تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر ئارخېئولوگلىرىدىن بىرى، ئالىي تەتقىقاتچى ۋە تۆھپىكار ئالىم ئابدۇقېييۇم خوجا 3-سېنتەبىر سەھەردە، 85 يېشىدا ئۈرۈمچىدە كېسەل سەۋەبىدىن مەڭگۈلۈك كۆز يۇمدى.
1941-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان ئابدۇقېييۇم خوجا، 1956-يىلى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان ئارخېئولوگىيە خادىملىرىنى يىتىشتۈرۈش كۇرسىدا ئوقۇپ، تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر ئارخېئولوگلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. ئۇ ئۆمۈر بويى ئىلمىي ئىزدىنىشنى تەرك ئەتمەي، قەدىمكى تۈرك تىل-يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ۋە چاغاتاي تىل-يېزىقلىرىنى جاپالىق ئۆگىنىپ، ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە كىلاسسىك ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىشقا زور ھەسسە قوشقان.
ئۇ ھاياتىدا «مايتىرى سېمىت»، «قەدىمىي ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما» ۋە «غەربىي يۇرت ۋە قەدىمىي مەدەنىيەت» قاتارلىق ئۆلمەس ئەسەرلەرنى تۈزگەن ۋە نەشرگە تەييارلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئالتۇنلۇق، زاغۇنلۇق، نىيە، سامپۇل ۋە ئاق تۆپە قاتارلىق قەدىمىي خارابىلىقلەرنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان. بولۇپمۇ ئۇ ئۆزىنىڭ لوپنۇر رايونىدىكى كروران خارابىسى ۋە «كروران گۈزىلى»گە ئائىت ئىلمىي تەتقىقاتلىرى ئارقىلىق تارىم مەدەنىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئەجدادلىرىغا تەۋەلىكىنى ئىسپاتلاپ چىققان ھەمدە چەرچەندىكى قىياتاش رەسىملىرىنى تەتقىق قىلىپ، يەرلىك ئېتنىك تەركىبلەرگە ئائىت ئىلمىي پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان.
تارىخشۇناس، دوكتور نەبىجان تۇرسۇن ئۇنىڭ ۋاپاتىنى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن زور يوقىتىش دەپ ئاتىدى. مەرھۇمنىڭ ئامېرىكىدىكى قىزى، تونۇلغان ژۇرنالىست گۈلچېھرە خوجا رادىيومىزغا بەرگەن ئۇچۇرىدا دادىسىنىڭ ئاخىرقى ئون بىر يىلدا مېڭىسىگە قان چۈشۈپ ئورۇن تۇتۇپ قالغىنىغا قارىماي، ھەر قانداق تەسىر ۋە بېسىملارغا باش ئەگمەي، غۇرۇرى بىلەن شەرەپلىك ياشاپ ئۆتكەنلىكىنى، روھىنىڭ ھەردائىم ئۈستۈن بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.
تەتقىقاتچى زۇلھايات ئۆتكۈر ”ئۇيغۇر پوچتىسى“دا ئېلان قىلىنغان ئوبزورىدا، ئابدۇقېييۇم خوجانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تارىخىنى بۇرمىلاش ۋە ئارخېئولوگىيەنى دۆلەت بىرلىكىگە خىزمەت قىلدۇرۇش تەشۋىقاتلىرىغا قارىتا، ئىلمىي ئەمگەكلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيەت قورغىنىنى ئۆمۈر بويى قوغداپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئوبزوردا مەرھۇم ئالىمنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن ئىلمىي ئىزدىنىشلىرى ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان تارىخىغا ئائىت سەپستىلىرىگە رەددىيە بېرىشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەزىيەنامە ئېلان قىلىپ، ئابدۇقېييۇم خوجانىڭ ۋاپاتىدىن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. تەزىيەنامىدە: «مەرھۇم ئۆمرىنى ئۇيغۇر تارىخى، ئارخېئولوگىيەسى ۋە قەدىمىي يازما يادىكارلىقلارنى تەتقىق قىلىشقا بېغىشلاپ، مىللەتنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، تەتقىق قىلىش ۋە كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشكە مۇھىم تۆھپە قوشتى. ۋەتەن-مىللەت ئۈچۈن ئەقل-پاراسىتى، ئەمگىكى ۋە ئۆمرىنى بېغىشلىغان ھەر بىر كىشى مىلەتنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدۇ» دېيىلدى.
