ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 2-ئۆكتەبىر)

ئابدۇللا تومۇرنىڭ خىتايدىن بېقىۋالغان قىزىنىڭمۇ تۈرمىدە ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى. ب د ت بالىلار ھوقۇقى يىغىنىدا لاگېر تۇتقۇنلىرى پەرزەنتلىرىنىڭ مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. لاگېر شاھىدى گۈلباھار خاتىۋاجى لوندوندا كىتاب سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر رومانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك مىللەتلىرى فېستىۋالىغا قاتناشتى. ئىلشات ھەسەن كۆكبۆرە: ترامپ-شى ئۇچرىشىشىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تىلغا ئېلىنمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلاندىم. يېڭى دوكلاتتا شەرقىي تۈركىستاندىكى رەقەملىك كۆزىتىش تەمىنات زەنجىرى ئاشكارىلاندى. ئابلىكىم ئەمەتنىڭ «تەڭرىتاغدىكى ھەسەن-ھۈسەن» ناملىق فوتو سۈرەت ئەسىرى شەرەپ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

ئابدۇللا تومۇرنىڭ خىتايدىن بېقىۋالغان قىزىنىڭمۇ تۈرمىدە ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

فېيسبۇكتا تەلەپنامە ئېلان قىلىپ، پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى ئېلىشقا تىرىشقان كۇچالىق مۇھاجىر ئابدۇللا تۆمۈر خىتاي تەرەپ بىلەن سۆزلىشىش جەريانىدا قارشى تەرەپنى تەسىرلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۇچۇرىنى ئالالمايۋاتقان قىزىنىڭ ئەسلىدە خىتايدىن بېقىۋېلىنغانلىقىدەك سىرنىمۇ ئاشكارىلىغان. خىتاي تەرەپ ئېنىقلاش ئارقىلىق بۇ قىزنىڭ نۆۋەتتە تۈرمىدە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 2-ئۆكتەبىر) (RFA Uyghur)

ئابدۇللا تۆمۈرنىڭ رادىيومىزغا ئاشكارىلىشىچە، ئۇ 1986-يىلى خىتاينىڭ گۇيجۇ ئۆلكىسىدە كاۋاپچىلىق قىلىۋاتقان مەزگىلىدە بىر يېزىلىق دوختۇرخانا ئالدىدا تاشلىنىپ قالغان بوۋاقنى ئۇچراتقان. ئۇ قەغەز يېشىك ئىچىدە يىغلاۋاتقان بالىنىڭ يىغىسىغا چىدىماي، بوۋاقنى ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن ئۆيىگە ئېلىپ كەتكەن. ئايالى بوۋاقنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بىر قانچە كۈن ئېمىتىپ، ئەيۋەشكە كەلتۈرگەن. بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ بوۋاققا مېھرى چۈشكەن ۋە ئۇنى ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇپ بېرىۋېتىشنىڭ ئورنىغا، بېقىۋېلىپ ئىككى ئوغلىغا ھەمراھ قىلىشنى قارار قىلغان.

ئابدۇللا تۆمۈر بۇ قىزىنى چوڭ قىلىپ، كىيىم تىككۈچىلىك ھۈنىرىنى ئۆگەتكەن ۋە تۇرمۇشلۇق قىلغان. ئۇ ئۆزى تۈركىيەگە قايتىپ چىققاندىن كېيىن، كۇچادا قالغان ئوغلى بىلەن بىللە بۇ قىزىنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە غەيرىي رەسمىي ئۇچۇر ئالغان.

ئۇ فېيسبۇكتا مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تېلېفون قىلغان تۆت كىشىدىن بىرى ئۆزىنىڭ مەلۇم بىر كونسۇلخانىدا ئىشلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە ئۇنىڭغا پەرزەنتلىرى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشكە ۋەدە بەرگەن. بۇ خادىم ياردەم بېرىشنى كەينىگە سوزغاندىن كېيىن، ئابدۇللا تۆمۈر قارشى تەرەپنى، بولۇپمۇ كۇچادىكى خىتاي خادىملىرىنى تەسىرلەندۈرۈش ۋە بۇ ئارقىلىق قىزى زۆھرەگۈلنى تۈرمىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، زۆھرەگۈلنىڭ ئەسلىدە خىتايدىن بېقىۋېلىنغان قىز ئىكەنلىكىدەك سىرنى ئاشكارىلىغان. بۇ ئۇچۇر خىتاي تەرەپنى قىزىقتۇرغان بولسا كېرەك، بىر قانچە كۈن ئېنىقلاشتىن كېيىن، ئابدۇللا تۆمۈرگە قىزى زۆھرەگۈل ئابلانىڭ نۆۋەتتە تۈرمىدە ئىكەنلىكى ۋە جازا مۇددىتىنىڭ توشۇشىغا يەنە ئۈچ يىل بارلىقىنى ئېيتقان.

ئابدۇللا تۆمۈر مەزكۇر خادىمدىن زۆھرەگۈلنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى، ئۇنىڭغا پاسپورت بېرىلىپ، چەتئەلگە چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان. ئەمما ئابدۇللا تۆمۈردىن كۈتكەن ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلمىگەن خىتاي خادىملىرى ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزگەن.

ئابدۇللا تۆمۈر خىتاي تەرەپنىڭ قىزىنىڭ خىتايدىن بېقىۋېلىنغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بۇ ئەھۋالغا قىزىققانلىقىنى، ئەمما ئۇنى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىشكە رەھمىسى كەلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

خىتايدا، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 77 يىللىقى تەبرىكلىنىۋاتقان 1-ئۆكتەبىر كۈنى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار نامايىش ۋە باياناتلار ئارقىلىق خىتايغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى قاتارلىق تەشكىلاتلار ۋاشىنگتوندا، تۈركىيەدىكى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە باشقا ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىستانبۇلدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بېرلىندا خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى.

شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ۋىدېيولۇق باياناتىدا 1-ئۆكتەبىرنىڭ تارىخىي مەنىسىنى يورۇتۇپ، بۇ كۈننىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بايرام ئەمەس، بەلكى مىللىي ئازادلىقنىڭ يوقىتىلىشى ۋە زۇلمەتلىك كۈنلەرنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. باياناتتا بۇ كۈندىن بىر ئايچە ئاۋۋال، يەنى ئاۋغۇست ئېيىدا ئەخمەتجان قاسىمى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ سىرلىق ھالدا ئايروپىلان قازاسىغا ئۇچرىشى، سېنتەبىردە گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ ئاتالمىش «ھەقىقەتكە قايتىشى»، ئۆكتەبىر ئېيىدا خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ئۈرۈمچىگە كىرىشى ۋە 1944-يىلى قۇرۇلغان ئىككىنچى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە خاتىمە بېرىلىشى ئەسلىتىلدى؛ خىتاي «تىنچ ئازاد قىلىش» دەپ ئاتايدىغان بۇ جەرياننى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئىشغال دەپ قارايدىغانلىقى تەكىتلەندى.

ئىستانبۇلدىكى نامايىشتا تەشكىلاتلارغا ۋاكالىتەن ئورتاق باياناتنى ئوقۇغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇساجان ئەر نامايىشچىلارنىڭ ئىشغال، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئاسسىمىلياتسىيەنى رەت قىلىش ئۈچۈن جەم بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا سۈكۈت قىلماسلىققا چاقىردى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنى قوغداش تەشكىلاتىمۇ 30-سېنتەبىردىكى باياناتىدا ھۆكۈمەتلەرنى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال ئاستىدىكى دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلىشقا چاقىردى.

ب د ت بالىلار ھوقۇقى يىغىنىدا ئاتا-ئانىسى تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

نۆۋەتتە جەنۋەدە ئېچىلىۋاتقان ب د ت نىڭ بالىلار ھوقۇقى يىغىنىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى ۋە ئۇيغۇر دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا شەرقىي تۈركىستاندىكى بالىلار ھوقۇقى مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات بېرىپ، ئاتا-ئانىسى تۈرمە ۋە لاگېرلارغا سولانغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ئۈستىدە ئالاھىدە توختالدى. ئۇ مەھبۇسلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئاتا-ئانا مېھرىدىن، ئانا تىل مائارىپىدىن ۋە ئائىلە مۇھىتىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلۇشتەك ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىنى چۈشەندۈرۈش داۋامىدا، رادىيومىز تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان قەشقەردىكى بىر يەسلىدە ئۇيغۇر بالىلىرىغا چوشقا گۆشى بېرىلگەنلىكى ھەققىدىكى پاكىتنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى.

ب د ت نىڭ 63-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بالىلار ھوقۇقى كومىتېتى 103-نۆۋەتلىك يىغىنىدا خىتاينىڭ بالىلار ھوقۇقى ۋەزىيىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر كومىتېت خىتاي تاپشۇرغان دوكلاتتىن باشقا، مۇستەقىل ئورگانلاردىن، جۈملىدىن ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىنمۇ خىتايدىكى بالىلار ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات سورىغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ يىل 7-ئايدا مەزكۇر كومىتېتقا ئۇيغۇر بالىلار ھوقۇقى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەخسۇس بىر دوكلات تاپشۇرغان ئىدى.

لاگېر شاھىدى گۈلباھار خاتىۋاجى لوندوندا كىتاب سۆھبىتى ئۆتكۈزدى

ئەنگلىيەدىكى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش» تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا، ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى لاگېر شاھىدى گۈلباھار خاتىۋاجى ب ب س مۇخبىرى ئىبرەت سافو بىلەن كىتاب سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن. سۆھبەت ئۇنىڭ 2021-يىلى نەشىر قىلىنغان «مەن خىتاينىڭ قايتا تەربىيەلەش لاگېرىدىن قانداق ئامان قالدىم» ناملىق كىتابى ئۈستىدە بولغان. سۆھبەتتە كىتابنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرى، يەنى گۈلباھار خاتىۋاجى خانىمنىڭ لاگېرغا ئېلىپ مېڭىلىش جەريانى، لاگېر كامېرىدا ئۆزىنىڭ ۋە كامېرداشلىرىنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەن ئېچىنىشلىق ۋە تەسىرلىك كەچۈرمىشلىرى بايان قىلىنغان.

سۆھبەتتە مۇخبىر، كىتابتىكى بايانلارغا ئاساسەن، گۈلباھار خاتىۋاجىنىڭ لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەن چېغىدا خىتاي تەرەپنىڭ ئۇنى لاگېردا كۆرگەنلىرى ھەققىدە ھېچنېمە دېمەسلىككە ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى، بولمىسا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ خەۋپكە ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئېسىگە سالغان. ئاندىن بۇ كىتاب نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن، يۇرتتىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ قانداق ئاقىۋەتلەرگە قالغانلىقىنى سورىغان. گۈلباھار خاتىۋاجى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىسىنىڭ پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى، ئەمما لاگېردا ئۆزىگە ئوخشاش زۇلۇمنى باشتىن كەچۈرگەن مىليونلارچە ئىنساننىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلاتقانلىقى ئۈچۈن ۋىجدانىنىڭ راھەت ئىكەنلىكىنى ۋە تۆلىگەن بەدەللىرىگە رازى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

سۆھبەتكە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مەسئۇلى رەھىمە مەھمۇت تەرجىمانلىق قىلغان. رەھىمە مەھمۇتنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، بۇ پائالىيەتكە لوندوندىكى بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، مۇخبىرلار ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتى قاتناشقان بولۇپ، پائالىيەتتە «مىراس يىپەك يولى ئۆمىكى» مۇزىكا ئورۇنلىغان، «ئەتلەس ئۇيغۇر رېستورانى» ئۇيغۇر تائاملىرى بىلەن تەمىنلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ پائالىيەتنى تۈركلەرنىڭ باشقۇرۇشىدىكى لوندون يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتى يېقىندىن قوللىغان.

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر رومانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك مىللەتلىرى فېستىۋالىغا قاتناشتى

دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ تور بېتىدە خەۋەر قىلىنىشىچە، ئۆتكەن ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە رومانىيە پايتەختى بۇخارېستتا تۈرك مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت-تەنتەربىيە قۇرۇلتىيى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ قۇرۇلتايغا رومانىيەدىكى تاتارلاردىن باشقا، شىمالىي ئامېرىكا، ياۋروپا، ئاسىيا ۋە ئافرىقا ئەللىرىدىكى 21 دۆلەتتىن 200 دىن ئارتۇق مېھمان قاتناشقان. پائالىيەتكە ئۇيغۇرلاردىن شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان شائىرە راھىلە كامال، رادىيومىزنىڭ سابىق مۇخبىرى مەدىناي باۋۇدۇن ۋە گېرمانىيەدىكى ئاكتىپ پائالىيەتچى ئۈمىت خەمىت قاتناشقان.

رومانىيەدىكى تاتار دېموكراتىيە بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى، رومانىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ (UNESCO) قوللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتتە، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر مەدەنىيەت فېستىۋالى قىسمىغا قاتناشقان. راھىلە كامال ئۆزىنىڭ «قايغۇرمايمىز» ناملىق شېئىرىنى، مەدىناي باۋدۇن «قوزغال ئۇيغۇرۇم» قاتارلىق ئۈچ پارچە شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلغان.

مەزكۇر قۇرۇلتاي تۈرك مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش ۋە تۈرك مىللەتلىرى ئارىسىدا ئۆزئارا ئالاقىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى پائالىيەت داۋامىدا ئۇيغۇر ۋەزىيىتى، جۈملىدىن ئۇيغۇر شائىر-يازغۇچىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى تەقدىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. ئۇلار شائىر ئابدۇقادىر جالالىدىن، پەرھات تۇرسۇن ۋە ئوبزورچى يالقۇن روزىنىڭ نۆۋەتتىكى قىسمىتىنى تونۇشتۇرغان چېغىدا، مەدىناي باۋۇدۇن ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «يانارىم يوق» ناملىق شېئىرىگە جاۋابەن يازغان «يانارىڭ بار» ناملىق شېئىرىنى ئوقۇغان.

ئىلشات ھەسەن كۆكبۆرە: ترامپ-شى ئۇچرىشىشىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تىلغا ئېلىنمىغانلىقىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تەكلىپى بىلەن 23-سىنتەبىردىن 25-سىنتەبىرگىچە ۋاشىنگىتوندا زىيارەتتە بولدى. ترامپ شى جىنپىڭنى يۇقىرى ئۆلچەمدە كۈتۈۋالدى. ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبىتى ئاساسلىقى سودا، فېنتانىل، سۈنئىي ئىدراك، تەيۋەن ھەمدە خەلقئارا بىخەتەرلىك قاتارلىق تېمىلارغا چېتىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە سودا مەسىلىسىدە كېڭىشىشنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئالاقىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قىسىم ئورتاق تونۇشلارغا ئېرىشتى.

بۇ ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى، بىر قىسىم ئامېرىكا دۆلەت مەجىلسى ئەزالىرى، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلەر ترامپنى ئىنسان ھەقلىرى، ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭ ھەمدە خىتاي تۈرمىلىرىدىكى سىياسىي مەھبۇسلار قاتارلىق مەسىلىلەردە شى جىنپىڭغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرغانىدى. بىراق، نۆۋەتتە ئىككى تەرەپ ئاشكارىلىغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ترامپ خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئاشكارا تىلغا ئالمىغان.

تونۇلغان پائالىيەتچى ۋە سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن كۆكبۆرە رادىيومىز زىيارىتىدە ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن «ناھايىتى ئۈمىدسىزلەنگەنلىكى ۋە تولىمۇ ئازابلانغانلىقى»نى بىلدۈردى.

دونالد ترامپنىڭ بىرىنجى قېتىملىق پرېزىدېنتلىق مۇددىتى ئاخىرلىشىشتىن ئىلگىرى، سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستېرى مايك پومپېئو خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇملىرىنى رەسمىي ھالدا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتكەنىدى. ئىلشات ئەپەندىم ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارنى قەغەز يۈزىدىلا قالدۇرۇپ قويماستىن، جاۋابكارلىقنى سۈرۈش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىلشات ئەپەندىم مۇنداق دېدى: ”ترامپ ئەپەندىمنىڭ ھۆكۈمىتى بىزگە ئۈمىد بەرگەن. (ئەمدى) بۇ مىللىي قىرغىنچىلقنىڭ قاتىلىنى قىزىل گېلەم سېلىپ قارشى ئېلىش بىلەن بۇ ئۈمىدنى ئۆزى دەسسەپ چەيلىگەن بولدى، (بۇ) شەخسەن ماڭا ناھايىتى ھار كەلدى.“

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىك تۈزۈمىگە بولغان ئىشەنچىسىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تۈپەيلى كۈرەشتىن ۋاز كەچمەسلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇملىرىغا، شۇنداقلا تۈپكى ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىشىغا قارشى تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

يېڭى دوكلاتتا شەرقىي تۈركىستاندىكى رەقەملىك كۆزىتىش تەمىنات زەنجىرى ئاشكارىلاندى

ئامېرىكىدىكى ئالىي دۆلەت مۇداپىئە تەتقىقات مەركىزى C4ADS نىڭ يېڭى دوكلاتىغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى ساقچى سىستېمىسىغا سۈنئىي ئىدراك، بىئولوگىيەلىك تونۇش ۋە سىنلىق كۆزىتىش تېخنىكىلىرىنى داۋاملىق سەپلەۋېتىپتۇ.

«چېگرا رايونلارنى كۆزىتىش» ناملىق بۇ دوكلاتتا، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مال سېتىۋېلىش خاتىرىلىرى ۋە كارخانا ئۇچۇرلىرى تەھلىل قىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، ئىچكى موڭغۇلىيە ۋە خوڭكوڭدىكى رەقەملىك كۆزىتىش تۈرلىرىنىڭ تەمىنات زەنجىرى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈلگەن.

شەرقىي تۈركىستانغا دائىر تەھلىلدە، بۇ تەتقىقات مەركىزى 2013-يىلدىن 2025-يىلغىچە بولغان يۈز مىڭلىغان ھۆكۈمەت مال سېتىۋېلىش خاتىرىسى ئىچىدىن كۆزىتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك 673 دانە توختامنى تاللاپ چىققان. بۇلار ئىچىدىكى 135 توختامدا كەم دېگەندە بىر خىل بىئولوگىيەلىك تونۇش تېخنىكىسى تىلغا ئېلىنغان. خىتاي تېلېگرافى، خىتاي كۆچمە تېلېگرافى ۋە خىتاي بىرلەشمە تېلېگرافى قاتارلىق شىركەتلەر بۇ تۈرلەردە كۆپ قېتىم تەمىنلىگۈچى سۈپىتىدە كۆرۈنگەن.

دوكلاتتا يەنە، ئامېرىكا جازالىغانخەيكاڭ ۋېيشى Hikvision)) ۋە يۈشى) (Uniview تېخنىكىسى قاتارلىق شىركەتلەر گەرچە بىۋاسىتە تەمىنلىگۈچى بولمىسىمۇ، ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى ياكى نامى شەرقىي تۈركىستاندىكى كۆزىتىش تۈرلىرىگە دائىر 54 دانە توختامدا كۆرۈلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن. دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، بۇ ئۈچىنچى تەرەپ ساتقۇچىلار ۋە ئوتتۇرىدىكى تىجارەتچىلەرنىڭ جازالانغان كارخانىلارنىڭ تەمىنات زەنجىرىدىكى رولىنى يوشۇرۇپ قويۇشى مۇمكىنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

2024-يىلدىكى بىر مىسالدا، بىڭتۇەن 12-دېۋىزىيەسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەخمىنەن بىر مىليون 65 مىڭ يۈەنلىك توختام ئارقىلىق كۆزىتىش كامېرالىرىنى ھەمدە بىئولوگىيەلىك ئۇچۇر توپلاش، پۇت ئىزى ۋە ھاياتلىق ئالامەتلىرىنى كۆزىتىش ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋالغان. 2023-يىلى بىڭتۇەن 8-دېۋىزىيەسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى چوڭ سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق كۆرۈنۈشلۈك بىلىش ۋە تەھلىل قىلىش سىستېمىسى سېتىۋالغان.

مەزكۇر تەتقىقات دوكلاتى پەقەت بىر قانچە كۆزىتىش ئۈسكۈنىسى ئىشلەپچىقارغۇچىنى جازالاشلا زۇلۇمغا ئالاقىدار تەمىنات زەنجىرىنى ئۈزۈپ تاشلاشقا يەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە نازارەت ئۈسكۈنىلىرىنى ساتقۇچىلار، ئاخىرقى ئىشلەتكۈچىلەر ۋە ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئىشلىتىلىش مەقسىتى قاتارلىقلارغا تېخىمۇ كۆپ دىققەت قىلىشقا چاقىرغان.

فوتوگراف ئابلىكىم ئەمەتنىڭ «تەڭرىتاغدىكى ھەسەن-ھۈسەن» ناملىق ئەسىرى شەرەپ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

فوتوگراف ئابلىكىم ئەمەتنىڭ «تەڭرىتاغدىكى ھەسەن-ھۈسەن» ناملىق فوتو سۈرەت ئەسىرى 2026-يىللىق پارىژ PX3 فوتوگرافىيە مۇكاپاتى (Prix de la Photographie, Paris, PX3) دا شەرەپ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

بۇ ئەسەر 2007-يىلى ئىيۇلدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تىكەس ناھىيەسى قاراجۆل يايلىقىدا تارتىلغان بولۇپ، سۈرەتتە يامغۇردىن كېيىنكى ھەسەن-ھۈسەن تەڭرىتاغنىڭ قارلىق چوققىلىرىنى كېسىپ ئۆتكەن، تاغ ئېتىكىدىكى گۈزەل يايلاق ۋە ئورمانلىق كۈن نۇرىدا ئېنىق قاتلاملارنى شەكىللەندۈرگەن.

ئابلىكىم ئەمەت ئۇزۇن يىل فوتو سۈرەت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان تونۇلغان فوتوگرافتۇر. ئۇ ئانا ۋەتىنىنىڭ تاغ-دەريالىرى، ئېدىر-كۆللىرى ۋە يايلاق-ئوتلاقلىرى قاتارلىق تەبىئىي مەنزىرىلىرىنى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھاياتىنى خاتىرىلەپ كەلگەن بولۇپ، ئىلگىرى ئۇنىڭ ئەسەرلىرى دۆلەت ئىچىدە كۆپ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ۋە فوتو سۈرەت كۆرگەزمىلىرىگە قويۇلغان.

2023-يىلى خارۋارد ئۇنىۋېسىتېتى ئاسىيا تەتقىقات مەركىزى ئۇنىڭ ئۈچۈن «ئانا يۇرت» ناملىق شەخسىي سۈرەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، مەزكۇر كۆرگەزمە شۇ يىلى ئاپرېلدىن ئىيۇلنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملاشقان. 2024-يىلى، ئۇ يەنە ئىندىيانا ئال ئۇنىۋېرىسىتېتىنىڭ تەكلىپى بىلەن «فوتو ئاپارات كۆزىدىكى ئانا يۇرتۇم» ناملىق سۈرەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈپ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىلىرىنى نامايان قىلغان ۋە ئۆزىنىڭ فوتو سۈرەت ئىجادىيىتى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىگەن.

پارىژدىكىPX3 فوتو سۈرەت مۇكاپاتى 2007-يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، دۇنيانىڭ هر قايسى جايلىرىدىكى فوتوگرافلارغا يۈزلەنگەن خەلقئارالىق فوتو سۈرەت مۇكاپاتىدۇر.