ئابدۇللا تومۇرنىڭ خىتايدىن بېقىۋالغان قىزىنىڭمۇ تۈرمىدە ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

ئابدۇللا تۆمۈر خىتاي تەرەپ بىلەن سۆزلىشىش جەريانىدا قارشى تەرەپنى تەسىرلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۇچۇرىنى ئالالمايۋاتقان قىزىنىڭ ئەسلىدە خىتايدىن بېقىۋېلىنغانلىقىدەك سىرنىمۇ ئاشكارىلىغان. خىتاي تەرەپ ئېنىقلاش ئارقىلىق بۇ قىزنىڭ نۆۋەتتە تۈرمىدە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن.

فېيسبۇكتا تەلەپنامە ئېلان قىلىپ، پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى ئېلىشقا تىرىشقان كۇچالىق مۇھاجىر ئابدۇللا تۆمۈر خىتاي تەرەپ بىلەن سۆزلىشىش جەريانىدا قارشى تەرەپنى تەسىرلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۇچۇرىنى ئالالمايۋاتقان قىزىنىڭ ئەسلىدە خىتايدىن بېقىۋېلىنغانلىقىدەك سىرنىمۇ ئاشكارىلىغان. خىتاي تەرەپ ئېنىقلاش ئارقىلىق بۇ قىزنىڭ نۆۋەتتە تۈرمىدە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن.

ئابدۇللا تۆمۈرنىڭ رادىيومىزغا ئاشكارىلىشىچە، ئۇ 1986-يىلى خىتاينىڭ گۇيجۇ ئۆلكىسىدە كاۋاپچىلىق قىلىۋاتقان مەزگىلىدە بىر يېزىلىق دوختۇرخانا ئالدىدا تاشلىنىپ قالغان بوۋاقنى ئۇچراتقان. ئۇ قەغەز يېشىك ئىچىدە يىغلاۋاتقان بالىنىڭ يىغىسىغا چىدىماي، بوۋاقنى ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن ئۆيىگە ئېلىپ كەتكەن. ئايالى بوۋاقنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بىر قانچە كۈن ئېمىتىپ، ئەيۋەشكە كەلتۈرگەن. بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ بوۋاققا مېھرى چۈشكەن ۋە ئۇنى ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇپ بېرىۋېتىشنىڭ ئورنىغا، بېقىۋېلىپ ئىككى ئوغلىغا ھەمراھ قىلىشنى قارار قىلغان.

ئابدۇللا تۆمۈر بۇ قىزىنى چوڭ قىلىپ، كىيىم تىككۈچىلىك ھۈنىرىنى ئۆگەتكەن ۋە تۇرمۇشلۇق قىلغان. ئۇ ئۆزى تۈركىيەگە قايتىپ چىققاندىن كېيىن، كۇچادا قالغان ئوغلى بىلەن بىللە بۇ قىزىنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە غەيرىي رەسمىي ئۇچۇر ئالغان.

ئۇ فېيسبۇكتا مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تېلېفون قىلغان تۆت كىشىدىن بىرى ئۆزىنىڭ مەلۇم بىر كونسۇلخانىدا ئىشلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە ئۇنىڭغا پەرزەنتلىرى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشكە ۋەدە بەرگەن. بۇ خادىم ياردەم بېرىشنى كەينىگە سوزغاندىن كېيىن، ئابدۇللا تۆمۈر قارشى تەرەپنى، بولۇپمۇ كۇچادىكى خىتاي خادىملىرىنى تەسىرلەندۈرۈش ۋە بۇ ئارقىلىق قىزى زۆھرەگۈلنى تۈرمىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، زۆھرەگۈلنىڭ ئەسلىدە خىتايدىن بېقىۋېلىنغان قىز ئىكەنلىكىدەك سىرنى ئاشكارىلىغان. بۇ ئۇچۇر خىتاي تەرەپنى قىزىقتۇرغان بولسا كېرەك، بىر قانچە كۈن ئېنىقلاشتىن كېيىن، ئابدۇللا تۆمۈرگە قىزى زۆھرەگۈل ئابلانىڭ نۆۋەتتە تۈرمىدە ئىكەنلىكى ۋە جازا مۇددىتىنىڭ توشۇشىغا يەنە ئۈچ يىل بارلىقىنى ئېيتقان.

ئابدۇللا تۆمۈر مەزكۇر خادىمدىن زۆھرەگۈلنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى، ئۇنىڭغا پاسپورت بېرىلىپ، چەتئەلگە چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان. ئەمما ئابدۇللا تۆمۈردىن كۈتكەن ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلمىگەن خىتاي خادىملىرى ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزگەن.

ئابدۇللا تۆمۈر خىتاي تەرەپنىڭ قىزىنىڭ خىتايدىن بېقىۋېلىنغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بۇ ئەھۋالغا قىزىققانلىقىنى، ئەمما ئۇنى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىشكە رەھمىسى كەلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.