نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان مۇھاجىر ئابدۇللا تۆمۈر يېقىندا پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى ئىزدەش جەريانىدا ئەخمەتجان ئىسىملىك بىر كىشى بىلەن تونۇشقان. بۇ كىشى ئۇنىڭغا پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى دەپ بېرىشكە ۋەدە بېرىش بىلەن بىللە سۇرىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات سورىغان.
2016-يىلى تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان بىر پەرزەنتىنى يوقلاش ئۈچۈن كەلگەن ئابدۇللا تۆمۈر شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەت كەسكىنلەشكەنلىكى ئۈچۈن يۇرتىغا قايتالمىغان. ئۇ كۇچادا قالغان ئۈچ پەرزەنتى ھەققىدە ئون يىلغا يېقىن ھېچقانداق ئۇچۇر ئالمىغاندىن كېيىن، بۇ يىل مارت ئېيىدا فېيسبۇكتا بىر تەلەپنامە ئېلان قىلىپ، كۇچادىكى ساقچىلاردىن پەرزەنتلىرى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
ئۇنىڭ بۇ تەلەپنامىسى تىك-توك (دوۋيىن) تا تارقىلىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 50 مىڭدىن ئارتۇق قېتىم كۆرۈلگەن. بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۆزىنى كونسۇلخانا خادىمى، تاموژنا خادىمى ۋە تىجارەتچى دەپ تونۇشتۇرغان تۆت كىشىدىن تېلېفون تاپشۇرۇۋالغان. بۇلارنىڭ ھەممىسىلا ئۇنىڭ پەرزەنتى ھەققىدە ئۇچۇر ئېلىشقا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە ئارقىدىنلا ئۇنىڭدىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە، بولۇپمۇ سۇرىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇچۇر سورااشقا باشلىغان.
ئەخمەتجان ئىسىملىكى ئەنە شۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا تىجارەت قىلىدىغانلىقى ۋە كۇچادا «يولى» بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا پەرزەنتلىرى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشكە ۋەدە بەرگەن. دېگىنىدەك، ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇ ئۆزىنىڭ كۇچادا ئىكەنلىكى ۋە ئابدۇللا تۆمۈرنىڭ پەرزەنتلىرى نۇپۇسلۇق بولغان ئالاغاقا بازىرىغا بارىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەخمەتجان ئىسىملىك بۇ كىشى ئالاغاقاغا بارغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئۆي-قورۇسىنىڭلا ۋىدىيولۇق كۆرۈنۈشىنى يوللىغان ۋە ئۇنى كۇچارغا قايتىپ كېلىشكە دەۋەت قىلغان. ئابدۇللا تۆمۈر ئۇنىڭدىن پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى سورىغىنىدا، ئۇ كۇچاغا قايتىپ كېلىپ، گۇناھىغا تۆۋە قىلغاندىن كېيىن پەرزەنتلىرى ھەققىدە ئۇچۇر ئالالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئابدۇللا تۆمۈر ئۆزىنىڭ كۇچانىڭ ۋەزىيىتىنى ياخشى بىلىدىغانلىقى، كۇچادىكى مەزگىلىدە كۆپلىگەن بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ سەۋەبسىز كېسىلىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ كۇچاغا قايتىپ كېلىش تەلىپىنى رەت قىلغان. ئارقىدىن ئەخمەتجان، ئابدۇللا تۆمۈر بىلەن ئاكا-ۇكا بولۇپ قېلىشنى تەلەپ قىلغان ۋە سۇرىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات سورىغان. ئابدۇللا تۆمۈر ئۆزىنىڭ بىر ساۋاتسىز دېھقان ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇر پائالىيەتلىرى ھەققىدىكى ھەرقانداق بىر سوئالغا جاۋاب بەرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە ئەخمەتجاننىڭ ئاكا-ۇكا بولۇش تەلىپىنى رەت قىلغان.
كۇچاغا قارىتا تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، كۇچا ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسى ئەخمەتجان ئەزىزنىڭ ئۆگەن يېزىلىق ساقچىخانا خادىمى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۆگەن يېزىلىق ساقچىخانىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا تېلېفۇنىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەخمەتجان ئەزىز ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىن 15 كۈن بۇرۇن قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى ۋە ئالاغاقاغا بېرىپ، ئۇنىڭ ئۆي-قورۇسىنى سىنغا ئالغانلىقىنىمۇ دەلىللىدى.
ئابدۇللا تۆمۈر ئۆزىنىڭ خىتايغا قاراتقان مەزكۇر تەلەپنامىسىنى خىتايدىن ئۈمىد كۈتۈپ ئەمەس، ئۇلارنى پەقەت پەرزەنتلىرىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئېلان قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە خىتاينىڭ تۆت خادىمى بىلەن كۆرۈشكەن بولسىمۇ قىلتاققا دەسسىمىگەنلىكىنى بايان قىلدى.
