ئىستانبۇلنىڭ كۈچۈكچەكمە رايونىدا 3-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر مەھەللە ئويۇنلىرى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر پەرزەنتى ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى بالىلار ئويۇنلىرى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ باشقا تۈرلىرى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.
شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى تەشكىللىگەن بۇ پائالىيەت مارشال فەۋزى چاقماق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ قورۇسىدا ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە دائىر قامۇس ۋە باشقا مەنبەلەردىن تاللانغان 32 خىل ئەنئەنىۋى بالىلار ئويۇنى نامايەن قىلىندى. تەشكىللىگۈچىلەر بۇ 32 خىل ئويۇننى 60 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشقا ئالدىن ئۆگەتكەن بولۇپ، ئۇلار پائالىيەت كۈنى بۇ ئويۇنلارنى بالىلارغا ئۆگەتتى ۋە بىللە ئوينىدى.
نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر رادىيومىز زىيارىتىدە قىلغان سۆزىدە، بۇ پائالىيەتنىڭ پەقەت بالىلارنىڭ كۆڭۈللۈك ئوينىشىنىلا مەقسەت قىلمايدىغانلىقىنى، بەلكى مۇھاجىرەتتە ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئانا تىلى، مەدەنىيىتى ۋە مىللىي كىملىكى بىلەن بولغان باغلىنىشىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى يوقىتىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، چەت ئەللەردە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بۇ خىل مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى «ئاسسىمىلياتسىيەگە قارشى كۈرەشنىڭ بىر قىسمى» دەپ تەسۋىرلىدى.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇساجان ئەر ئۆز ۋەتىنىدىن يىراقتا تۇغۇلغان ياكى ئۆسۈۋاتقان بۇ بالىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇشىنى بىۋاسىتە ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى، بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ ئۇلارنى ئۆز تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە قىممەت قاراشلىرى بىلەن باغلاشقا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇ پائالىيەتتە بالىلار مەھەللە ئويۇنلىرىنى ئويناشتىن باشقا يەنە مىللىي كىيىم-كېچەك، ئېغىز ئەدەبىياتى، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە ئەنئەنىۋى غىزا-تائام قاتارلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئوخشىمىغان ئامىللىرى بىلەنمۇ تونۇشتى.
بۇ پائالىيەت تۈركىيەدىكى بىر قىسىم غوللۇق ئاخبارات ۋاسىتىلرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، س ن ن تۈرك، ئانادولۇ ئاگېنتلىقى، ھۆرىيەت گېزىتى قاتارلىقلار بۇ پائالىيەت ھەققىدە مەخسۇس خەۋەرلەرنى ئىشلىدى.
