«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نىڭ ئىجرائاتى سۈرۈشتە قىلىندى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ بىر تۈركۈم ئەزالىرى دۆلەت بىخەتەرلىكى مىنىستىرىغا خەت يېزىپ، ”ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى“نىڭ ئىجارئاتىنى سۈرۈشتۈردى.

3-سېنتەبىر، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي مەسىلىسى ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ (SCC) رەئىسى جون مۇلېنار (John Moolenaar) ۋە دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ (CECC) رەئىسى كرىس سىمىس (Chris Smith) باشلىق ئىككى پارتىيە پارلامېنت ئەزالىرى دۆلەت بىخەتەرلىكى مىنىستىرى ماركۋايىن مۇللىنغا (Markwayne Mullin) بىر يازما مەكتۇپ يوللاپ، دۆلەت بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقىدىن (DHS) «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» (UFLPA) نىڭ ئىجرائات ئەھۋالى ھەققىدە 30 كۈن ئىچىدە پارلامېنتقا تەپسىلىي دوكلات بېرىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ ئوچۇق خەتكە يەنە رو خەننا (Ro Khanna)، جېف مەركلى (Jeff Merkley)، جىم ماكگوۋەرن (Jim McGovern)، بەننى تەمسون (Bennie Thompson)، كارلوس گىمەنەز (Carlos Gimenez) ۋە يۇڭ كىم (Young Kim) قاتارلىق ئىككى پارتىيەنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ئىمزا قويدى.

پارلامېنت ئەزالىرى خېتىدە خىتاينىڭ شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى (شەرقىي تۈركىستان) مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقارغان ماللىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى توسۇش ھەم ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىنى بۇنداق جىنايەتلەرگە شېرىك قىلىپ قويماسلىق ئۈچۈن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى قانۇنىنىڭ ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىشى زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى. ئانالىزلارغا قارىغاندا، شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان كېپەز ۋە توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئامېرىكا بازىرىغا ئۈچۈنچى دۆلەتلەر ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىنىپ كىرگۈزۈلگەن. خەتتە يەنە خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك پروگراممىلىرىنىڭ پەقەت بىر قانچە ساھە بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى ئاممىۋى ئىستېمال بۇيۇملىرى، توقۇمىچىلىق، بېلىقچىلىق مەھسۇلاتلىرى، مېتاللورگىيە، باتارېيە ماتېرىياللىرى، قىممەتلىق مىنېراللار ۋە باشقا يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارغىچە كېڭەيگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 31-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى قانۇنى قارا تىزىملىكىنى ئەڭ چوڭ كۆلەمدە كېڭەيتىپ، 43 خىتاي شىركىتىنى تىزىملىككە يېڭىدىن قوشقان ئىدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، پارلامېنت ئەزالىرى يەنە يۈزلەرچە شىركەتنىڭ تىزىملىككە كىرىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقانلىقىنى ھەمدە ئۆتكەن بىر يىلدا يۇقىرى خەتەرلىك ساھەلەردە مال تۇتۇپ قېلىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەش يۈزلىنىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.