گۈزەلنۇر ئادىل: ئوغلۇم سالامەت قايتىپ كەلدى، بېيجىڭدىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسىغا رەھمەت

تۈنۈگۈن گېرمانىيەدىن بېيجىڭغا ئايروپىلان بىلەن يولغا سېلىۋېتىلگەن ئارافات ئادىل بېيجىڭ ئايرودۇرۇمىدا بىرنەچچە سائەت سوراق قىلىنغاندىن كېيىن تۈركىيەگە قايتۇرۇلغان.

تۈنۈگۈن گېرمانىيەدىن بېيجىڭغا ئايروپىلان بىلەن يولغا سېلىۋېتىلگەن ئارافات ئادىل بېيجىڭ ئايرودۇرۇمىدا بىرنەچچە سائەت سوراق قىلىنغاندىن كېيىن تۈركىيەگە قايتۇرۇلغان. بۈگۈن 23-ئىيۇل كۈنى سەھەر سائەت 7 دە ئىستانبۇلدىكى ئۆيىگە ساق-سالامەت يېتىپ كەلگەن ئارافات ئادىل رادىيومىز مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، گېرمانىيە ۋە بېيجىڭ ئايرودۇرۇمىدا بېشىدىن كەچۈرگەنلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئارافاتنىڭ ئانىسى گۈزەلنۇر ئادىل ئوغلىنىڭ بېيجىڭدىن قايتىشتىن ئىلگىرى ئايروپىلانغا چىققانلىقى ۋە تۈركىيەگە قاراپ ئوچقانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسى خادىمىدىن ئۇققانلىقىنى ھەمدە بۇ قايتىپ كېلىشتە تۈركىيە ئەلچىخانىسى مۇھىم رول ئوينىدى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئوغلىنىڭ ئاقىۋىتىگە كۆڭۈل بۆلگەن بارلىق تەشكىلات ۋە ئاخبارات خادىملىرىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

ئارافاتنىڭ ئىككى ئايرودۇرۇمدا بېشىدىن كەچۈرگەنلىرى ھەققىدە جۈمە كۈنىدىكى پروگراممىمىزدا مەلۇمات بېرىلىدۇ.