د ئۇ ق ھەيئىتى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپتە تۇتۇشقا تىرىشماقتا

ھەيئەت يەنە لاگېر سىستېمىسى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ ئون يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ياۋروپا پارلامېنتىنى يېڭى بىر قارار قوبۇل قىلىشقا ئۈندىگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن بىلەن ئۇيغۇر دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا 14-سېنتەبىردىن باشلاپ فرانسىيەنىڭ ستراسبۇرگ (Strasbourg) شەھىرىدە ياۋروپا پارلامېنتىدا پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلار ھازىرغىچە مەزكۇر پارلامېنتنىڭ گېرمانىيەلىك ئەزاسى ئېنگىن ئېروغلۇ (Engin Eroglu) ۋە بۇلغارىيەلىك ئەزاسى ئىلھان كىيۇچيۇك (Ilhan Kyuchyuk) قاتارلىق تۆت نەپەر ئەزاسى بىلەن ئۇچراشقان.

ئۇلار بۇ ئۇچرىشىشلاردا خىتاينىڭ لاگېر سىياسىتىنىڭ ئون يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقانلىقى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىيات قانۇنى»نىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىي كۈنتەرتىپلىرىدە ساقلاپ قېلىش مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ھەيئەت يەنە لاگېر سىستېمىسى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ ئون يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ياۋروپا پارلامېنتىنى يېڭى بىر قارار قوبۇل قىلىشقا ئۈندىگەن.

2021-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ تۆت ئەمەلدارى ۋە بىر ئورگىنىغا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى سەۋەبلىك جازا قويغان. 2022-يىلى مەخسۇس قارار ئېلان قىلىپ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ تونۇغان. خىتاي ئۆچ ئېلىش سۈپىتىدە بەش ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى ۋە پارلامېنتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تارماق كومىتېتى (DROI)نى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. 2025-يىلى 30-ئاپرېلدا خىتاي بۇ جازانى بىكار قىلغان.

شۇنىڭدىن كېيىن ياۋروپا پارلامېنتىمۇ خىتايغا قاراتقان جازالىرىنى بىكار قىلىپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى رەسمىي دىئالوگنى قايتا باشلىغان ئىدى. دولقۇن ئەيسا مانا بۇ يېڭى ۋەزىيەت سەۋەبلىك ياۋروپا پارلامېنتىدىكى پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.