيەتچى مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئىلگىرى، يەنى 17-ماي كۈنى كانادا M62 كۆچمەنلەر پروگراممىسى بويىچە كاناداغا كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئىشتىراكىدا ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، شۇ پائالىيەتتە خەتتات رۇسۇل پائالىيەتكە قاتناشقان بىر تۈركۈم پارلامېنت ئەزالىرىغا ئۆزى يازغان ھۆسنخەتنى تەقدىم قىلغان. شۇ چاغدىلا رۇسۇلنىڭ ماھارىتىگە قىزىققان پارلامېنت ئەزاسى سامىر زۇبەيرى بۇ قېتىمقى قۇربان ھېيت پائالىيىتىگە خەتتات رۇسۇلنىمۇ دەۋەت قىلغان. رۇسۇل نەق مەيداندا تەلەپلەر بويىچە ئىسىم-فامىلە ۋە ھېكمەتلىك سۆزلەرنى ھۆسنخەت شەكلىدە يېزىپ پائالىيەتكە قاتناشقانلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
مەھمەت توختى ئەپەندىنىڭ يەنە دېيىشىچە، بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر پائالىيەتكە كەلگەن بىر قىسىم مىنىستىرلار ۋە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىش ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى چۈشەندۈرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.
دوكتۇر نەبىجان تۇرسۇن ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىدى
يېقىندا، ئىستانبۇلنىڭ سافاكۆي رايونىدىكى ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەخپى زالىدا شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىغا بېغىشلانغان لېكسىيە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەتنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى، دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە تۈركىستان كۇتۇپخانىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇردى.
يىغىندا تارىخشۇناس دوكتور نەبىجان تۇرسۇن پائالىيەت جەريانىدا «1910-1930-يىللار: ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئويغىنىشى، ئازادلىق، سىياسىي ۋە مائارىپ ھەرىكەتلىرى» ھەمدە «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە ئۇنىڭ مىراسلىرى» دېگەن تېمىلاردا ئىككى مەيدان دوكلات بەردى. ئۇ ئۆز دوكلاتىدا ئۇيغۇر ئويغىنىش تارىخىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىنى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ سىياسىي مىراسلىرىنى پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى.
يىغىن جەريانىدا، دوكتور نەبىجان تۇرسۇن تەرىپىدىن يېزىلغان «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» ناملىق زور ھەجىملىك ئەسەرنىڭ يېڭى نەشردىن چىققان 4- تومى بىلەن 6-تومى (3-قىسىم) كۆپچىلىككە تونۇشتۇرۇلدى.
يىغىندا جامائەت ئەربابىلىرى، تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە مۇتەخەسىسلەر سۆز قىلىپ، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ، يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، ئۇيغۇر تارىخىنى تەتقىق قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەشتى ھەمدە دوكتور نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئىلمىي تۆھپىلىرىگە، بولۇپمۇ ئۇنىڭ «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» ناملىق زور ھەجىملىك ئەسىرىگە ئالاھىدە يۇقىرى باھا بەردى.
يىغىن ئاخىرىدا، دوكتور نەبىجان تۇرسۇنغا ھەدىيە تەقدىم قىلىندى ۋە ئاپتور كىتابخۇمارلارغا كىتابلىرىنى ئىمزالاپ بەردى.
”ئۇيغۇر روھىي ساغلاملىق تەشەببۇسى“ تەشكىلاتى دالا پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردى
ئۆتكەن ھەپتە، «ئۇيغۇر روھىي ساغلاملىق تەشەببۇسى» ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتىنى تەشكىللەپ، ئىككى كۈنلۈك دالا پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
”ئۇيغۇر روھىي ساغلاملىق تەشەببۇسى“ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان چەكتىن ئاشقان زۇلۇمى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئارقا كۆرۈنۈشى ئاستىدا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ھەرخىل روھىي بېسىملارنى كۆزدە تۇتۇپ، روھىي ساغلاملىق جەھەتتىن ياردەم بېرىش ئۈچۈن 2018-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلەپ كەلمەكتە.
پائالىيەتتە، ئامېرىكا كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىببىي تەتقىقاتچىسى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئامېرىكا شۆبىسىنىڭ رەئىسى دوختۇر مەمەت ئىمىن روھىي ساغلاملىق ھەققىدە مەخسۇس لېكسىيە بەردى. ئۇ لېكسىيەسىدە، روھىي ساغلاملىق بىلەن جىسمانىي ساغلاملىقنىڭ مۇناسىۋىتى، ئىنسانلار كەيپىياتىدىكى نورماللىق ۋە بىنورماللىقلار، نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پسىخىكىلىق مەسىلىلەر ۋە ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرى قاتارلىق مەزمۇنلار ئۈستىدە توختالدى. دوختۇر مەمەت ئىمىن ئۇيغۇر جامائەت ئەزالىرىنىڭ يالغۇز جىسمانىي ساغلاملىققىلا ئەمەس، بەلكى روھىي ساغلاملىققىمۇ ئەھمىيەت بەرگەندىلا، ئۆز ئائىلىسىنىڭ روناق تېپىشىغا كاپالەتلىك قىلالايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ۋەتەن دەۋاسى ئۈچۈن تېخىمۇ زور كۈچ چىقارغىلى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە يەنە، دوكتور ئەسەت سۇلايمان «20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدىكى سىياسىي پۇرسەتلەر» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلەپ، ئۆتكەن بىر ئەسىردە ئۇيغۇرلارغا كەلگەن سىياسىي پۇرسەتلەرنى بىر-بىرلەپ بايان قىلدى ھەمدە ئاشۇ پۇرسەتلەرنىڭ قانداقلارچە قولدىن كەتكەنلىكى ھەققىدە توختالدى. شۇنداقلا، ئۇ مۇنداق پۇرسەتلەرنىڭ يەنىلا كېلىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ بۇ پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇشقا ھەردائىم تەييار تۇرۇشىنىڭ تولىمۇ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
بۇ لېكسىيەلەردىن كېيىن، پائالىيەتتە سۆزلەنگەن تېمىلار بويىچە مۇلاھىزە ۋە مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى.
كانادادا خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تەدبىرلەر كۈچەيمەكتە
كانادا ھۆكۈمىتى خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا قانۇن چىقىرىش ۋە ئىجرا قىلىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشكە باشلىدى.
بۇ ھەرىكەت ئامېرىكا سودا ۋەكىللىرى ئىدارىسى (USTR) نىڭ كانادانى شمالىي ئامېرىكا ئەركىن سودا كېلىشىمى (USMCA) دىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلمىدى ھەمدە خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارغا قارشى چىقارغان ئۆز قانۇنلىرىنىمۇ يېتەرلىك دەرىجىدە ئىجرا قىلمىدى دەپ قاراپ، كانادا مەھسۇلاتلىرىدىن %10 تاموژنا بېجى ئالىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سالغانلىقىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى.
مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، كانادا نۆۋەتتىكى قانۇنلار بويىچە خىتايدىن كەلگەن ھمەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئىككى قېتىملىق ئىمپورت يۈكىنىلا رەت قىلغان بولۇپ، بۇ ئەمەلىيەتتە نۆۋەتتىكى كەڭ كۆلەملىك مەجبۇرىي ئەمگەك زەنجىرىگە سېلىشتۇرغاندا ئىنتايىن يېتەرسىز ھېسابلىنىدىكەن. نۆۋەتتە ئۇيغۇر قۇل ئىشچىلارنىڭ ئەمگىكى سىڭگەن خىتاينىڭ ئېلېكترونلۇق ئاپتوموبىللىرى، ئاليۇمىن زاپچاسلىرى، پاختا توقۇمىچىلىق بۇيۇملىرى ۋە پەمىدۇر مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۇنياۋى تەمىنلەش زەنجىرىگە سىڭىپ كىرىۋاتقانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلمەكتە.
كانادا پارلامېنتىدا يېڭىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان C-35 قانۇن لايىھەسى ئامېرىكىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، ئۇ كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق دەپ گۇمان قىلىنغان دۆلەت، رايون ۋە مەھسۇلاتلارنىڭ تىزىملىكىنى چىقىرىش ھوقۇقىنى بېرىدۇ. ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى كانادا ھۆكۈمىتىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە قارىتا تېخىمۇ قاتتىق پوزىتسىيە تۇتۇشقا، خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئاشكارىلايدىغان تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى كۈچەيتىشكە چاقىرماقتا.
