ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى «ئەركىنلىك سارىيى» 17-سېنتەبىر بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى شى جىنپىڭنىڭ ۋاشىنگتون زىيارىتىگە قارشى ئۆتكۈزۈلىدىغان نامايىشلارغا قاتناشقۇچىلارنى قوغداشقا چاقىردى.
خىتاينىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىيات قانۇنى»نىڭ 63-ماددىسىدا، خىتاي چېگراسى سىرتىدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان» ياكى «مىللىي بۆلگۈنچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان» شەخس ۋە تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. بۇ ماددا خەلقئارادا خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلىرىنى قانۇنىيلاشتۇرۇش ئۇرۇنۇشى، دەپ تەنقىد قىلىنىپ كەلمەكتە.
دوكلاتتا مەزكۇر ماددىنىڭ خەۋپ-خەتىرى ئىزاھلىنىش بىلەن بىرلىكتە، 2014-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە دۇنيادا خاتىرىلەنگەن چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش ۋەقەلىرىنىڭ 23 پىرسەنتىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.
«ئەركىنلىك سارىيى» بۇ دوكلاتىدا پرېزىدېنت دونالد ترامپتىن خىتاينىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى»نى رەسمىي ئەيىبلەشنى تەلەپ قىلغان. تەشكىلات يەنە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنى «چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش»نىڭ رەسمىي قانۇنىي ئېنىقلىمىسىنى بەلگىلەشكە، ئامېرىكا ساقچى ۋە بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنى تىنچلىق نامايىشلىرىغا قاتناشقۇچىلارنى خىتايپەرەس گۇرۇپپىلارنىڭ زوراۋانلىقىدىن قوغداشقا چاقىرغان.
بۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن، 16-سېنتەبىردە «خىتاي كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى تورى» (CHRD)نىڭ يېتەكچىلىكىدە شى جىنپىڭغا قارشى بىرلىشمە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىنغان. خەتتە شى جىنپىڭدىن ۋاشىنگتون زىيارىتىدىن ئاۋۋال ئىلھام توختى، راھىلە داۋۇت، گۈلشەن ئابباس ۋە ئەكبەر ئەسەت قاتارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى قويۇپ بېرىش، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتى قانۇنى» بىلەن خوڭكوڭ دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىنى بىكار قىلىش ياكى ئۆزگەرتىش تەلەپ قىلىنغان. خەتتە يەنە شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكىدىكى زىيارىتىگە قارشى نامايىش قىلغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرىدىن ئۆچ ئالماسلىققا ئاشكارا كاپالەت بېرىش سورالغان.
بۇ بىرلىشمە ئوچۇق خەتكە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 29 تەشكىلاتنىڭ ۋەكىلى ئىمزا قويغان.
