ئانتروپىك: خىتاي ئاممىۋى ئۇچۇرلارنى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىشقا ئىشلەتكەن

دوكلاتتا دېيىلىشىچە، بۇ مىساللار سۈنئىي ئىقتىدارنىڭ چېگرا ھالقىغان نازارەتچىلىك ۋە يوشۇرۇن ئىستىخبارات پائالىيەتلىرىنىڭ تىل ۋە تېخنىكا بوسۇغىسىنى تۆۋەنلىتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

ئامېرىكا سۈنئىي ئەقىل شىركىتى ئانتروپىك Anthropic نىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىخەتەرلىك ئورگانلىرى بىلەن ئىنتايىن يېقىن ھەمكارلىقتىكى بىر ھەرىكەت كلائۇد Claude سۈنئىي ئەقىل سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ، سۇرىيە ۋە باشقا رايونلاردىكى ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلغان، قىياپىتىنى سىزىپ چىققان ۋە ئورنىنى بېكىتكەن ھەمدە يوشۇرۇن ھالدا ئۇلارنى رازۋېدكا ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەشكە ئازدۇرماقچى بولغان.

ئانتروپىكنىڭ 10-سېنتەبىردە ئېلان قىلغان تەھدىت ئانالىز دوكلاتىدا بۇ ھەرىكەتكە GTG-14010دەپ نومۇر بېرىلگەن. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، سۇرىيە يېڭى ئارمىيەسىگە قوشۇلغان ئۇيغۇر قوراللىقلىرى، ئېدلىب قاتارلىق رايونلاردىكى ئۇيغۇر پۇقرالىرى ھەمدە چەتئەلدىكى ئۇيغۇر مۇخبىرلار، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە پائالىيەتچىلەر نىشانغا ئېلىنغان.

بۇ ھەرىكەتنى ئېلىپ بارغۇچىلار يۈزدىن ئارتۇق ۋاتىساپتوپى ۋە ئونلارچەتېلېگرام قاناللىرىنى نازارەت قىلىپ، نىشان قىلىنغان شەخسلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان سۇپىلاردىكى سالاھىيىتىنى تۇتاشتۇرۇپ، مۇناسىۋەت تورىنى سىزىپ چىققان ۋە ئۇلارنىڭ رېئاللىقتىكى ئورنىنى بېكىتكەن ھەمدە سۆھبەت مەزمۇنلىرىنى خىتايچە ئىستىخباراتقا ئايلاندۇرغان.

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، ئىجراچىلار يەنە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق، ئائىلە ئايرىلىشى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن، قايسى كىشىلەر بىلەن ئالاقىلىشىش ياكى پايدىلىنىش ئاسانراق بولىدىغانلىقىنى ئانالىز قىلغان ھەمدە يەنە ئائىلە ئەزالىرى شىنجاڭدا (شەرقىي تۈركىستاندا) ياشاۋاتقان چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلغان.

ئىجراچىلار يەنە پۇل ئارقىلىق سۇرىيەدىكى ئۇيغۇر قوراللىقلىرى بىلەن ئالاقىلىشالايدىغان كىشىلەرنى ئازدۇرۇپ ئۆز سېپىگە قوشۇشقا ئۇرۇنغان ھەمدە كلائۇد ئارقىلىق تىل توسالغۇسىنى يېڭىپ، ئەرەبچە ئۇچۇرلارنى تۈزۈپ چىققان، نەق مەيدان تەرجىمىسى ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرغان، قارشى تەرەپنىڭ ئىنكاسىنى ئانالىز قىلغان ۋە يوشۇرۇن ئالاقىلىشىش ستراتېگىيەسى تۈزگەن. ئانتروپىك ھازىرچە بۇ ئەل قىلىش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشقان-ئاشمىغانلىقىنى جەزملەشتۈرەلمىگەن.

دوكلاتتا يەنە ئېيتىلىشىچە، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ئاخبارات ۋاسىتىلىرىمۇ نىشانغا ئايلانغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ”ئۇيغۇر پوچتىسى“ غا قاراىتا كوللېكتىپ پاش قىلىش ۋە تور ھۇجۇمى قوزغاش پىلانى تۈزۈلگەن.

ئانتروپىكنىڭ ئوخشاشبىر ۋاقىتتا ئاشكارىلىشىچە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى ئورگانلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا ھەرىكەتلەرمۇ كلائۇدتىن پايدىلىنىپ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرىنى نازارەت قىلغان ھەمدە ۋانكۇۋېردىكى دېموكراتىيە نامايىشلىرى، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ۋە ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ئۇچۇرلىرىنى يىغقان.

دوكلاتتا قارىلىشىچە، بۇ مىساللار سۈنئىي ئىقتىدارنىڭ چېگرا ھالقىغان نازارەتچىلىك ۋە يوشۇرۇن ئىستىخبارات پائالىيەتلىرىنىڭ تىل ۋە تېخنىكا بوسۇغىسىنى تۆۋەنلىتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

ئانتروپىك بۇ ھەرىكەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك كلائۇدھېساباتلىرىنى توڭلاتقانلىقىنى بىلدۈردى.