يېقىندا، ئىستانبۇلنىڭ سافاكۆي رايونىدىكى ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەخپى زالىدا شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىغا بېغىشلانغان لېكسىيە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەتنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى، دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە تۈركىستان كۇتۇپخانىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇردى.
يىغىننىڭ ئاساسلىق مېھمىنى سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنغان تارىخشۇناس دوكتور نەبىجان تۇرسۇن پائالىيەت جەريانىدا «1910-1930-يىللار: ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئويغىنىشى، ئازادلىق، سىياسىي ۋە مائارىپ ھەرىكەتلىرى» ھەمدە «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە ئۇنىڭ مىراسلىرى» دېگەن تېمىلاردا ئىككى مەيدان دوكلات بەردى. ئۇ ئۆز دوكلاتىدا ئۇيغۇر ئويغىنىش تارىخىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىنى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ سىياسىي مىراسلىرىنى پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى.
يىغىن جەريانىدا، دوكتور نەبىجان تۇرسۇن تەرىپىدىن يېزىلغان «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» ناملىق زور ھەجىملىك ئەسەرنىڭ يېڭى نەشردىن چىققان 4- تومى بىلەن 6-تومى (3-قىسىم) كۆپچىلىككە تونۇشتۇرۇلدى.
يىغىندا جامائەت ئەربابىلىرى، تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە مۇتەخەسىسلەر سۆز قىلىپ، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ، يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، ئۇيغۇر تارىخىنى تەتقىق قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەشتى ھەمدە دوكتور نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئىلمىي تۆھپىلىرىگە، بولۇپمۇ ئۇنىڭ «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» ناملىق زور ھەجىملىك ئەسىرىگە ئالاھىدە يۇقىرى باھا بەردى.
يىغىن ئاخىرىدا، دوكتور نەبىجان تۇرسۇنغا ھەدىيە تەقدىم قىلىندى ۋە ئاپتور كىتابخۇمارلارغا كىتابلىرىنى ئىمزالاپ بەردى.
