شوپۇر ياسىنجان توختىنىڭ قاتناش ۋەقەسىدە ئەمەس لاگېردا ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا ئاقسۇ شەھەر قارتال ساقچىخانا خادىمى ياسىنجان توختىنىڭ دوختۇرخانىدا ئۆلگەنلىكىنى ئاشكارىلاش بىلەن بىللە، ئۇنىڭ دوختۇرخانىغا لاگېردىن ئەكېلىنگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

نۆۋەتتە بېلگىيەدە ياشاۋاتقان رەيھانگۈل توختى 2018 -يىلى ئاقسۇدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئىنىسى ياسىنجان توختىنىڭ قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلىقى ھەققىدە ئۇشتۇمتۇت ئۇچۇر ئالغان، ئەمما ئۇچۇردىكى ئۆلۈم سەۋەبى ھەققىدىكى ئىزاھاتتىن گۇمانلانغان ئىدى.

رەيھانگۈلنىڭ دېيىشىچە، ياسىنجان 1980 -يىلى تۇغۇلغان، ئاقسۇ شەھىرىدە ئاپتوبۇس شوپۇرلۇقى بىلەن تىرىكچىلىكىنى داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ باشلانغۇچقىچىلا ئوقۇيالىغان بولغاچقا، پەرزەنتلىرىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن. ئۇ بەش ياشلىق ئوغلى ھەبىبۇللا ياسىننى مىسىرغا ئوقۇشقا چىقارغان ئىدى.

ياسىنجان بۇ قىلمىشى ئۈچۈن دىنىي رادىكاللىق گۇمانى بىلەن بىر قانچە قېتىم تۇتۇلۇپ، قىسقا مۇددەتلىك «تەربىيەلەش»نى باشتىن كەچۈرگەن. بۇ جەرياندا، مىسىردا ئوقۇۋاتقان بالىسىنى قايتۇرۇپ ئەكېلىشكە مەجبۇرلانغان. بۇ مەزگىلدە مىسىردا بالىلىرىنى ئوقۇتۇۋاتقان رەيھانگۈل ئىنىسىنىڭ ئوغلىنى ئايروپىلان خادىملىرىغا تاپشۇرۇپ، ئاقسۇغا يالغۇز يولغا سېلىپ قويغان.

ياسىنجان ئوغلىنى مىسىردىن قايتۇرۇپ ئەكېتىپمۇ، گۇماندىن قۇتۇلالمىغان. ئۇ سوراق قىلىنىۋاتقان مەزگىللىرىدە، ئۇنىڭ ئاپتوبۇس شوپۇرلۇقى داۋامىدا يولۇچىلارنىڭ يولدا توختاپ ناماز ئوقۇشىغا قولايلىق يارىتىپ بەرگەنلىكى پاش بولۇپ، قايتىدىن تەربىيەلەشكە ئەكېتىلگەن ۋە ئاخىرقى قېتىم ئەكېتىلىشىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇنىڭ قاتناش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلىكى ئۇچۇرى كەلگەن.

رەيھانگۈل ئۆلۈم سەۋەبىدىن گۇمانلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتقىنىدا، ئۇنىڭغا ئۇچۇر يەتكۈزگەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۆلۈم سەۋەبىنى مۇشۇنداق بىلىپ تۇرۇشى كېرەكلىكىنى ۋە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئارتۇق گەپ سوراشقا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. بۇ ئىزاھات رەيھانگۈلنىڭ گۇمانىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان.

رەيھانگۈل بۇ ئۆلۈمنىڭ سىرىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن كۆپ تىرىشقان بولسىمۇ، ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغان. ئەكسىچە، ئۆزىگە ئىنىسىنىڭ ئۆلۈم ئۇچۇرىنى يەتكۈزگەن سىڭلىسى ۋە چەتئەلنى زىيارەت قىلىپ قايتقان ئانىسىنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان.

تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا ئاقسۇ شەھەر قارتال ساقچىخانا خادىمى ياسىنجان توختىنىڭ دوختۇرخانىدا ئۆلگەنلىكىنى ئاشكارىلاش بىلەن بىللە، ئۇنىڭ دوختۇرخانىغا لاگېردىن ئەكېلىنگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. يەنە بىر خادىممۇ ياسىنجاننىڭ لاگېرغا ئەكېتىلىپ توققۇز كۈندىن كېيىن ئۆلگەنلىكىنى دەلىللىدى.

رەيھانگۈل ئارىدىن سەككىز يىل ئۆتكەندە ئىنىسىنىڭ لاگېردا ئۆلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپتى، ئەمما سىڭلىسى ۋە ئانىسىنىڭ قانچە يىلغا كېسىلگەنلىكى ۋە قەيەردە جازا ئۆتەۋاتقانلىقىدىن تېخى خەۋەر ئالالمىدى.