ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى دەرسلىكلىرىنىڭ تور نۇسخسىنى تارقاتتى

دەرسلىكتىكى تېكىستلەر پەرزەنتلەرگە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى تونۇشقا، مۇستەقىل پىكىر قىلىشقا ۋە ئۆزىگە ئىشىنىشكە يېتەكلەيدىغان مەزمۇنلار بىلەن تەييارلانغان ھەمدە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەدىرىيەتلىرىنى سىڭدۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئانا تىل كومىتېتى تەرىپىدىن تەيارلانغان، ياش-ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن يۈرۈشلەشكەن بەش قىسىملىق ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى دەرسلىكىنىڭ تور نۇسخىسى يېقىندا ئاممىغا تارقىتىلدى.

ئىككى يېرىم يىللىق ئەجىر ۋە 113 نەپەر ئوخشىمىغان كەسپلەردىكى مۇتەخەسسىس ھەم پىداكارلارنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن روياپقا چىققان بۇ دەرسلىكلەر مۇھاجىرەتتە تۇنجى قېتىم سىستېمىلىق ھالدا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بىرىنجى يىللىقىدىن بەشىنجى يىللىقىغىچە بولغان ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن تەييارلانغان ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى ئوقۇتۇش ماتېرىيالى ئىكەن.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخاننىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرىشىچە، دەرسلىكتىكى تېكىستلەر پەرزەنتلەرگە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى تونۇشقا، مۇستەقىل پىكىر قىلىشقا ۋە ئۆزىگە ئىشىنىشكە يېتەكلەيدىغان مەزمۇنلار بىلەن تەييارلانغان ھەمدە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەدىرىيەتلىرىنى سىڭدۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن.

دەرسلىكلەرنى تۈزۈشتە شەرقىي تۈركىستاندا نەشر قىلىنغان تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكلىرى ئاساس قىلىنىپ، زامانىۋى پېداگوگىكا ئىلمىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى ئارقىلىق بالىلارنىڭ ياش سەۋىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىلگەن. شۇنداقلا، ئىملا جەھەتتىن 2009-يىلى شەرقىي تۈركىستاندا نەشىر قىلىنغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى»گە، گرامماتىكىلىق ئاتالغۇلار بولسا 2010-يىلى نەشر قىلىنغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى»غا ماسلاشتۇرۇلغان.

تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرىشىچە، 1-قىسىم كىتاب ئېلىپبە بولۇپ، ھەرپلەرنىڭ ئىشلىتىلىش چاستوتىسىغا ئاساسەن تۈزۈلگەن. 2-قىسىمدىن دىن 5-قىسىمغىچە بولغان دەرسلىكلەر مەزمۇنى سەككىز بۆلەككە ئايرىلغان بولۇپ، ھەربىر بۆلەكتە ئوخشىمىغان ژانىردىكى تېكىستلەر ۋە گرامماتىكا بىلىملىرى ئورۇن ئالغان.

2-ئۆكتەبىر، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بۇ كىتابلارنى ئالدى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپلىرىگە ھەقسىز تارقىتىدىغانلىقىنى، ئاندىن ئائىلە ۋە شەخسلەرگە ئېلېكترونلۇق نۇسخىسىنى تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.