ئامېرىكىنىڭ داڭلىق قەھۋە زەنجىرسىمان شىركىتى ستارباكىس (Starbucks) يېقىندا تۇنجى قېتىم شەرقىي تۈركىستان بازىرىغا كىرىپ، ئۈرۈمچىدە بىرلا ۋاقىتتا ئىككى دۇكان ئاچقان. بۇ ئىش بىر قىسىم ئامېرىكا دۆلەت مەجىلىسى ئەزالىرى، ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋە كۆزەتچىلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.
29-سېنتەبىر، ستارباكىسنىڭ ئۈرۈمچى خەلقئارا چوڭ بازار دۇكىنى بىلەن ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ خەلقئارا ئايرودۇرۇمى دۇكىنى رەسمىي ئېچىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە خەلقئارا چوڭ بازار دۇكىنى ستارباكىسنىڭ خىتايدا ئاچقان تۇنجى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بايراقدار دۇكىنى بولۇپ، دۇكان ئىچىگە ئەتلەس توقۇش، ناخشا-ئۇسسۇل قاتارلىق ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئامىللىرى كىرگۈزۈلگەن ھەمدە ئانار، باكلاۋا، قايماق قاتارلىق يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلار چىقىرىلغان. ستارباكىس خىتاي رايونىنىڭ ئالىي ئىجرائىيە ئەمەلدارى ليۇ ۋېنجۈەن، شىركەتنىڭ كەلگۈسىدە رايونغا داۋاملىق مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ رەئىسى جون مۇلېنار (John Moolenaar) ستارباكىستىن بۇ دۇكانلارنى دەرھال تاقاشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ”ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىدىن پەخىرلىنىدىغان بىر شىركەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى چۆچۈتىدىغان ۋە ئاخلاقىي جەھەتتىن بەرباتلىققا ئېلىپ بارىدىغان قاراردۇر.»
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ ستارباكىسنى تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇشقا چاقىردى ھەمدە خەلقئارالىق ماركىلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا شۇغۇللانغان سودا پائالىيەتلىرىنىڭ بېيجىڭنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ”ھەممە ئىشلار نورمالىققا قايتتى“ دېگەن ئوبرازنى يارىتىش ئۈچۈن پايدىلىنىپ كېتىش ئېھتىماللىقىنى تەكىتلىدى.
ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ ياچىيۇ (Maya Wang) بولسا ستارباكىسنىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان) كۆچىلىرىدا پەيدى بولۇشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جايدا «ھەممە ئىش نورمال» دېگەن بايانىنى تارقىتىش ئۇرۇنۇشىغا ماسلاشقانلىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ تەنقىدلەرگە قارىتا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گو جياكۈن ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ بەزى دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ «سىياسىي مەقسەتتە پاكىتلارنى ئويدۇرۇپ، خىتايغا ھۇجۇم قىلىش ۋە قارا سۈركەشكە ئادەتلەنگەنلىكى»نى ئەيىبلىدى ھەمدە يەنە بىر قېتىم: «شىنجاڭدا ’ئىرقىي قىرغىنچىلىق‘ بار دېگەن گەپ پۈتۈنلەي يالغان» دېدى.
6-ئۆكتەبىرگە قەدەر، ستارباكىس ئۈرۈمچىدىكى دۇكانلىرىنى تاقاش تەلىپىگە ۋە مۇناسىۋەتلىك تەنقىدلەرگە قارىتا ئوچۇق-ئاشكارا ئىنكاس قايتۇرمىدى.
