ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ چاقىرىقلىرىغا بىر خرىستىيان تەشكىلاتىمۇ ئاۋاز قوشتى

ئامېرىكىدىكى نۇپۇزلۇق بىر خرىستىيان جەمئىيىتى تەشكىلاتى ئامېرىكا-خىتاي ئۇچرىشىشىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان زۇلۇمىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكىدىكى نۇپۇزلۇق بىر خرىستىيان جەمئىيىتى تەشكىلاتى يەنى جەنۇبىي باپتىستلار جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت سىياسىتى ئورگىنى بولغان «ئەخلاق ۋە دىنىي ئەركىنلىك كومىسسىيەسى» (Ethics & Religious Liberty Commission — ERLC) 9-سېنتەبىر پرېزىدېنت ترامپ ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيوغا ئايرىم-ئايرىم خەت يوللاپ، ئامېرىكا-خىتاي ئۇچرىشىشىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان زۇلۇمىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى.

مەزكۇر تەشكىلات باياناتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا مېڭە يۇيۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ۋە لاگېرلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

بۇ تەشكىلات، بۇنىڭدىن بەش يىل بۇرۇن، يەنى 2021-يىلى 15–16-ئىيۇن كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن يىللىق يىغىنىدا ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە مەخسۇس قارار قوبۇل قىلغان ۋە قارارىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىنى ئەيىبلىگەن ھەم باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغان ئىدى.

مەزكۇر خرىستىيان جەمئىيىتى، تەشكىلات خەتتە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇمنى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تىزىملىكىگە كىرمىگەن خرىستىيان چېركاۋلىرىغا قاراتقان باستۇرۇشلىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. بۇ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي سۆھبەتلىرىنىڭ كۈنتەرتىپىدە تۇتۇلۇشى ھەققىدىكى چاقىرىقلارغا خرىستىيان جەمئىيىتىدىن كەلگەن بىر ئاۋازنىڭ قوشۇلۇشىدۇر.

مەزكۇر تەشكىلاتىنىڭ بۇ چاقىرىقى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئارىسىدا ترامپنىڭ شى جىنپىڭ بىلەن بولغان ئالاقىسىگە قارىتا ئەندىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلدى. بۇنىڭدىن ئىككى كۈن ئاۋۋال، ئامېرىكىدىكى «ئۇيغۇرلارنى قوغداش» تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، ترامپنىڭ شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشىنى ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى تونۇشىنى ئىنكار قىلىش ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدىكى قارارىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇش دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى» ۋە «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى ترامپنى شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچرىشىشىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى ۋە سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان، ئەگەر بۇنداق بولىمغاندا بۇ ئۇچرىشىشنىڭ خىتايغا خاتا سىگنال بېرىدىغانلىقى ۋە قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇشقا جاسارەتلەندۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.