كۆزەتكۈچىلەر: ترامپ-شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشىدا سىياسى مەھبۇسلار تېمىسى ئالاھىدە مۇھىم

گۈلشەن ئابباسنىڭ قويۇپ بېرىلىپ-بېرىلمەسلىكىنى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى ئىمتىھان خاراكتېرلىك مەسىلە قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلدى.

پرېزىدېنت دونالد ترامپ بىلەن خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا ۋاشىنگتوندا كۆرۈشۈشى ئالدىدا، كۆزەتكۈچىلەرترامپنى ۋاشىنگتوننىڭ دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي كۆزىرلىرىدىن پايدىلىنىپ، مەھبۇس ئۇيغۇر دوختۇر گۈلشەن ئابباسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىياسىي مەھبۇسلار مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرماقتا.

خۇدسون ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى مايكېل سوبولىك ۋە ئولىۋىيا ئېنوس 2-سېنتەبىر ”ۋاشىنگتون ئېكزامىنەر“ گېزىتىدە ئېلان قىلغان ئوبزورىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تاموژنا بېجى ۋە خىتاينىڭ مۇھىم مىنېرااللار ئېكسپورتى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە باسقۇچىدا ئىكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ سىياسىي مەھبۇسلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن مۇھىم كۆزۈر بولالايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ترامپ بۇ يىل مايدا بېيجىڭغا قىلغان زىيارىتى ئەسناسىدا تۇتقۇندىكى پوپ ئېزرا جىننىڭ دېلوسىنى شى جىنپىڭغا بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان. خىتاي دائىرىلىرى ئارىدىن ئىككى ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئۆتۈپ، ئۇنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىن قويۇپ بەرگەن ۋە ئۇنىڭ گۇاڭجۇ ئارقىلىق لوس ئانجېلېسقا ئۇچۇپ، ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشىغا يول قويغان.

ئاپتورلار جىننىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى، ئايرىم سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ دېلوسىنى شى جىنپىڭغا بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ نەتىجىلىك بولۇش مۇمكىنلىكىنىڭ بىر ئىسپاتى، دەپ كۆرسەتتى. ئۇلار ترامپنى ئالدىمىزدىكى ئۇچرىشىشتا گۈلشەن ئابباس دېلوسىنىمۇ تىلغا ئېلىشقا چاقىردى.

يۇقۇرىقى ماقالىلاردا گۈلشەن ئابباسنىڭ قېرىنداشلىرى، ئىككى قىزى ۋە بىرنەچچە نەۋرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 24 ئائىلە ئەزاسىنىڭ ئامېرىكا پۇقراسى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىندى. بۇ نۇقتىدىن گۈلشەن ئابباس مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى مەسىلىسى ئەمەس ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، گۈلشەن ئابباسنىڭ قويۇپ بېرىلىپ-بېرىلمەسلىكىنى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى ئىمتىھان خاراكتېرلىك مەسىلە قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلدى.

ئولىۋىيا ئېنوس 20-ئاۋغۇست خۇدسون ئىنستىتۇتىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، دىپلوماتىك تىرىشچانلىق نەتىجە بەرمىگەن تەقدىردە، ۋاشىنگتوننىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە ئورگانلىرىغا قارىتا نىشانلىق ئىقتىسادىي جازا ۋە ۋىزا چەكلىمىسى قويۇش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. دوكلاتتا يەنە ئامېرىكا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىشىپ، خىتايغا قاراتقان بېسىمنى كۈچەيتىش تەكلپ قىلىنغان. ئېنوس يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەركىبىدە ”سىياسىي مەھبۇسلارنى قوغداش ئىشخانىسى“ قۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا مەخسۇس ئەلچى تەيىنلەشنى تەكلپ قىلغان. ئۇ سىياسىي مەھبۇسلار ئۈچۈن، رەسمىي ”خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان“ دېگەن سالاھىيەت تەسىس قىلىشنىمۇ تەۋسىيە قىلغان.

بىز بۈگۈن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئېلخەت يوللاپ، مەزكۇر تەكلپلەرگە قانداق قارايدىغانلىقىنى ۋە ترامپنىڭ شى جىنپىڭ بىلەن بولىدىغان ئۇچرىشىشىدا سىياسىي مەھبۇسلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ-قويمايدىغانلىقىنى سورىدۇق. ئەمما ھازىرغىچە بۇ ھەقتە جاۋابقا ئېرىشەلمىدۇق.

دوكلاتتا يەنە ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن بولىدىغان ھەر قانداق ئۇچرىشىشتا سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئىسىملىرىنى بىۋاسىتە تىلغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن. دوكلاتتا مەھبۇسلاردىن ئىلھام توختى، راھىلە داۋۇت ۋە ئەكبەر ئەسەتنىڭ ئىسىملىرى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. ئۇندا يەنە تىبەت، خوڭكوڭ، خرىستىيان جەمئىيىتى ۋە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئارىسىدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىش چاقىرىق قىلىنغان.