ساقچى خادىمى: ياتاقلىق يەسلى ئاشخانىسىدا چوشقا گۆشىمۇ تەڭشەپ ئىشلىتىلىدۇ

يەسلىلەر ھەققىدە ئىلگىرىلەپ ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا بۇ يەسلىلەرنىڭ ئاشخانىلىرىدا قوي ۋە كالا گۆشى بىلەن بىرلىكتە چوشقا گۆشىنىڭمۇ ئىشلىتىلىدىغانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئالدىنقى ئايدىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، قەشقەردىكى بىر يەسلىدە بىر قىسىم بالىلارنىڭ روھىي ھالىتىدە ئېغىر مەسىلە كۆرۈلۈپ بوۋا-مومىسىنىڭ قولىغا ۋاقىتلىق تاپشۇرۇلغانلىقى ئېنىقلانغان ئىدى. يەسلىلەر ھەققىدە ئىلگىرىلەپ ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا بۇ يەسلىلەرنىڭ ئاشخانىلىرىدا قوي ۋە كالا گۆشى بىلەن بىرلىكتە چوشقا گۆشىنىڭمۇ ئىشلىتىلىدىغانلىقى ئاشكارىلاندى.

بىز بۇ قېتىم پوسكامدىكى بىر يەسلى ساقچىسىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، ئۇنىڭدىن مەكتەپ ئاشخانىسىدا قانداق تاماقلار بېرىلىدىغانلىقىنى سورىدۇق. بۇ خادىم بىر قاتار ئۇيغۇرچە تاماقلار قاتارىدا خىتايچە شىفەن بېرىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. بىز ئۇنىڭدىن ئىشلىتىلىدىغان گۆش تۈرلىرىنى سورىغىنىمىزدا، قوي ۋە كالا گۆشى بىلەن بىرلىكتە چوشقا گۆشىنىمۇ تىلغا ئالدى، بىز چوشقا گۆشى بار-يوقلۇقىنى تەكرار سورىغىنىمىزدا، ئۇ ”چوشقا گۆشىمۇ تەڭشەپ بېرىلىدۇ“ دەپ جاۋابىنى تەكرارلىدى. ئەمما ئۇ بۇ تەڭشەشنىڭ نېمىگە ئاساسەن ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بايان قىلمىدى.

ئاتۇشتىكى بىر ساقچى خادىمىمۇ ئۆزى مەسئۇل ياتاقلىق مەكتەپلەردە چوشقا گۆشى بېرىلىدىغانلىقىنى، گۆشنى ھالال-ھارام دەپ ئايرىشنىڭ مەكتەپتە خۇراپىيلىق دەپ قارىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

خىتاي 2014-يىلى دىنىي ”ئەسەبىيلىك“كە قارشى دولقۇن قوزغىغاندا، ئاھالىنىڭ يېمەكلىكنى ھالال-ھارام دەپ ئايرىشىنى دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ مۇھىم ئالامەتلىرىدىن بىرى دەپ بېكىتكەن، 2017-يىلدىكى چوڭ تۇتقۇندىمۇ ھالال-ھارامنى ئايرىغانلار ئوخشىمىغان مۇددەتتە قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانىدى.

يەسلى ساقچىسى يەسلىلەردە چوشقا گۆشى ئىشلىتىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى ھەققىدە قوللىرىدا بىرەر ئۇقتۇرۇش بار-يوقلىقى، بۇ يەسلىلەردە چوشقا گۆشى ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىدىن بالىلارنىڭ تۈرمىلەردىكى ئاتا-ئانىسى ۋە جەمئىيەتتىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ خەۋىرى بار-يوقلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمىدى.