ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 9-ئۆكتەبىر)

شوپۇر ياسىنجان توختىنىڭ قاتناش ۋەقەسىدە ئەمەس لاگېردا ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلاندى. ئەقىدە ئىسمائىل تېخىچە تۇتقۇندا، ئاقىۋىتى ئەندىشە پەيدا قىلماقتا. ياۋروپا پارلامېنتى: لاگېرلار نامدىلا تاقالغان، ئۈچ مىليون كىشى زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتىدۇ. دەنھاگ شەھەر باشلىقى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇرەھىم غېنىنى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلدى. ستارباكسنىڭ تۇنجى قېتىم شەرقىي تۈركىستان بازىرىغا كىرىشى كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىدى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بەش قىسىملىق ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى دەرسلىكىنىڭ تور نۇسخسىنى تارقاتتى. خىتاي مىللەتلىرى گېزىتى: «يېڭى چىڭ تارىخى» مىللىي بۆلگۈنچىلەرنى «نەزەرىيەۋى ئوق-دورا» بىلەن تەمىنلىمەكتە.

شوپۇر ياسىنجان توختىنىڭ قاتناش ۋەقەسىدە ئەمەس لاگېردا ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

نۆۋەتتە بېلگىيەدە ياشاۋاتقان رەيھانگۈل توختى 2018 -يىلى ئاقسۇدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئىنىسى ياسىنجان توختىنىڭ قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلىقى ھەققىدە ئۇشتۇمتۇت ئۇچۇر ئالغان، ئەمما ئۇچۇردىكى ئۆلۈم سەۋەبى ھەققىدىكى ئىزاھاتتىن گۇمانلانغان ئىدى.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 9-ئۆكتەبىر) (RFA Uyghur)

رەيھانگۈلنىڭ دېيىشىچە، ياسىنجان 1980 -يىلى تۇغۇلغان، ئاقسۇ شەھىرىدە ئاپتوبۇس شوپۇرلۇقى بىلەن تىرىكچىلىكىنى داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ باشلانغۇچقىچىلا ئوقۇيالىغان بولغاچقا، پەرزەنتلىرىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن. ئۇ بەش ياشلىق ئوغلى ھەبىبۇللا ياسىننى مىسىرغا ئوقۇشقا چىقارغان ئىدى.

ياسىنجان بۇ قىلمىشى ئۈچۈن دىنىي رادىكاللىق گۇمانى بىلەن بىر قانچە قېتىم تۇتۇلۇپ، قىسقا مۇددەتلىك «تەربىيەلەش»نى باشتىن كەچۈرگەن. بۇ جەرياندا، مىسىردا ئوقۇۋاتقان بالىسىنى قايتۇرۇپ ئەكېلىشكە مەجبۇرلانغان. بۇ مەزگىلدە مىسىردا بالىلىرىنى ئوقۇتۇۋاتقان رەيھانگۈل ئىنىسىنىڭ ئوغلىنى ئايروپىلان خادىملىرىغا تاپشۇرۇپ، ئاقسۇغا يالغۇز يولغا سېلىپ قويغان.

ياسىنجان ئوغلىنى مىسىردىن قايتۇرۇپ ئەكېتىپمۇ، گۇماندىن قۇتۇلالمىغان. ئۇ سوراق قىلىنىۋاتقان مەزگىللىرىدە، ئۇنىڭ ئاپتوبۇس شوپۇرلۇقى داۋامىدا يولۇچىلارنىڭ يولدا توختاپ ناماز ئوقۇشىغا قولايلىق يارىتىپ بەرگەنلىكى پاش بولۇپ، قايتىدىن تەربىيەلەشكە ئەكېتىلگەن ۋە ئاخىرقى قېتىم ئەكېتىلىشىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇنىڭ قاتناش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلىكى ئۇچۇرى كەلگەن.

رەيھانگۈل ئۆلۈم سەۋەبىدىن گۇمانلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتقىنىدا، ئۇنىڭغا ئۇچۇر يەتكۈزگەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۆلۈم سەۋەبىنى مۇشۇنداق بىلىپ تۇرۇشى كېرەكلىكىنى ۋە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئارتۇق گەپ سوراشقا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. بۇ ئىزاھات رەيھانگۈلنىڭ گۇمانىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان.

رەيھانگۈل بۇ ئۆلۈمنىڭ سىرىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن كۆپ تىرىشقان بولسىمۇ، ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغان. ئەكسىچە، ئۆزىگە ئىنىسىنىڭ ئۆلۈم ئۇچۇرىنى يەتكۈزگەن سىڭلىسى ۋە چەتئەلنى زىيارەت قىلىپ قايتقان ئانىسىنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان.

تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا ئاقسۇ شەھەر قارتال ساقچىخانا خادىمى ياسىنجان توختىنىڭ دوختۇرخانىدا ئۆلگەنلىكىنى ئاشكارىلاش بىلەن بىللە، ئۇنىڭ دوختۇرخانىغا لاگېردىن ئەكېلىنگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. يەنە بىر خادىممۇ ياسىنجاننىڭ لاگېرغا ئەكېتىلىپ توققۇز كۈندىن كېيىن ئۆلگەنلىكىنى دەلىللىدى.

رەيھانگۈل ئارىدىن سەككىز يىل ئۆتكەندە ئىنىسىنىڭ لاگېردا ئۆلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپتى، ئەمما سىڭلىسى ۋە ئانىسىنىڭ قانچە يىلغا كېسىلگەنلىكى ۋە قەيەردە جازا ئۆتەۋاتقانلىقىدىن تېخى خەۋەر ئالالمىدى.

ئەقىدە ئىسمائىل تېخىچە تۇتقۇندا، ئاقىۋىتى ئەندىشە پەيدا قىلماقتا

ئىستانبۇلدا بىر قۇرئان كۇرسىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىر ئەقىدە ئىسمائىل 29-سېنتەبىر كۈنى ئىستانبۇل ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئىدى. ئارىدىن توققۇز كۈن ئۆتكەندە، ئۇنىڭ ئادۋوكاتى مۇستافا كوجامانباش ئېكس (تىۋىتتېر) ھېسابىدا ئەقىدە ھەققىدە تۇنجى قېتىم مەلۇمات بېرىپ، ئۇنىڭ كېسەلچان پەرزەنتىگە ئىئانە توپلىغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ جەمئىيەتتە مىليونلارچە پۇلنى قاقتى-سوقتى قىلغانلارنىڭ ئەركىن-ئازادە ياشاۋاتقانلىقىنى سېلىشتۇرما قىلىپ، ئەقىدەنىڭ تۇتۇلۇشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى مۇساجان ئەرنىڭ رادىيومىزغا بايان قىلىشىچە، ئۇ ئەقىدە تۇتۇلغاندىن باشلاپ، ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئېلىشقا ھەرىكەت قىلغان. ئۇ پەقەت ئەقىدەنىڭ نۆۋەتتە قاماقخانىدا ئىكەنلىكى ۋە كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە تېخى تاپشۇرۇلمىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان؛ ئەمما تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبى ھەققىدە تېخىچە قانائەتلىنەرلىك ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەن.

توردىكى ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى نازۇك ۋەزىيىتىدىن باشقا، ئەقىدەنىڭ بىر پەرزەنتىنىڭ كېسەلچان بولۇشىمۇ ئۇيغۇر ۋە تۈرك جەمئىيىتىدە ئەندىشە پەيدا قىلماقتا.

دەسلەپكى كۈنلەردىلا، ئامېرىكىدىكى ياش كارخانىچى قۇززات ئالتاي ئۆزىنىڭ كۆپ ساندا تۈرك ئەگەشكۈچىلىرى بولغان يۇتۇب قانىلىدا تۈركچە مۇراجىئەت ئېلان قىلىپ، تۈركىيەدىكى ھەر ساھە كىشىلىرىنى ئەقىدە ئىسمائىلنىڭ ئاقىۋىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ ھەم تۈركىيە، ھەم ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە تەسىرات بايان قىلغان ئىدى.

تۈرك ئاخباراتلىرىدىن «خابەر نىدا»، «مىرا ھابەر» ۋە «يېڭى شەپەق» گېزىتلىرى ئەقىدە ئىسمائىلنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا ئەندىشە ۋە نارازىلىقلار بىلدۈرۈلگەن خەۋەر ۋە ماقالىلەر ئېلان قىلدى.

ئىستانبۇل ساقچى ۋە كۆچمەنلەر ئىدارىسى دائىرىلىرى ئەقىدە ئىسمائىلنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە ئاقىۋىتى ھەققىدە ئېلخەت ئارقىلىق يوللىغان سوئاللىرىمىزغا تا ھازىرغىچە جاۋاب بەرمىدى.

ياۋروپا پارلامېنتى: لاگېرلار نامدىلا تاقالغان، ئۈچ مىليون كىشى زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتىدۇ

ياۋروپا پارلامېنتى 7-ئۆكتەبىر كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى–خىتاي سىياسىي مۇناسىۋەتلىرىگە دائىر بىر تەۋسىيەنامە ماقۇللاپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا باستۇرۇش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىلىرىدە خىتايغا بولغان بېسىمنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى.

خىتاينىڭ قىلمىشلىرى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ ئاتالغان بۇ تەۋسىيە دوكلاتىدا، لاگېرلارنىڭ نامدا تاقالغان بولسىمۇ، خالىغانچە تۇتقۇن، مەجبۇرىي ئەمگەك، دىنىي چەكلىمە ۋە مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقلىرىنىڭ يەنىلا داۋام قىلىۋاتقانلىقى ۋە بۇ جەرياندا ئۈچ مىليون كىشىنىڭ زىيان-زەخمەتكە ئۇچراۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

تەۋسىيەنامىدە يەنە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ ھەممىلا ساھەسىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇشى كېرەكلىكى ئالاھىدە تەكىتلەندى.

خىتاي بىلەن ئىنسان ھەقلىرى سۆھبىتىنى كۈچەيتىش ۋە سىياسىي مەھبۇسلارنى شەرتسىز قويۇپ بېرىش؛ سودىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق ۋە ياۋروپانىڭ ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىمۇ ئورۇن ئالغان تەۋسىيەنەمىدە، ساخاروف مۇكاپاتى ساھىبى ئىلھام توختى ۋە دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ، شۇنداقلا ياۋروپا دۆلىتى پۇقرالىرىنىڭ قېرىنداشلىرىدىن بولغان پروفېسسور يالقۇن ئەيسا ۋە خۇشتار ئەيسانىڭمۇ شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بۇ تەۋسىيەنامە ياۋروپا پارلامېنتىدىكى 454 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 86 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى ۋە 110 ئاۋازنىڭ ۋاز كېچىشى بىلەن ماقۇللاندى.

دەنھاگ شەھەر باشلىقى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇرەھىم غېنىنى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلدى

گوللاندىيەنىڭ دەنھاگ شەھەر باشلىقى يان ۋان زانېن ئەپەندى گوللاندىيەدىكى ئاكتىپ پائالىيەتچى ئابدۇرەھىم غېنىنى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭدىن ھال سورىدى ۋە پائالىيەتلىرىگە ئىلھام بەردى.

ئابدۇرەھىم غېنى بۇ يىل 2-ئاينىڭ 14-كۈنى گوللاندىيەنىڭ دېنھاگ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن چاغان پائالىيەت سورۇنىغا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى كۆتۈرۈپ كىرگەن ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى شوئار توۋلىغان ئابدۇرەھىم غېنى بىلەن خىتاي خادىملىرى ئارىسىدا غەۋغا كېلىپ چىققان. غەۋغادا خىتاي تەرەپ زىيادە كۈچ قوللانغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ۋەقە ئاخباراتلاردا خەۋەر قىلىنغان ۋە دەنھاگ شەھەرلىك مەجلىسىدە مۇزاكىرىگە قويۇلغان ئىدى.

يىغىندا شەھەر باشلىقى يان ۋان زانېن ئەپەندى ئابدۇرەھىم غېنىنىڭ قارشىلىقىنى يوللۇق دەپ قارىغان ۋە خىتاي تەرەپنىڭ زوراۋانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ۋە بۇنىڭدىن كېيىن مەزكۇر زالدا چاغان پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈشىگە رۇخسەت بېرىلمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، شەھەر باشلىقى شۇ كۈنى بەرگەن ۋەدىسىگە بىنائەن، ئابدۇرەھىم غېنىنى 8-ئۆكتەبىر كۈنى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلغان. يېرىم سائەتچە داۋام قىلغان سۆھبەتتە ئابدۇرەھىم غېنى ئائىلىسىنىڭ ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ۋە شەھەر باشلىقىدىن داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى قولىدىن كېلىشىچە ھەرىكەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

ستارباكسنىڭ تۇنجى قېتىم شەرقىي تۈركىستان بازىرىغا كىرىشى كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىدى

ئامېرىكىنىڭ داڭلىق قەھۋە زەنجىرسىمان شىركىتى ستارباكىس (Starbucks) يېقىندا تۇنجى قېتىم شەرقىي تۈركىستان بازىرىغا كىرىپ، ئۈرۈمچىدە بىرلا ۋاقىتتا ئىككى دۇكان ئاچقان. بۇ ئىش بىر قىسىم ئامېرىكا دۆلەت مەجىلىسى ئەزالىرى، ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋە كۆزەتچىلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.

29-سېنتەبىر، ستارباكىسنىڭ ئۈرۈمچى خەلقئارا چوڭ بازار دۇكىنى بىلەن ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ خەلقئارا ئايرودۇرۇمى دۇكىنى رەسمىي ئېچىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە خەلقئارا چوڭ بازار دۇكىنى ستارباكىسنىڭ خىتايدا ئاچقان تۇنجى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بايراقدار دۇكىنى بولۇپ، دۇكان ئىچىگە ئەتلەس توقۇش، ناخشا-ئۇسسۇل قاتارلىق ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئامىللىرى كىرگۈزۈلگەن ھەمدە ئانار، باكلاۋا، قايماق قاتارلىق يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلار چىقىرىلغان. ستارباكىس خىتاي رايونىنىڭ ئالىي ئىجرائىيە ئەمەلدارى ليۇ ۋېنجۈەن شىركەتنىڭ كەلگۈسىدە رايونغا داۋاملىق مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ رەئىسى جون مۇلېنار (John Moolenaar) ستارباكىستىن بۇ دۇكانلارنى دەرھال تاقاشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ”ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىدىن پەخىرلىنىدىغان بىر شىركەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى چۆچۈتىدىغان ۋە ئاخلاقىي جەھەتتىن بەرباتلىققا ئېلىپ بارىدىغان قاراردۇر.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ ستارباكىسنى تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇشقا چاقىردى ھەمدە خەلقئارالىق ماركىلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا شۇغۇللانغان سودا پائالىيەتلىرىنىڭ بېيجىڭنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ”ھەممە ئىشلار نورمالىققا قايتتى“ دېگەن ئوبرازنى يارىتىش ئۈچۈن پايدىلىنىپ كېتىلىش ئېھتىماللىقىنى تەكىتلىدى.

ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ ياچىيۇ (Maya Wang) بولسا ستارباكىسنىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان) كوچىلىرىدا پەيدى بولۇشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جايدا «ھەممە ئىش نورمال» دېگەن بايانىنى تارقىتىش ئۇرۇنۇشىغا ماسلاشقانلىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ تەنقىدلەرگە قارىتا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گو جياكۈن ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ بەزى دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ «سىياسىي مەقسەتتە پاكىتلارنى ئويدۇرۇپ، خىتايغا ھۇجۇم قىلىش ۋە قارا سۈركەشكە ئادەتلەنگەنلىكى»نى ئەيىبلىدى ھەمدە يەنە بىر قېتىم: «شىنجاڭدا ’ئىرقىي قىرغىنچىلىق‘ بار دېگەن گەپ پۈتۈنلەي يالغان» دېدى.

5-ئۆكتەبىرگە قەدەر، ستارباكىس ئۈرۈمچىدىكى دۇكانلىرىنى تاقاش تەلىپىگە ۋە مۇناسىۋەتلىك تەنقىدلەرگە قارىتا ئوچۇق-ئاشكارا ئىنكاس قايتۇرمىدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بەش قىسىملىق ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى دەرسلىكىنىڭ تور نۇسخسىنى تارقاتتى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئانا تىل كومىتېتى تەرىپىدىن تەيارلانغان، ياش-ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن يۈرۈشلەشكەن بەش قىسىملىق ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى دەرسلىكىنىڭ تور نۇسخىسى يېقىندا ئاممىغا تارقىتىلدى.

ئىككى يېرىم يىللىق ئەجىر ۋە 113 نەپەر ئوخشىمىغان كەسپلەردىكى مۇتەخەسسىس ھەم پىداكارلارنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن روياپقا چىققان بۇ دەرسلىكلەر مۇھاجىرەتتە تۇنجى قېتىم سىستېمىلىق ھالدا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بىرىنجى يىللىقىدىن بەشىنجى يىللىقىغىچە بولغان ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن تەييارلانغان ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى ئوقۇتۇش ماتېرىيالى ئىكەن.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخاننىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرىشىچە، دەرسلىكتىكى تېكىستلەر پەرزەنتلەرگە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى تونۇشقا، مۇستەقىل پىكىر قىلىشقا ۋە ئۆزىگە ئىشىنىشكە يېتەكلەيدىغان مەزمۇنلار بىلەن تەييارلانغان ھەمدە مەزمۇنلارغا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەدىرىيەتلىرىنى سىڭدۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن.

دەرسلىكلەرنى تۈزۈشتە شەرقىي تۈركىستاندا نەشر قىلىنغان تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكلىرى ئاساس قىلىنىپ، زامانىۋى پېداگوگىكا ئىلمىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى ئارقىلىق بالىلارنىڭ ياش سەۋىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىلگەن. شۇنداقلا، ئىملا جەھەتتىن 2009-يىلى شەرقىي تۈركىستاندا نەشىر قىلىنغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى»گە، گرامماتىكىلىق ئاتالغۇلار بولسا 2010-يىلى نەشر قىلىنغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى»غا ماسلاشتۇرۇلغان.

تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرىشىچە، 1-قىسىم كىتاب ئېلىپبە بولۇپ، ھەرپلەرنىڭ ئىشلىتىلىش چاستوتىسىغا ئاساسەن تۈزۈلگەن. 2-قىسىمدىن دىن 5-قىسىمغىچە بولغان دەرسلىكلەر مەزمۇنى سەككىز بۆلەككە ئايرىلغان بولۇپ، ھەربىر بۆلەكتە ئوخشىمىغان ژانىردىكى تېكىستلەر ۋە گرامماتىكا بىلىملىرى ئورۇن ئالغان.

2-ئۆكتەبىر، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بۇ كىتابلارنى ئالدى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپلىرىگە ھەقسىز تارقىتىدىغانلىقىنى، ئاندىن ئائىلە ۋە شەخسلەرگە ئېلېكترونلۇق نۇسخىسىنى تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي مىللەتلىرى گېزىتى: «يېڭى چىڭ تارىخى» مىللىي بۆلگۈنچىلەرنى «نەزەرىيەۋى ئوق-دورا» بىلەن تەمىنلىمەكتە

خىتاي مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئىگىدارچىلىقىدىكى «خىتاي مىللەتلىرى گېزىتى» يېقىندا ماقالا ئېلان قىلىپ، «يېڭى چىڭ تارىخى»نىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ تارىخىي ئاساسىغا ئېغىر دەرىجىدە زەرەر يەتكۈزۈۋاتقانلىقى»نى ئىلگىرى سۈردى ھەمدە ئۇنىڭغا «كۈچلۈك رەددىيە بېرىش»نى تەشەببۇس قىلدى. مەزكۇر گېزىت ئۆتكەن ئىككى يىلدىن بۇيان «يېڭى چىڭ تارىخى»نى تەنقىد قىلىشتا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ كەلگەنىدى.

تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ قارىماققا ئاكادېمىك تالاش-تارتىشتەك كۆرۈنگىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە بېيجىڭنىڭ شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە موڭغۇلىيە قاتارلىق رايونلارنىڭ خىتاي بىلەن بولغان تارىخىي مۇناسىۋىتىنى قانداق چۈشەندۈرۈشىگە بېرىپ چېتىلىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ”يېڭى چىڭ تارىخى“ - چىڭ سۇلالىسى تارىخىنى تەتقىق قىلىشنىڭ بىر تۈرلۈك ئۇسۇلى بولۇپ، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىن بۇيان، ئامېرىكا ۋە ئېنگلىز تىلى تارىخ تەتقىقات ساھەسىدە تەدرىجىي شەكىللەنگەن.

”يېڭى چىڭ تارىخى“ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تارىخچىلار مانجۇ يېزىقى ۋە خىتايچە بولمىغان باشقا كۆپ خىل يېزىقتىكى تارىخىي ئارخىپلاردىن پايدىلىنىپ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەنئەنىۋى مەنىدىكى بىر خىتاي سۇلالىسى ئەمەس، بەلكى مانجۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى شىمالىي/ئىچكى ئاسىيا ئىمپېرىيەسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن، شۇنداقلا، شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە موڭغۇلىيە قاتارلىق رايونلارنىڭ چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرى ۋە ئىمپېرىيە كېڭەيمىچىلىكى جەريانىدا چىڭ سۇلالىسىغا قەدەممۇ قەدەم قوشۇۋېلىنغانلىقى ئوتتۇرىغا قويغان. بېيجىڭ بولسا مەزكۇر رايونلارنى ”ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئايرىلماس قىسىمى ئىدى“ دېگەن ھۆكۈم بىلەن ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك قوشۇلۇشىنى ئىزچىل تەكىتلەپ، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» بايانىنى كۈچەيتمەكتە.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ «يېڭى چىڭ تارىخى»غا قاراتقان تەنقىدى ئادەتتىكى تارىخ تەتقىقاتى دائىرىسىدىن ھالقىپ، مىللەتلەر سىياسىتى، دۆلەت كىملىكى ۋە خىتاي تارىخىنى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك كەڭ دائىرىلىك تالاش-تارتىشقا سەۋەب بولىۋېتىپتۇ.