ئابدۇللا تۆمۈر كۇچا 6-رايون ساقچىسىنىڭ «ئاكا-ئۇكا بولۇش» تەلىپىنى رەت قىلدى
نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان مۇھاجىر ئابدۇللا تۆمۈر يېقىندا پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى ئىزدەش جەريانىدا ئەخمەتجان ئىسىملىك بىر كىشى بىلەن تونۇشقان. بۇ كىشى ئۇنىڭغا پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى دەپ بېرىشكە ۋەدە بېرىش بىلەن بىللە سۇرىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات سورىغان.
2016-يىلى تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان بىر پەرزەنتىنى يوقلاش ئۈچۈن كەلگەن ئابدۇللا تۆمۈر شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەت كەسكىنلەشكەنلىكى ئۈچۈن يۇرتىغا قايتالمىغان. ئۇ كۇچادا قالغان ئۈچ پەرزەنتى ھەققىدە ئون يىلغا يېقىن ھېچقانداق ئۇچۇر ئالمىغاندىن كېيىن، بۇ يىل مارت ئېيىدا فېيسبۇكتا بىر تەلەپنامە ئېلان قىلىپ، كۇچادىكى ساقچىلاردىن پەرزەنتلىرى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
ئۇنىڭ بۇ تەلەپنامىسى تىك-توك (دوۋيىن) تا تارقىلىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 50 مىڭدىن ئارتۇق قېتىم كۆرۈلگەن. بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۆزىنى كونسۇلخانا خادىمى، تاموژنا خادىمى ۋە تىجارەتچى دەپ تونۇشتۇرغان تۆت كىشىدىن تېلېفون تاپشۇرۇۋالغان. بۇلارنىڭ ھەممىسىلا ئۇنىڭ پەرزەنتى ھەققىدە ئۇچۇر ئېلىشقا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە ئارقىدىنلا ئۇنىڭدىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە، بولۇپمۇ سۇرىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇچۇر سورااشقا باشلىغان.
ئەخمەتجان ئىسىملىكى ئەنە شۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا تىجارەت قىلىدىغانلىقى ۋە كۇچادا «يولى» بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا پەرزەنتلىرى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشكە ۋەدە بەرگەن. دېگىنىدەك، ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇ ئۆزىنىڭ كۇچادا ئىكەنلىكى ۋە ئابدۇللا تۆمۈرنىڭ پەرزەنتلىرى نۇپۇسلۇق بولغان ئالاغاقا بازىرىغا بارىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەخمەتجان ئىسىملىك بۇ كىشى ئالاغاقاغا بارغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئۆي-قورۇسىنىڭلا ۋىدىيولۇق كۆرۈنۈشىنى يوللىغان ۋە ئۇنى كۇچارغا قايتىپ كېلىشكە دەۋەت قىلغان. ئابدۇللا تۆمۈر ئۇنىڭدىن پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى سورىغىنىدا، ئۇ كۇچاغا قايتىپ كېلىپ، گۇناھىغا تۆۋە قىلغاندىن كېيىن پەرزەنتلىرى ھەققىدە ئۇچۇر ئالالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئابدۇللا تۆمۈر ئۆزىنىڭ كۇچانىڭ ۋەزىيىتىنى ياخشى بىلىدىغانلىقى، كۇچادىكى مەزگىلىدە كۆپلىگەن بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ سەۋەبسىز كېسىلىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ كۇچاغا قايتىپ كېلىش تەلىپىنى رەت قىلغان. ئارقىدىن ئەخمەتجان، ئابدۇللا تۆمۈر بىلەن ئاكا-ۇكا بولۇپ قېلىشنى تەلەپ قىلغان ۋە سۇرىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات سورىغان. ئابدۇللا تۆمۈر ئۆزىنىڭ بىر ساۋاتسىز دېھقان ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇر پائالىيەتلىرى ھەققىدىكى ھەرقانداق بىر سوئالغا جاۋاب بەرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە ئەخمەتجاننىڭ ئاكا-ۇكا بولۇش تەلىپىنى رەت قىلغان.
كۇچاغا قارىتا تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، كۇچا ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسى ئەخمەتجان ئەزىزنىڭ ئۆگەن يېزىلىق ساقچىخانا خادىمى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۆگەن يېزىلىق ساقچىخانىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا تېلېفۇنىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەخمەتجان ئەزىز ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىن 15 كۈن بۇرۇن قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى ۋە ئالاغاقاغا بېرىپ، ئۇنىڭ ئۆي-قورۇسىنى سىنغا ئالغانلىقىنىمۇ دەلىللىدى.
ئابدۇللا تۆمۈر ئۆزىنىڭ خىتايغا قاراتقان مەزكۇر تەلەپنامىسىنى خىتايدىن ئۈمىد كۈتۈپ ئەمەس، ئۇلارنى پەقەت پەرزەنتلىرىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئېلان قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە خىتاينىڭ تۆت خادىمى بىلەن كۆرۈشكەن بولسىمۇ قىلتاققا دەسسىمىگەنلىكىنى بايان قىلدى.
د ئۇ ق ھەيئىتى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپتە ساقلاش ئۈچۈن ھەرىكەتتە
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن بىلەن ئۇيغۇر دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا 14-سېنتەبىردىن باشلاپ فرانسىيەنىڭ ستراسبۇرگ (Strasbourg) شەھىرىدە ياۋروپا پارلامېنتىدا پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلار ھازىرغىچە مەزكۇر پارلامېنتنىڭ گېرمانىيەلىك ئەزاسى ئېنگىن ئېروغلۇ (Engin Eroglu) ۋە بۇلغارىيەلىك ئەزاسى ئىلھان كىيۇچيۇك (Ilhan Kyuchyuk) قاتارلىق تۆت نەپەر ئەزاسى بىلەن ئۇچراشقان.
ئۇلار بۇ ئۇچرىشىشلاردا خىتاينىڭ لاگېر سىياسىتىنىڭ ئون يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقانلىقى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىيات قانۇنى»نىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىي كۈنتەرتىپلىرىدە ساقلاپ قېلىش مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ھەيئەت يەنە لاگېر سىستېمىسى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ ئون يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ياۋروپا پارلامېنتىنى يېڭى بىر قارار قوبۇل قىلىشقا ئۈندىگەن.
2021-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ تۆت ئەمەلدارى ۋە بىر ئورگىنىغا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى سەۋەبلىك جازا قويغان. 2022-يىلى مەخسۇس قارار ئېلان قىلىپ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ تونۇغان. خىتاي ئۆچ ئېلىش سۈپىتىدە بەش ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى ۋە پارلامېنتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تارماق كومىتېتى (DROI)نى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. 2025-يىلى 30-ئاپرېلدا خىتاي بۇ جازانى بىكار قىلغان.
شۇنىڭدىن كېيىن ياۋروپا پارلامېنتىمۇ خىتايغا قاراتقان جازالىرىنى بىكار قىلىپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى رەسمىي دىئالوگنى قايتا باشلىغان ئىدى. دولقۇن ئەيسا مانا بۇ يېڭى ۋەزىيەت سەۋەبلىك ياۋروپا پارلامېنتىدىكى پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
«ئەركىنلىك سارىيى» ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى شى جىنپىڭ زىيارىتىدىكى نامايىشچىلارنى قوغداشقا چاقىردى
ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى «ئەركىنلىك سارىيى» 17-سېنتەبىر بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى شى جىنپىڭنىڭ ۋاشىنگتون زىيارىتىگە قارشى ئۆتكۈزۈلىدىغان نامايىشلارغا قاتناشقۇچىلارنى قوغداشقا چاقىردى.
خىتاينىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىيات قانۇنى»نىڭ 63-ماددىسىدا، خىتاي چېگراسى سىرتىدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان» ياكى «مىللىي بۆلگۈنچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان» شەخس ۋە تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. بۇ ماددا خەلقئارادا خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلىرىنى قانۇنىيلاشتۇرۇش ئۇرۇنۇشى، دەپ تەنقىد قىلىنىپ كەلمەكتە.
دوكلاتتا مەزكۇر ماددىنىڭ خەۋپ-خەتىرى ئىزاھلىنىش بىلەن بىرلىكتە، 2014-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە دۇنيادا خاتىرىلەنگەن چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش ۋەقەلىرىنىڭ 23 پىرسەنتىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.
«ئەركىنلىك سارىيى» بۇ دوكلاتىدا پرېزىدېنت دونالد ترامپتىن خىتاينىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى»نى رەسمىي ئەيىبلەشنى تەلەپ قىلغان. تەشكىلات يەنە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنى «چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش»نىڭ رەسمىي قانۇنىي ئېنىقلىمىسىنى بەلگىلەشكە، ئامېرىكا ساقچى ۋە بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنى تىنچلىق نامايىشلىرىغا قاتناشقۇچىلارنى خىتايپەرەس گۇرۇپپىلارنىڭ زوراۋانلىقىدىن قوغداشقا چاقىرغان.
بۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن، 16-سېنتەبىردە «خىتاي كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى تورى» (CHRD)نىڭ يېتەكچىلىكىدە شى جىنپىڭغا قارشى بىرلىشمە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىنغان. خەتتە شى جىنپىڭدىن ۋاشىنگتون زىيارىتىدىن ئاۋۋال ئىلھام توختى، راھىلە داۋۇت، گۈلشەن ئابباس ۋە ئەكبەر ئەسەت قاتارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى قويۇپ بېرىش، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتى قانۇنى» بىلەن خوڭكوڭ دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىنى بىكار قىلىش ياكى ئۆزگەرتىش تەلەپ قىلىنغان. خەتتە يەنە شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكىدىكى زىيارىتىگە قارشى نامايىش قىلغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرىدىن ئۆچ ئالماسلىققا ئاشكارا كاپالەت بېرىش سورالغان.
بۇ بىرلىشمە ئوچۇق خەتكە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 29 تەشكىلاتنىڭ ۋەكىلى ئىمزا قويغان.
تۈركىيە ۋە قازاقىستاندا ئۇيغۇر ياشلىرى، ئاياللىرى ۋە ئەدەبىياتىغا ئائىت پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى
12–16-سېنتەبىر ئارىلىقىدا ئىستانبۇل، ئەنقەرە ۋە ئالمۇتىدا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ رەھبەرلىك قابىلىيىتى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ جەمئىيەتتىكى رولى ھەمدا ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتىنى قوغداشقا ئائىت ئۈچ خىل پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەشكىللىشىدە 16-سېنتەبىر ئەنقەرەدە باشلانغان «ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ رەھبەرلىك قابىلىيىتىنى كۈچەيتىش تەربىيەلەش كۇرسى»غا تۈركىيە ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن 23 ئۇيغۇر ياش ھەم ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە تۈركىيەدىن كەلگەن 12 تەتقىقاتچى ۋە تەشكىلات رەھبىرى قاتناشتى. ئۈچ كۈنلۈك كۇرستا ئۇيغۇر كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش، ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە خىتايغا قارشى لوبى پائالىيەتلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. قاتناشقۇچىلار يەنە ئالدىنقى كۈنى مىللىي رەھبەرلەردىن مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانىڭ قەبرىسىنى ۋە ئەنقەرەدىكى بىر قىسىم تارىخىي-مەدەنىي ئورۇنلارنى زىيارەت قىلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئاياللار كومىتېتىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق «خەلقئارالىق ئاياللار ئۇچرىشىشى» 12–13-سېنتەبىر ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى. 50 تىن ئارتۇق ئايال ۋە بىر قىسىم ياش پائالىيەتچى قاتناشقان يىغىندا، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىدىكى رولى، دىئاسپورادا ئانا تىلنى ساقلاش، روھىي ساغلاملىق، جەمئىيەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلار ھەم ياشلارنىڭ كىملىك ۋە كەلگۈسى مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى. يىغىن ئاخىرىدا «ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىستانبۇل خىتابنامىسى» ئېلان قىلىندى.
شۇ كۈنى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە خەلقئارا قەلەمكەشلەر ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ يىللىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. 20 دەك ئەزا قاتناشقان يىغىن شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقنىڭ 90 ياشقا كىرگەنلىكىنى تەبرىكلەش بىلەن باشلاندى. يىغىندا ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ پائالىيەتلىرىنى جاندۇرۇش، ياش يازغۇچىلارنى سەپكە قوشۇش، ئەۋلاتلار ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش ھەمدە ياشلارنى ئۇيغۇر تىلىدا يېزىش ۋە ئىجاد قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.
”نىكاھ“ سۆزى سەزگۈر سۆزگە ئايلانغان: خىتاينىڭ تەرجىمە دېتالى تالاش-تارتىش قوزغىدى
خىتاينىڭ ”ئېلىپبە تەرجىمان“ (iTerjiman) ناملىق تەرجىمە دېتالى يېقىندا ”نىكاھ“ سۆزىنى «سەزگۈر سۆز» دەپ ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تالاش-تارتىش قوزغىدى.
توردا قىلىنغان سىناق سىنلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، تەرجىمە دېتالىغا ”نىكاھ“ دەپ كىرگۈزۈلگەندە، تەرجىمە قىلىش دەرھال توختاپ قالغان. ئېكراندا قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش بېتى پەيدا بولۇپ، ”سەزگۈر سۆز بايقالدى“، ”تەرجىمە قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ“ دېگەندەك ئەسكەرتىشلەر كۆرۈنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەلگىلىمىگە خىلاپ تەرجىمىنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن ھەمدە تېلېفوندا ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ياڭرىغان.
”نىكاھ“ سۆزى ئۇيغۇر تىلىدا ئۇزۇندىن بۇيان ئىشلىتىلىپ كېلىنگەن كۈندىلىك سۆز بولۇپ، ئىسلام ئەنئەنىسىگە ئاساسەن ئۆتكۈزۈلىدىغان توي رەسمىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئائىلە ۋە تۇرمۇشقا مۇناسىۋەتلىك بىر ئادەتتىكى سۆزنىڭ ”سەزگۈر سۆز“ قاتارىغا كىرگۈزۈلۈشى نۇرغۇن تورداشلارنىڭ گۇمانىنى قوزغىدى.
مۇناسىۋەتلىك سىنلار X سۇپىسىدا تارقالغاندىن كېيىن، بىر قىسىم تورداشلار: ”ئەمدى ئۆيلىنىش ئۈچۈنمۇ ساقچىغا مەلۇم قىلىش كېرەكمۇ؟“ دەپ سوئال قويسا، يەنە بەزىلەر: ”بۇ بىر لۇغەتمۇ ياكى نازارەت قىلىش پروگراممىسىمۇ؟“ دېيىشتى.
بەزى تورداشلارنىڭ قارىشىچە، دىققەت تارتىدىغىنى پەقەت دېتالنىڭ بۇ سۆزنى تەرجىمە قىلىشنى رەت قىلغانلىقىلا ئەمەس، بەلكى قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش، ئاۋازلىق سىگنال ۋە قانۇنىي مەسئۇلىيەت ئەسكەرتىشى ئارقىلىق شەكىللەنگەن قورقۇتۇش ئۈنۈمىدۇر. ئۇلار دىنغا ۋە مەدەنىيەتكە ئائىت سۆزلەرگە قارىتىلغان رەقەملىك سۈزۈشنىڭ ئىشلەتكۈچىلەرنى ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈشكە تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ مەجبۇرلىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى ”تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە «ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش“نى باھانا قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئىنتايىن زور كۆلەمدىكى ئىجتىمائىي تەقىپ ۋە كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويغانىدى.
تىلشۇناس ۋە يازغۇچى ئابدۇۋېلى ئايۇپ رادىيومىزغا بەرگەن ئىنكاسىدا مۇنداق دېدى: ”بۇ ھەرگىزمۇ بۇ ئەپنى ئىشلىگەن بىر شىركەتنىڭلا ئىشى ئەمەس، خىتايدىكى ئۇيغۇر تىلىغا قارىتىلغان چەكلەش، يەكلەش، بوغۇش سىياسىتىنىڭ ئەكس ئەتتۈرىلىشى. ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلىدىغان بۇنداق سۆزلەرنىڭ چەكلىنىشى ئۇيغۇرلاردا ئۆز-ئۆزىنى نازارەت قىلىش، ئۆز-ئۆزىنى چەكلەش ۋە ئۆز مەدەنىيىتىدىن خۈدۈكسىرەش كەيپىياتىنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ يوقۇلىشىنى تېخىمۇ تېزلەشتۈرىدۇ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.“
ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئايتەرجىمان ئۇيغۇرچە، خىتايچە ۋە ئىنگلىزچە تىلللاردا يېزىق، ئاۋاز ۋە سۈرەت تەرجىمە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئەپ بولۇپ، . خىتاي رايونى ئەپ بازىرىدا بۇ دېتالنىڭ خەينەن شىنجىخەي (Hainan Xinzhihai) تور شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
ئانتروپىك: خىتاي ئاممىۋى ئۇچۇرلارنى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىشقا ئىشلەتكەن
ئامېرىكا سۈنئىي ئەقىل شىركىتى ئانتروپىك Anthropic نىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىخەتەرلىك ئورگانلىرى بىلەن ئىنتايىن يېقىن ھەمكارلىقتىكى بىر ھەرىكەت كلائۇد Claude سۈنئىي ئەقىل سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ، سۇرىيە ۋە باشقا رايونلاردىكى ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلغان، قىياپىتىنى سىزىپ چىققان ۋە ئورنىنى بېكىتكەن ھەمدە يوشۇرۇن ھالدا ئۇلارنى رازۋېدكا ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەشكە ئازدۇرماقچى بولغان.
ئانتروپىكنىڭ 10-سېنتەبىردە ئېلان قىلغان تەھدىت ئانالىز دوكلاتىدا بۇ ھەرىكەتكە GTG-14010دەپ نومۇر بېرىلگەن. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، سۇرىيە يېڭى ئارمىيەسىگە قوشۇلغان ئۇيغۇر قوراللىقلىرى، ئېدلىب قاتارلىق رايونلاردىكى ئۇيغۇر پۇقرالىرى ھەمدە چەتئەلدىكى ئۇيغۇر مۇخبىرلار، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە پائالىيەتچىلەر نىشانغا ئېلىنغان.
بۇ ھەرىكەتنى ئېلىپ بارغۇچىلار يۈزدىن ئارتۇق ۋاتىساپتوپى ۋە ئونلارچەتېلېگرام قاناللىرىنى نازارەت قىلىپ، نىشان قىلىنغان شەخسلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان سۇپىلاردىكى سالاھىيىتىنى تۇتاشتۇرۇپ، مۇناسىۋەت تورىنى سىزىپ چىققان ۋە ئۇلارنىڭ رېئاللىقتىكى ئورنىنى بېكىتكەن ھەمدە سۆھبەت مەزمۇنلىرىنى خىتايچە ئىستىخباراتقا ئايلاندۇرغان.
دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، ئىجراچىلار يەنە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق، ئائىلە ئايرىلىشى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن، قايسى كىشىلەر بىلەن ئالاقىلىشىش ياكى پايدىلىنىش ئاسانراق بولىدىغانلىقىنى ئانالىز قىلغان ھەمدە يەنە ئائىلە ئەزالىرى شىنجاڭدا (شەرقىي تۈركىستاندا) ياشاۋاتقان چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلغان.
ئىجراچىلار يەنە پۇل ئارقىلىق سۇرىيەدىكى ئۇيغۇر قوراللىقلىرى بىلەن ئالاقىلىشالايدىغان كىشىلەرنى ئازدۇرۇپ ئۆز سېپىگە قوشۇشقا ئۇرۇنغان ھەمدە كلائۇد ئارقىلىق تىل توسالغۇسىنى يېڭىپ، ئەرەبچە ئۇچۇرلارنى تۈزۈپ چىققان، نەق مەيدان تەرجىمىسى ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرغان، قارشى تەرەپنىڭ ئىنكاسىنى ئانالىز قىلغان ۋە يوشۇرۇن ئالاقىلىشىش ستراتېگىيەسى تۈزگەن. ئانتروپىك ھازىرچە بۇ ئەل قىلىش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشقان-ئاشمىغانلىقىنى جەزملەشتۈرەلمىگەن.
دوكلاتتا يەنە ئېيتىلىشىچە، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ئاخبارات ۋاسىتىلىرىمۇ نىشانغا ئايلانغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ”ئۇيغۇر پوچتىسى“ غا قاراىتا كوللېكتىپ پاش قىلىش ۋە تور ھۇجۇمى قوزغاش پىلانى تۈزۈلگەن.
ئانتروپىكنىڭ ئوخشاشبىر ۋاقىتتا ئاشكارىلىشىچە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى ئورگانلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا ھەرىكەتلەرمۇ كلائۇدتىن پايدىلىنىپ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرىنى نازارەت قىلغان ھەمدە ۋانكۇۋېردىكى دېموكراتىيە نامايىشلىرى، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ۋە ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ئۇچۇرلىرىنى يىغقان.
دوكلاتتا قارىلىشىچە، بۇ مىساللار سۈنئىي ئىقتىدارنىڭ چېگرا ھالقىغان نازارەتچىلىك ۋە يوشۇرۇن ئىستىخبارات پائالىيەتلىرىنىڭ تىل ۋە تېخنىكا بوسۇغىسىنى تۆۋەنلىتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.
ئانتروپىك بۇ ھەرىكەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك كلائۇدھېساباتلىرىنى توڭلاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى: خىتايغا ساياھەتكە بارغانلار خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىشى مۇمكىن
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 4-سېنتەبىر ئامېرىكا پۇقرالىرىنى خىتايغا ساياھەتكە بېرىشتا ھۇشيارلىقىنى ئۆستۈرۈشكە ئاگاھلاندۇردى. ئاگاھلاندۇرۇشتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى نازارەت قىلىش، ساياھەت چەكلىمىسى ۋە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ خەۋپى ئالاھىدە تەكىتلەندى.
مىنىستىرلىق خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يەرلىك قانۇنلارنى خالىغانچە يۈرگۈزىدىغانلىقىنى، ئادىل ۋە ئاشكارا قانۇنىي تەرتىپلەر بولمىغان ئاساستا چېگرادىن چىقىش چەكلىمىسى قۇيىدىغانلىقىنى ھەمدە ئامېرىكا پۇقرالىرىنى ناهەق قولغا ئېلىش ياكى تۇتقۇن قىلىش خەۋپى بارلىقىنى بىلدۈردى. بولۇپمۇ، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان) قاتارلىق رايونلار بىلەن مىللىي ئالاقىسى بار ساياھەتچىلەرنىڭ ئالاھىدە چەكلىمىلەرگە، كەمسىتىشكە، ھەتتا خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىشقا دۇچ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.
يېڭى نۇسىدىكى ساياھەت كۆرسەتمىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا دائىرىلەر ئادەتتە ئىسلام دىنى ئادىتىگە ئائىت بولغان، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ئەسەبىيلىك» ئالامىتى دەپ قارالغان بىر قىسىم قىلمىشلارنى چەكلەيدىغانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاتالمىش «غەيرىي تەبىئىي» ساقال-بۇرۇت قويۇش، ئاممىۋىي سورۇنلاردا يۈزنى يېپىش، دىنىي بايرام ۋە رامىزان ئايلىرىدا روزا تۇتۇش، شۇنىڭدەك تاماكا چەكمەسلىك ۋە ھاراق ئىچمەسلىك قاتارلىقلار بارلىقى ئېيتىلغان. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ چەكلىمىلەرنىڭ رايونغا ساياھەتكە بارغان ئامېرىكىلىق مۇسۇلمان پۇقرالارغا قانچىلىك دەرىجىدە تەتبىقلىنىدىغانلىقىنىڭ تېخى ئېنىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يەنە مۇخبىرلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتايدا ئاخباراتچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش ۋە چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىش خەۋپى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چەتئەللىك مۇخبىرلارغا بېسىم ئىشلىتىپ، خىتايغا پايدىلىق خەۋەرلەرنى ئىشلەشكە مەجبۇرلايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
بۇ قېتىملىق يېڭىلاشتا ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجىسى كۆتۈرۈلمىدى، پەقەت ئاگاھلاندۇرۇش مەزمۇنى يېڭىلاندى.
