تونۇلغان چاقچاقچى مۇساجان ئەخمەتنىڭ خىتاي تۈرمىىسىدە جان ئۈزگەنلىكى دەلىللەندى
ئۆتكەن ھەپتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا غۇلجىدىكى تونۇلغان چاقچاقچى مۇساجان ئەخمەتنىڭ يېقىندا جازا ئۆتەۋاتقان كۈيتۈن تۈرمىسىدە ۋاپات بولغانلىقى خەۋەر قىلىندى. تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقى ئالاقىدار ساقچى خادىملىرى تەرىپىدىن دەلىللەندى.
مۇساجان ئەخمەت 1970-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ مەدەنىيەت پونكىتى ۋە سەنئەت ئۆمەكلىرىدە سەنئەتكار ۋە خىزمەتچى بولۇپ ئىشلەشتىن باشقا، غۇلجىنىڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىدا رىياسەتچى بولۇپمۇ كۆزگە كۆرۈنگەن.
بىز مەرھۇم ئىلگىرى خىزمەت قىلغان ئورۇنلارغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆلۈم ئۇچۇرى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. كېپەكيۈزى يېزىلىق مەدەنىيەت پونكىتى خادىمى مەرھۇمنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئىنكار قىلمىدى، ئەمما ئۆلۈم سەۋەبى ھەققىدە ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى، يەنى غۇلجا شەھەرلىك پارتكومدىن كەلگەن خادىملارغىلا مەلۇمات بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. غۇلجا شەھىرىدىكى بىر دۆلەت ئامانلىقى ساقچىسى مۇساجان ئەخمەتنىڭ تۈرمىدە ئۆلگەنلىكىنى دەلىللەش بىلەن بىللە، بۇ ئۆلۈمنىڭ ئۇشتۇمتۇت بولغانلىقىنى بايان قىلدى.
نۆۋەتتە گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان سىياسىي پائالىيەتچى، مەشھۇر چاقچاقچى ئابلىمىت تۇرسۇن غۇلجىدا مۇساجان ئەخمەت بىلەن سەنئەت ۋە مەدەنىيەت سۆھبىتىدە قىسقا بىر مەزگىللىك سەپداشلىق ھاياتى بولغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئابلىمىت تۇرسۇننىڭ بايان قىلىشىچە، مۇساجان ئەخمەت چاقچاقلىرىدا سۆزلەرنىڭ دانىمۇدانە، ئوچۇق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى، يۇمورلىرىنىڭ تەربىيەۋى ئەھمىيىتى كۈچلۈك بولۇشتەك تەرەپلىرى بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئوخشىمىغان قاتلارملارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن. ئابلىمىت تۇرسۇننىڭ خەۋەر تەپىشىچە، مۇساجان ئەخمەت كېيىنكى يىللاردا، ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ يېقىندىن قوللىشى بىلەن تىجارەت ساھەسىگىمۇ كىرگەن ۋە كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئىگىلىك تىكلىگەن. مۇساجان ئەخمەتنىڭ ھەم ئىقتىدار ئىگىسى، ھەم ئىقتىساد ئىگىسى بولۇشتەك ئالاھىدە تەرەپلىرى خىتاينىڭ كۆزىگە پاتقان ۋە 2017-يىلدىكى چوڭ تۇتقۇندا، ئۇنى زەربە نىشانىنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا تىزغان.
رادىيومىزنىڭ ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىدا، مۇساجان ئەخمەتنىڭ 2016-يىلى چەت ئەلنى زىيارەت قىلغانلىقى ۋە پىلاندىن سىرت تۇغۇلغان بىر پەرزەنتى سەۋەبلىك تۇتۇلغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.
مۇساجان ئەخمەت ئوغلى ھىدايەت مۇساجاننى 2014-يىلى مىسىرغا ئوقۇشقا چىقارغان. مىسىردىكى ئوقۇغۇچىلار خىتاينىڭ زەربە نىشانى بولغاندىن كېيىن، ئۇ تۈركىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن. ئۇ نۆۋەتتە «ئىزباسارلار» نامىدىكى مىللىي ۋە دىنىي ئويغىنىش ھەرىكىتى گۇرۇپپىسىدا خىزمەت قىلماقتا.
مەرھۇمنىڭ چەت ئەلدىكى دۇستلىرى مەرھۇمغا قىلغان دۇئالىرىدا ئۇنىڭ ئوغلى، ئىزباسارى ھىدايەت مۇساجاننىڭ دادىسىنىڭ ئىزىنى باسقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە ۋە خىزمەتلىرىگە تېخىمۇ كۆپ ئۇتۇقلار تىلىمەكتە.
ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ترامپقا قارىتا چاقىرىقلىرىغا بىر خرىستىيان تەشكىلاتىمۇ ئاۋاز قوشتى
ئامېرىكىدىكى نۇپۇزلۇق بىر خرىستىيان جەمئىيىتى تەشكىلاتى يەنى جەنۇبىي باپتىستلار جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت سىياسىتى ئورگىنى بولغان «ئەخلاق ۋە دىنىي ئەركىنلىك كومىسسىيەسى» (Ethics & Religious Liberty Commission — ERLC) 9-سېنتەبىر پرېزىدېنت ترامپ ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيوغا ئايرىم-ئايرىم خەت يوللاپ، ئامېرىكا-خىتاي ئۇچرىشىشىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان زۇلۇمىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى.
مەزكۇر تەشكىلات باياناتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا مېڭە يۇيۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ۋە لاگېرلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
بۇ تەشكىلات، بۇنىڭدىن بەش يىل بۇرۇن، يەنى 2021-يىلى 15–16-ئىيۇن كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن يىللىق يىغىنىدا ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە مەخسۇس قارار قوبۇل قىلغان ۋە قارارىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىنى ئەيىبلىگەن ھەم باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغان ئىدى.
مەزكۇر خرىستىيان جەمئىيىتى، تەشكىلات خەتتە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇمنى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تىزىملىكىگە كىرمىگەن خرىستىيان چېركاۋلىرىغا قاراتقان باستۇرۇشلىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.
بۇ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي سۆھبەتلىرىنىڭ كۈنتەرتىپىدە تۇتۇلۇشى ھەققىدىكى چاقىرىقلارغا خرىستىيان جەمئىيىتىدىن كەلگەن بىر ئاۋازنىڭ قوشۇلۇشىدۇر.
مەزكۇر تەشكىلاتىنىڭ بۇ چاقىرىقى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئارىسىدا ترامپنىڭ شى جىنپىڭ بىلەن بولغان ئالاقىسىگە قارىتا ئەندىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلدى. بۇنىڭدىن ئىككى كۈن ئاۋۋال، ئامېرىكىدىكى «ئۇيغۇرلارنى قوغداش» تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، ترامپنىڭ شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشىنى ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى تونۇشىنى ئىنكار قىلىش ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدىكى قارارىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇش دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى» ۋە «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى ترامپنى شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچرىشىشىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى ۋە سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان، ئەگەر بۇنداق بولىمغاندا بۇ ئۇچرىشىشنىڭ خىتايغا خاتا سىگنال بېرىدىغانلىقى ۋە قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇشقا جاسارەتلەندۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويغان دىني چەكلىمىلىرى ئىچكى ئۆلكىلەرگە كېڭەيگەن
خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا 2013-يىلدىن باشلاپ كەڭ كۆلەمدە يولغا قويغان ئاتالمىش «قانونسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قارشى ھەرىكەت» دولقۇنىدا، نۇپۇزلۇق دىنىي زاتلارغا «ياۋا ئاخۇن»، «ياۋا ئىمام» دەپ نام بەرگەن ۋە ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى پاش قىلغانلارغا مۇكاپات سوممىسى بەلگىلىگەن ئىدى.
«كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش» تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى يالقۇن ئۇلۇغيولنىڭ 9-سېنتەبىر كۈنى ئېلان قىلغان بىر قىسقا ئانالىز ماقالىسىدا، ئوخشاش مۇكاپاتلاش تۈزۈمىنىڭ بۇ يىلدىن باشلاپ خىتاينىڭ چېڭدۇ، خېييۈەن قاتارلىق سەككىز شەھىرىدە ئىجراغا قويۇلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ۋە شەرقىي تۈركىستاندا سىناقتىن ئۆتكەن دىنىي چەكلىمىلەرنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە كېڭەيتىلىشكە باشلانغانلىقى تەھلىل قىلىنغان. ئانالىزدا دېيىلىشىچە، خىتاينىڭ ئالاقىدار ماتېرىياللىرىدىن نەقىل ئېلىپ دېيىلىشىچە، خىتاي يەر ئاستى چېركاۋلاردا توپلانغان ياكى ئۈندىدار گۇرۇپپىلىرىدا دىنىي دەرس سۆزلىگەنلەرنى پاش قىلغانلارغا 800 يۈەن بېرىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان. خىتاي شەھەرلىرىدىكى مېھمانخانىلارغىمۇ، دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان گۇمانلىق كۆرۈنۈشلەر بايقالسا، دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىش ئۇقتۇرۇلغان.
خەۋەر ئارخىپلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل ئۇقتۇرۇشلار شەرقىي تۈركىستاندا 10 نەچچە يىل ئاۋۋال تارقىتىلىپلا قالمىستىن، بۇ چەكلىمىلەرنىڭ نەتىجىسىدە تۇتقۇن قىلىنغان دىنىي زاتلار 10 يىلدىن يۇقىرى قاماق جازاسىغا يولۇقۇپ، نۆۋەتتە جازا ئىجرا قىلماقتا.
شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقنىڭ 90 ياشقا كىرگەنلىكى تەبرىكلەندى
ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىنىڭ تونۇلغان ۋەكىللىرىدىن ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقنىڭ 90 ياشلىق تەۋەللۇتى مۇناسىۋىتى بىلەن خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۇنىڭ ئاز كەم 70 يىللىق ئىجادىيىتى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا قوشقان تۆھپىسى تەبرىكلەندى.
قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتكە بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتى، ھەر ساھەدىكى تونۇلغان شەخسلەر قاتناشتى. قاتناشقانلار ئارىسىدا جامائەت ئەربابى ۋە تەتقىقاتچى قەھرىمان غوجامبەردىمۇ بار بولۇپ، قاتناشقۇچىلار ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقنىڭ ھاياتى، ئىجادىيىتى ۋە ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى ئورنى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى.
دېيىلىشىچە، شائىرنىڭ ئىجادىيىتىدە ۋەتەن، ھىجرەت ۋە مىللىي تەقدىر، ئۇيغۇر تارىخى ۋە ئىنسان قەدىر-قىممىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. شائىرنىڭ «يىگىرمە بىرىنچى ئەسىر، ئۇيغۇرىستان بولمايدۇ ئەسىر» دېگەن مىسرالار بىلەن باشلانغان «ئۇيغۇرىستان» ناملىق شېئىرى «يېڭى ھايات» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىچى-سىرتىدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالغان. ئۇنىڭ «يولوچى» ناملىق ئەسىرىدە ئىككىنجى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمى ئوبرازى يارىتىلغان. ئۇ يەنە ئۇيغۇر تارىخىدىكى رىزۋانگۈل، نۇزۇگۇم، ئىپارخان، مايىمخان قاتارلىق ئايال قەھرىمانلارغا بېغىشلاپ ئەسەرلەر يازغان.
يەنە خاتىرىلىنىشىچە، جەڭگىۋارلىققا چاقىرىش ۋە مىللىي ئاڭنى ئويغىتىش، شائىر ئىزچىل داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان يېزىقچىلىق يولىدۇر.
ئابدۇغوپۇر قۇتلۇق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ھالىتىدە بولۇپ، يىللاردىن بېرى بۇ تەشكىلاتلارنىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ، خەلقئارا سەھنىلەردە ھەرىكەت قىلىۋاتقان پائالىيەتچىلەرگە ئىلھام-بەخش شېئىر ۋە دېكلاماتسىيەلىرى بىلەن مەدەت بېرىپ كەلمەكتە.
تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر ئارخېئولوگلىرىدىن ئالىي تەتقىقاتچى ئابدۇقېييۇم خوجا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى
تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر ئارخېئولوگلىرىدىن بىرى، ئالىي تەتقىقاتچى ۋە تۆھپىكار ئالىم ئابدۇقېييۇم خوجا 3-سېنتەبىر سەھەردە، 85 يېشىدا ئۈرۈمچىدە كېسەل سەۋەبىدىن مەڭگۈلۈك كۆز يۇمدى.
1941-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان ئابدۇقېييۇم خوجا، 1956-يىلى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان ئارخېئولوگىيە خادىملىرىنى يىتىشتۈرۈش كۇرسىدا ئوقۇپ، تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر ئارخېئولوگلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. ئۇ ئۆمۈر بويى ئىلمىي ئىزدىنىشنى تەرك ئەتمەي، قەدىمكى تۈرك تىل-يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ۋە چاغاتاي تىل-يېزىقلىرىنى جاپالىق ئۆگىنىپ، ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە كىلاسسىك ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىشقا زور ھەسسە قوشقان.
ئۇ ھاياتىدا «مايتىرى سېمىت»، «قەدىمىي ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما» ۋە «غەربىي يۇرت ۋە قەدىمىي مەدەنىيەت» قاتارلىق ئۆلمەس ئەسەرلەرنى تۈزگەن ۋە نەشرگە تەييارلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئالتۇنلۇق، زاغۇنلۇق، نىيە، سامپۇل ۋە ئاق تۆپە قاتارلىق قەدىمىي خارابىلىقلەرنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان. بولۇپمۇ ئۇ ئۆزىنىڭ لوپنۇر رايونىدىكى كروران خارابىسى ۋە «كروران گۈزىلى»گە ئائىت ئىلمىي تەتقىقاتلىرى ئارقىلىق تارىم مەدەنىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئەجدادلىرىغا تەۋەلىكىنى ئىسپاتلاپ چىققان ھەمدە چەرچەندىكى قىياتاش رەسىملىرىنى تەتقىق قىلىپ، يەرلىك ئېتنىك تەركىبلەرگە ئائىت ئىلمىي پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان.
تارىخشۇناس، دوكتور نەبىجان تۇرسۇن ئۇنىڭ ۋاپاتىنى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن زور يوقىتىش دەپ ئاتىدى. مەرھۇمنىڭ ئامېرىكىدىكى قىزى، تونۇلغان ژۇرنالىست گۈلچېھرە خوجا رادىيومىزغا بەرگەن ئۇچۇرىدا دادىسىنىڭ ئاخىرقى ئون بىر يىلدا مېڭىسىگە قان چۈشۈپ ئورۇن تۇتۇپ قالغىنىغا قارىماي، ھەر قانداق تەسىر ۋە بېسىملارغا باش ئەگمەي، غۇرۇرى بىلەن شەرەپلىك ياشاپ ئۆتكەنلىكىنى، روھىنىڭ ھەردائىم ئۈستۈن بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.
تەتقىقاتچى زۇلھايات ئۆتكۈر ”ئۇيغۇر پوچتىسى“دا ئېلان قىلىنغان ئوبزورىدا، ئابدۇقېييۇم خوجانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تارىخىنى بۇرمىلاش ۋە ئارخېئولوگىيەنى دۆلەت بىرلىكىگە خىزمەت قىلدۇرۇش تەشۋىقاتلىرىغا قارىتا، ئىلمىي ئەمگەكلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيەت قورغىنىنى ئۆمۈر بويى قوغداپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئوبزوردا مەرھۇم ئالىمنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن ئىلمىي ئىزدىنىشلىرى ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان تارىخىغا ئائىت سەپستىلىرىگە رەددىيە بېرىشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەزىيەنامە ئېلان قىلىپ، ئابدۇقېييۇم خوجانىڭ ۋاپاتىدىن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. تەزىيەنامىدە: «مەرھۇم ئۆمرىنى ئۇيغۇر تارىخى، ئارخېئولوگىيەسى ۋە قەدىمىي يازما يادىكارلىقلارنى تەتقىق قىلىشقا بېغىشلاپ، مىللەتنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، تەتقىق قىلىش ۋە كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشكە مۇھىم تۆھپە قوشتى. ۋەتەن-مىللەت ئۈچۈن ئەقل-پاراسىتى، ئەمگىكى ۋە ئۆمرىنى بېغىشلىغان ھەر بىر كىشى مىلەتنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدۇ» دېيىلدى.
«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نىڭ ئىجرائاتى سۈرۈشتە قىلىندى
3-سېنتەبىر، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي مەسىلىسى ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ (SCC) رەئىسى جون مۇلېنار (John Moolenaar) ۋە دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ (CECC) رەئىسى كرىس سىمىس (Chris Smith) باشلىق ئىككى پارتىيە پارلامېنت ئەزالىرى دۆلەت بىخەتەرلىكى مىنىستىرى ماركۋايىن مۇللىنغا (Markwayne Mullin) بىر يازما مەكتۇپ يوللاپ، دۆلەت بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقىدىن (DHS) «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» (UFLPA) نىڭ ئىجرائات ئەھۋالى ھەققىدە 30 كۈن ئىچىدە پارلامېنتقا تەپسىلىي دوكلات بېرىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ ئوچۇق خەتكە يەنە رو خەننا (Ro Khanna)، جېف مەركلى (Jeff Merkley)، جىم ماكگوۋەرن (Jim McGovern)، بەننى تەمسون (Bennie Thompson)، كارلوس گىمەنەز (Carlos Gimenez) ۋە يۇڭ كىم (Young Kim) قاتارلىق ئىككى پارتىيەنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ئىمزا قويدى.
پارلامېنت ئەزالىرى خېتىدە خىتاينىڭ شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى (شەرقىي تۈركىستان) مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقارغان ماللىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى توسۇش ھەم ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىنى بۇنداق جىنايەتلەرگە شېرىك قىلىپ قويماسلىق ئۈچۈن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى قانۇنىنىڭ ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىشى زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى. ئانالىزلارغا قارىغاندا، شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان كېپەز ۋە توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئامېرىكا بازىرىغا ئۈچۈنچى دۆلەتلەر ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىنىپ كىرگۈزۈلگەن. خەتتە يەنە خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك پروگراممىلىرىنىڭ پەقەت بىر قانچە ساھە بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى ئاممىۋى ئىستېمال بۇيۇملىرى، توقۇمىچىلىق، بېلىقچىلىق مەھسۇلاتلىرى، مېتاللورگىيە، باتارېيە ماتېرىياللىرى، قىممەتلىق مىنېراللار ۋە باشقا يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارغىچە كېڭەيگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 31-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى قانۇنى قارا تىزىملىكىنى ئەڭ چوڭ كۆلەمدە كېڭەيتىپ، 43 خىتاي شىركىتىنى تىزىملىككە يېڭىدىن قوشقان ئىدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، پارلامېنت ئەزالىرى يەنە يۈزلەرچە شىركەتنىڭ تىزىملىككە كىرىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقانلىقىنى ھەمدە ئۆتكەن بىر يىلدا يۇقىرى خەتەرلىك ساھەلەردە مال تۇتۇپ قېلىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەش يۈزلىنىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئېغىر زۇلۇم سىياستىگە ئون يىل بولدى
ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى (Human Rights Watch) يېقىندا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە قاراتقان سىستېمىلىق ئېزىش، جازالاش ۋە ئىنسانىيلىققا قارىشى جىنايەتلىرىنىڭ ئون يىلدىن بېرى داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. دوكلاتتا، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن ھېچقانداق جاۋابكارلىققا تارتىلمىغانلىقى تەكىتلىنىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شەكلەن ئىنكاسلاردىن ھالقىپ ئەمەلىي قەدەم تاشلىشى كېرەكلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
دوكلاتتا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ جازا لاگېرلىرى، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش، دىنىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى چەكتىن ئاشقان جىنايەتلىرى ئۈچۈن خەلقئارا قاتلامدىكى بىرەر ئورگان تەرىپىدىن جاۋابكارلىققا تارتىلمىغانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا شىركەتلەردىن خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنى، بولۇپمۇ پاختا، قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى ۋە يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىدىكى باشقا خەتەرلىك مەھسۇلاتلارنى چەكلەشنى كۈچەيتىشى تەلەپ قىلىندى. ب د ت ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارىياتىنىڭ بۇرۇن ئېلان قىلغان دوكلاتىدىكى تەۋسىيەلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى تەكشۈرىدىغان مەخسۇس ئورگان تەسىس قىلىشى زۆرۈرلۈكى ئەسكەرتىلدى.
ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئانالىزچىلىرى خىتاينىڭ ئائىلەلەرنى پارچىلاش، سىستېمىلىق تۇتقۇن قىلىش، تىل ۋە مەدەنىيەتنى يوقىتىش سىياستىنىڭ ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا قارىتا ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلىي جازا تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
بۇ دوكلات خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە كۆز يۇمۇشنىڭ دۇنياۋىي ئىنسان ھەقلىرى سىستېمىسىغا ئېغىر زەرەر يەتكۈزىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم كۈچلۈك ئاگاھلاندۇردى.
