”نىكاھ“ سۆزى سەزگۈر سۆزگە ئايلانغان: خىتاينىڭ تەرجىمە دېتالى تالاش-تارتىش قوزغىدى

خىتاينىڭ ”ئېلىپبە تەرجىمان“ (iTerjiman) ناملىق تەرجىمە دېتالى يېقىندا ”نىكاھ“ سۆزىنى «سەزگۈر سۆز» دەپ ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تالاش-تارتىش قوزغىدى.

توردا قىلىنغان سىناق سىنلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، تەرجىمە دېتالىغا ”نىكاھ» دەپ كىرگۈزۈلگەندە، تەرجىمە قىلىش دەرھال توختاپ قالغان. ئېكراندا قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش بېتى پەيدا بولۇپ، «سەزگۈر سۆز بايقالدى»، «تەرجىمە قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ» دېگەندەك ئەسكەرتىشلەر كۆرۈنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەلگىلىمىگە خىلاپ تەرجىمىنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن ھەمدە تېلېفوندا ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ياڭرىغان.

”نىكاھ“ سۆزى ئۇيغۇر تىلىدا ئۇزۇندىن بۇيان ئىشلىتىلىپ كېلىنگەن كۈندىلىك سۆز بولۇپ، ئىسلام ئەنئەنىسىگە ئاساسەن ئۆتكۈزۈلىدىغان توي رەسمىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئائىلە ۋە تۇرمۇشقا مۇناسىۋەتلىك بىر ئادەتتىكى سۆزنىڭ «سەزگۈر سۆز» قاتارىغا كىرگۈزۈلۈشى نۇرغۇن تورداشلارنىڭ گۇمانىنى قوزغىدى.

مۇناسىۋەتلىك سىنلار X سۇپىسىدا تارقالغاندىن كېيىن، بىر قىسىم تورداشلار: «ئەمدى ئۆيلىنىش ئۈچۈنمۇ ساقچىغا مەلۇم قىلىش كېرەكمۇ؟» دەپ سوئال قويسا، يەنە بەزىلەر: «بۇ بىر لۇغەتمۇ ياكى نازارەت قىلىش پروگراممىسىمۇ؟» دېيىشتى.

بەزى تورداشلارنىڭ قارىشىچە، دىققەت تارتىدىغىنى پەقەت دېتالنىڭ بۇ سۆزنى تەرجىمە قىلىشنى رەت قىلغانلىقىلا ئەمەس، بەلكى قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش، ئاۋازلىق سىگنال ۋە قانۇنىي مەسئۇلىيەت ئەسكەرتىشى ئارقىلىق شەكىللەنگەن قورقۇتۇش ئۈنۈمىدۇر. ئۇلار دىنغا ۋە مەدەنىيەتكە ئائىت سۆزلەرگە قارىتىلغان رەقەملىك سۈزۈشنىڭ ئىشلەتكۈچىلەرنى ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈشكە تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ مەجبۇرلىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى ”تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە «ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش“نى باھانا قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئىنتايىن زور كۆلەمدىكى ئىجتىمائىي تەقىپ ۋە كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويغانىدى.

تىلشۇناس ۋە يازغۇچى ئابدۇۋېلى ئايۇپ رادىيومىزغا بەرگەن ئىنكاسىدا مۇنداق دېدى: ”بۇ ھەرگىزمۇ بۇ ئەپنى ئىشلىگەن بىر شىركەتنىڭلا ئىشى ئەمەس، خىتايدىكى ئۇيغۇر تىلىغا قارىتىلغان چەكلەش، يەكلەش، بوغۇش سىياسىتىنىڭ ئەكس ئەتتۈرىلىشى. ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلىدىغان بۇنداق سۆزلەرنىڭ چەكلىنىشى ئۇيغۇرلاردا ئۆز-ئۆزىنى نازارەت قىلىش، ئۆز-ئۆزىنى چەكلەش ۋە ئۆز مەدەنىيىتىدىن خۈدۈكسىرەش كەيپىياتىنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ يوقۇلىشىنى تېخىمۇ تېزلەشتۈرىدۇ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.“

ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئايتەرجىمان ئۇيغۇرچە، خىتايچە ۋە ئىنگلىزچە تىلللاردا يېزىق، ئاۋاز ۋە سۈرەت تەرجىمە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئەپ بولۇپ، . خىتاي رايونى ئەپ بازىرىدا بۇ دېتالنىڭ خەينەن شىنجىخەي (Hainan Xinzhihai) تور شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.