ئامېرىكا ھۆكۈمىتى: خىتايغا ساياھەتكە بارغانلار خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىشى مۇمكىن

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 4-سېنتەبىر ئامېرىكا پۇقرالىرىنى خىتايغا ساياھەتكە بېرىشتا ھۇشيارلىقىنى ئۆستۈرۈشكە ئاگاھلاندۇردى.

ئاگاھلاندۇرۇشتا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى نازارەت قىلىش، ساياھەت چەكلىمىسى ۋە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ خەۋپى ئالاھىدە تەكىتلەندى.

مىنىستىرلىق خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يەرلىك قانۇنلارنى خالىغانچە يۈرگۈزىدىغانلىقىنى، ئادىل ۋە ئاشكارا بولغان قانۇنىي تەرتىپلەر بولمىغان ئاساستا چېگرادىن چىقىش چەكلىمىسى قۇيىدىغانلىقىنى ھەمدە ئامېرىكا پۇقرالىرىنى ناهەق قولغا ئېلىش ياكى تۇتقۇن قىلىش خەۋپى بارلىقىنى بىلدۈردى. بولۇپمۇ، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان) قاتارلىق رايونلار بىلەن مىللىي ئالاقىسى بار ساياھەتچىلەرنىڭ ئالاھىدە چەكلىمىلەرگە، كەمسىتىشكە، ھەتتا خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىشقا دۇچ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

يېڭى نۇسىدىكى ساياھەت كۆرسەتمىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا دائىرىلەر ئادەتتە ئىسلام دىنى ئادىتىگە ئائىت بولغان، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ئەسەبىيلىك» ئالامىتى دەپ قارالغان بىر قىسىم قىلمىشلارنى چەكلەيدىغانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاتالمىش «غەيرىي تەبىئىي» ساقال-بۇرۇت قويۇش، ئاممىۋىي سورۇنلاردا يۈزنى يېپىش، دىنىي بايرام ۋە رامىزان ئايلىرىدا روزا تۇتۇش، شۇنىڭدەك تاماكا چەكمەسلىك ۋە ھاراق ئىچمەسلىك قاتارلىقلار بارلىقى ئېيتىلغان. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ چەكلىمىلەرنىڭ رايونغا ساياھەتكە بارغان ئامېرىكىلىق مۇسۇلمان پۇقرالارغا قانچىلىك دەرىجىدە تەتبىقلىنىدىغانلىقىنىڭ تېخى ئېنىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يەنە مۇخبىرلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتايدا ئاخباراتچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش ۋە چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىش خەۋپى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چەتئەللىك مۇخبىرلارغا بېسىم ئىشلىتىپ، خىتايغا پايدىلىق خەۋەرلەرنى ئىشلەشكە مەجبۇرلايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بۇ قېتىملىق يېڭىلاشتا ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجىسى كۆتۈرۈلمىگەن، پەقەت ئاگاھلاندۇرۇش مەزمۇنى يېڭىلانغان.