خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ «ئۇيغۇرلارغا ھەمدەم بولۇش ئېيى» پائالىيىتى ئاخىرلاشتى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئەنگىلىيە شۆبىسى (Amnesty International UK) ئاۋغۇست ئېيى بويىچە ئېلىپ بارغان «ئۇيغۇرلارغا ھەمدەم بولۇش ئېيى» (Uyghur Solidarity Month) پائالىيىتى 31-ئاۋغۇست ئاخىرلاشتى.

تولۇق بىر ئاي داۋاملاشقان مەزكۇر پائالىيەت جەريانىدا، ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ پەقەت ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگىلا مەركەزلەشكەن تەشۋىقات ئۇسۇلىدىن پەرقلىق ھالدا، مەدەنىيەت تونۇشتۇرۇش بىلەن ئىنسان ھەقلىرى تەشەببۇسىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزگىچە مەزمۇنلارنى ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقاردى؛ ھەر كۈنى بىر ئۇيغۇرچە سۆز-ئاتالغۇنى تونۇشتۇردى ھەمدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، مۇزىكىسى، سەنئىتى ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ ئەنگىلىيە جامائىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، ئەنئەنىسى ۋە رېئال ۋەزىيىتىنى چۈشىنىشىگە تۈرتكە بولدى. ئەنگىلىيەدىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ يەرلىك گۇرۇپپىلىرىمۇ مەھەللە پائالىيەتلىرى، مەكتۇپ يېزىش، ئورتاق ئىمزا قويۇش ھەمدە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان شەكىللەر ئارقىلىق بۇ تەشەببۇسقا ئاكتىپ ئاۋاز قوشتى.

تۆت يىل ئىلگىرىكى، يەنى 2022-يىلى 31-ئاۋغۇست، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى باھالاش دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرگە قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. بۇ قېتىمقى ”ئۇيغۇرلارغا ھەمدەم بولۇش ئېيى“نىڭ تۆت يىلدىن كېيىنكى دەل شۇ كۈنى ئاخىرلاشقانلىقى تېخى ھەل بولمىغان بۇ ئىنسان ھەقلىرى كىرىزىسىنى يەنە بىر قېتىم دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.