پائالىيەتچى ۋە ژۇرنالىست تاھىر ئىمىن ئامېرىكا پارلامېنتىدا گۇۋاھلىق بەردى

بۇ قېتىملىق يىغىنغا «ئۇيغۇر پوچتىسى» (Uyghur Post) نىڭ قۇرغۇچىسى ۋە مۇدىرى، پائالىيەتچى تاھىر ئىمىن ئالاھىدە چاقىرىلىپ، ئۆزىنىڭ ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەر ھەققىدە كۈچۈكلۈك گۇۋاھلىق سۆزى قىلدى.

16-سېنتەبىىر، ئامېرىكا ئاۋام پالاسىنىڭ خىتاي ئالاھىدە كومىتېتى ئەزالىرى شى جىنپىڭنىڭ ئاقساراي زىيارىتىدىن ئىلگىرى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە بېغىشلانغان ئالاھىدە ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

يىغىنغا كېڭەش ئەزالىرى گىرېگ سىتانگون (Greg Stanton)، جىم مەكگوۋەرن (Jim McGovern)، رو خەننا(Ro Khanna)، نانسى پەلوۋسى (Nancy Pelosi) ۋە سېت مولتون (Seth Moulton) قاتارلىقلار قاتنىشىپ، شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ جىنايەتلىرىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئادالەتنى ياقلايدىغان كۈچ ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

بۇ قېتىملىق يىغىنغا «ئۇيغۇر پوچتىسى» (Uyghur Post) نىڭ قۇرغۇچىسى ۋە مۇدىرى، پائالىيەتچى تاھىر ئىمىن ئالاھىدە چاقىرىلىپ، ئۆزىنىڭ ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەر ھەققىدە كۈچۈكلۈك گۇۋاھلىق سۆزى قىلدى.

تاھىر ئىمىن ئۆزىنىڭ 2005-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە ئۈرۈمچى ۋە شىخۇ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرىدا بىر تەرەپتىن مەجبرىي ئەمگەككە سېلىنىپ، يەنە بىر تەرەپتىن جىسمانىي ۋە روھىي قىيىن-قىستاققا ئۇچرىغانلىقىنى، خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ قىزى ۋە ئائىلىسىنى تاشلاپ ئامېرىكىغا كېلىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرى سەۋەبىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆچ ئېلىپ، ئانىسى تۇخان مەمەت، ئىنىسى ئادىل ۋە باشقا نۇرغۇن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى، شۇنىڭدەك يېقىن دوستلىرى ۋە شېرىكلىرىدىن تۇرسۇن شەيخ، ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ، رەھمىتۇللا تۈركەش، نۇرمۇھەممەت ئىمىن قاتارلىق دوستلىرىنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىپ ئېغىر كېسىۋەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تاھىر ئىمىن سۆزىدە ئامېرىكىدا قۇرغان «ئۇيغۇر پوچتىسى» نىڭ خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تور خاككېرلىرى تەرىپىدىن نۇرغۇن قېتىملاپ تور ھۇجۇمىغا ۋە ساختا تور بېكەتلەرنىڭ تەقلىد قىلىشىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھايات-ماماتلىق مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشتىكى يېتەكچىلىك ئورنىدىن ۋاز كەچمەسلىكىنى ئىلتىماس قىلدى.

يىغىنغا يەنە خەلقئارا تىبەت ئاخبارات تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى پالدەن گىيال (Palden Gyal) ، پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىسى ۋاڭ ياچىيۇ (Yaqiu Wang) ۋە خوڭكوڭ ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جوناتان ستىۋېرس (Jonathan Stivers) قاتارلىقلارمۇ گۇۋاھلىق بەردى.