ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەشكىللىشىدە 16-سېنتەبىر ئەنقەرەدە باشلانغان «ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ رەھبەرلىك قابىلىيىتىنى كۈچەيتىش تەربىيەلەش كۇرسى»غا تۈركىيە ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن 23 ئۇيغۇر ياش ھەم ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە تۈركىيەدىن كەلگەن 12 تەتقىقاتچى ۋە تەشكىلات رەھبىرى قاتناشتى. ئۈچ كۈنلۈك كۇرستا ئۇيغۇر كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش، ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە خىتايغا قارشى لوبى پائالىيەتلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. قاتناشقۇچىلار يەنە ئالدىنقى كۈنى مىللىي رەھبەرلەردىن مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانىڭ قەبرىسىنى ۋە ئەنقەرەدىكى بىر قىسىم تارىخىي-مەدەنىي ئورۇنلارنى زىيارەت قىلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئاياللار كومىتېتىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق «خەلقئارالىق ئاياللار ئۇچرىشىشى» 12–13-سېنتەبىر ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى. 50 تىن ئارتۇق ئايال ۋە بىر قىسىم ياش پائالىيەتچى قاتناشقان يىغىندا، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىدىكى رولى، دىئاسپورادا ئانا تىلنى ساقلاش، روھىي ساغلاملىق، جەمئىيەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلار ھەم ياشلارنىڭ كىملىك ۋە كەلگۈسى مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى. يىغىن ئاخىرىدا «ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىستانبۇل خىتابنامىسى» ئېلان قىلىندى.
شۇ كۈنى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە خەلقئارا قەلەمكەشلەر ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ يىللىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. 20 دەك ئەزا قاتناشقان يىغىن شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقنىڭ 90 ياشقا كىرگەنلىكىنى تەبرىكلەش بىلەن باشلاندى. يىغىندا ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ پائالىيەتلىرىنى جاندۇرۇش، ياش يازغۇچىلارنى سەپكە قوشۇش، ئەۋلاتلار ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش ھەمدە ياشلارنى ئۇيغۇر تىلىدا يېزىش ۋە ئىجاد قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.
