تونۇلغان چاقچاقچى مۇساجان ئەخمەتنىڭ خىتاي تۈرمىىسىدە جان ئۈزگەنلىكى دەلىللەندى

مۇساجان ئەخمەتنىڭ 2016-يىلى چەت ئەلنى زىيارەت قىلغانلىقى ۋە پىلاندىن سىرت تۇغۇلغان بىر پەرزەنتى سەۋەبلىك تۇتۇلغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

ئۆتكەن ھەپتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا غۇلجىدىكى تونۇلغان چاقچاقچى مۇساجان ئەخمەتنىڭ يېقىندا جازا ئۆتەۋاتقان كۈيتۈن تۈرمىسىدە ۋاپات بولغانلىقى خەۋەر قىلىندى. تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقى ئالاقىدار ساقچى خادىملىرى تەرىپىدىن دەلىللەندى.

مۇساجان ئەخمەت 1970-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ مەدەنىيەت پونكىتى ۋە سەنئەت ئۆمەكلىرىدە سەنئەتكار ۋە خىزمەتچى بولۇپ ئىشلەشتىن باشقا، غۇلجىنىڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىدا رىياسەتچى بولۇپمۇ كۆزگە كۆرۈنگەن.

بىز مەرھۇم ئىلگىرى خىزمەت قىلغان ئورۇنلارغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆلۈم ئۇچۇرى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. كېپەكيۈزى يېزىلىق مەدەنىيەت پونكىتى خادىمى مەرھۇمنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئىنكار قىلمىدى، ئەمما ئۆلۈم سەۋەبى ھەققىدە ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى، يەنى غۇلجا شەھەرلىك پارتكومدىن كەلگەن خادىملارغىلا مەلۇمات بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. غۇلجا شەھىرىدىكى بىر دۆلەت ئامانلىقى ساقچىسى مۇساجان ئەخمەتنىڭ تۈرمىدە ئۆلگەنلىكىنى دەلىللەش بىلەن بىللە، بۇ ئۆلۈمنىڭ ئۇشتۇمتۇت بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

نۆۋەتتە گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان سىياسىي پائالىيەتچى، مەشھۇر چاقچاقچى ئابلىمىت تۇرسۇن غۇلجىدا مۇساجان ئەخمەت بىلەن سەنئەت ۋە مەدەنىيەت سۆھبىتىدە قىسقا بىر مەزگىللىك سەپداشلىق ھاياتى بولغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئابلىمىت تۇرسۇننىڭ بايان قىلىشىچە، مۇساجان ئەخمەت چاقچاقلىرىدا سۆزلەرنىڭ دانىمۇدانە، ئوچۇق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى، يۇمورلىرىنىڭ تەربىيەۋى ئەھمىيىتى كۈچلۈك بولۇشتەك تەرەپلىرى بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئوخشىمىغان قاتلارملارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن. ئابلىمىت تۇرسۇننىڭ خەۋەر تەپىشىچە، مۇساجان ئەخمەت كېيىنكى يىللاردا، ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ يېقىندىن قوللىشى بىلەن تىجارەت ساھەسىگىمۇ كىرگەن ۋە كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئىگىلىك تىكلىگەن. مۇساجان ئەخمەتنىڭ ھەم ئىقتىدار ئىگىسى، ھەم ئىقتىساد ئىگىسى بولۇشتەك ئالاھىدە تەرەپلىرى خىتاينىڭ كۆزىگە پاتقان ۋە 2017-يىلدىكى چوڭ تۇتقۇندا، ئۇنى زەربە نىشانىنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا تىزغان.

رادىيومىزنىڭ ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىدا، مۇساجان ئەخمەتنىڭ 2016-يىلى چەت ئەلنى زىيارەت قىلغانلىقى ۋە پىلاندىن سىرت تۇغۇلغان بىر پەرزەنتى سەۋەبلىك تۇتۇلغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

مۇساجان ئەخمەت ئوغلى ھىدايەت مۇساجاننى 2014-يىلى مىسىرغا ئوقۇشقا چىقارغان. مىسىردىكى ئوقۇغۇچىلار خىتاينىڭ زەربە نىشانى بولغاندىن كېيىن، ئۇ تۈركىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن. ئۇ نۆۋەتتە «ئىزباسارلار» نامىدىكى مىللىي ۋە دىنىي ئويغىنىش ھەرىكىتى گۇرۇپپىسىدا خىزمەت قىلماقتا.

مەرھۇمنىڭ چەت ئەلدىكى دۇستلىرى مەرھۇمغا قىلغان دۇئالىرىدا ئۇنىڭ ئوغلى، ئىزباسارى ھىدايەت مۇساجاننىڭ دادىسىنىڭ ئىزىنى باسقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە ۋە خىزمەتلىرىگە تېخىمۇ كۆپ ئۇتۇقلار تىلىمەكتە.