خىتايدا، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 77 يىللىقى تەبرىكلىنىۋاتقان 1-ئۆكتەبىر كۈنى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار نامايىش ۋە باياناتلار ئارقىلىق خىتايغا نارازىلىق بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى قاتارلىق تەشكىلاتلار ۋاشىنگتوندا، تۈركىيەدىكى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە باشقا ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىستانبۇلدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بېرلىندا خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى.
شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ۋىدېيولۇق باياناتىدا 1-ئۆكتەبىرنىڭ تارىخىي مەنىسىنى يورۇتۇپ، بۇ كۈننىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بايرام ئەمەس، بەلكى مىللىي ئازادلىقنىڭ يوقىتىلىشى ۋە زۇلمەتلىك كۈنلەرنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. باياناتتا بۇ كۈندىن بىر ئايچە ئاۋۋال، يەنى ئاۋغۇست ئېيىدا ئەخمەتجان قاسىمى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ سىرلىق ھالدا ئايروپىلان قازاسىغا ئۇچرىشى، سېنتەبىردە گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ ئاتالمىش «ھەقىقەتكە قايتىشى»، ئۆكتەبىر ئېيىدا خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ئۈرۈمچىگە كىرىشى ۋە 1944-يىلى قۇرۇلغان ئىككىنچى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە خاتىمە بېرىلىشى ئەسلىتىلدى؛ خىتاي «تىنچ ئازاد قىلىش» دەپ ئاتايدىغان بۇ جەرياننى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئىشغال دەپ قارايدىغانلىقى تەكىتلەندى.
ئىستانبۇلدىكى نامايىشتا تەشكىلاتلارغا ۋاكالىتەن ئورتاق باياناتنى ئوقۇغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇساجان ئەر نامايىشچىلارنىڭ ئىشغال، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئاسسىمىلياتسىيەنى رەت قىلىش ئۈچۈن جەم بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا سۈكۈت قىلماسلىققا چاقىردى.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنى قوغداش تەشكىلاتىمۇ 30-سېنتەبىردىكى باياناتىدا ھۆكۈمەتلەرنى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال ئاستىدىكى دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلىشقا چاقىردى.
