خىتاي تۈرمىسىدىكى ئوبزورچى يالقۇن روزى ئىنسان ھەقلىرىنى قوغدىغۇچىلار مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
2026-يىللىق ”گراسىيېلا فېرناندېز مېيخىدې Fernández Meijide Graciela ئىنسان ھەقلىرىنى قوغدىغۇچىلار مۇكاپاتى“نى تارقىتىش مۇراسىمى 23-ئاۋغۇست بۇئېنوس ئايرېستا ئۆتكۈزۈلدى. ئارگېنتىنادىكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى ”لاتىن ئامېرىكىسىنى ئېچىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش مەركىزى“ (CADAL) تەرىپىدىن تارقىتىلىدىغان بۇ مۇكاپاتقا بۇيىل فېۋرالدا خىتاي تۈرمىسىدىكى ئاتاقلىق ئەدەبىي ئوبزورچى، يازغۇچى ۋە مۇھەررىر يالقۇن روزىنىڭ ئېرىشكەنلىكى ئېلان قىلىنغانىدى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس، «ئۇيغۇر ھەرىكىتى»نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى روشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن، شۇنداقلا ئۇيغۇر دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى مەركىزىنىڭ رەئىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا قاتارلىقلار مۇكاپاتلاش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، يالقۇن روزىنىڭ ئائىلىسىگە ۋاكالىتەن مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋالدى. دوكتور رىشات ئابباس مۇكاپاتنى قوبۇل قىلىش نۇتقى سۆزلىدى.
كادال تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ مۇكاپات سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تۈرمىگە تاشلانغان، ئەمما خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يېتەرلىك دىققىتىگە ئېرىشەلمىگەن شەخسلەرگە بولغان دىققەتنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن. 2026-يىلى بۇ مۇكاپاتنىڭ تاللاش دائىرىسى تۇنجى قېتىم لاتىن ئامېرىكىسىدىن پۈتۈن دۇنياغا كېڭەيتىلگەن. بۇ يىللىق مۇكاپاتقا يالقۇن زورىدىن باشقا يەنە ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى ۋە شىمالىي كورېيەدىن بولغان سىياسىي مەھبۇسلارمۇ ئېرىشكەن. باھالاش ھەيئىتى يالقۇن روزىنىڭ دېلوسىنى «زوراۋانلىقسىز مەدەنىيەت تەشەببۇسى»نىڭ باستۇرۇلۇشىنى نامايان قىلىدىغان بىر مىسال، دەپ قارىغان.
يالقۇن روزى ئىلگىرى شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىدا خىزمەت قىلغان بولۇپ، ئۇزۇن يىل ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك نەشرىيات ۋە مائارىپ خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان، شۇنداقلا كۆپلىگەن ئۇيغۇرچە دەرسلىك ۋە ئوقۇشلۇقلارنى تۈزۈش ۋە تەھرىرلەشكە قاتناشقان. ئۇ 2016-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ، 2018-يىلى خىتاي سوتى تەرىپىدىن «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلىنىپ، 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
”گراسىيېلا فېرناندېز مېيخىدې ئىنسان ھەقلىرىنى قوغدىغۇچىلار مۇكاپاتى“ 2023-يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئارگېنتىنالىق مەشھۇر ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى گراسىيېلا فېرناندېز مېيخىدېنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. 1976-يىلى ئارگېنتىنادا ھەربىي دىكتاتۇر ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدە ئۇنىڭ ئوغلى مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەن، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۇزۇن يىل ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان.
خىتاي دائىرىلىرى چەت ئەللىك تاراتقۇ خادىملىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا زىيارەتكە تەشكىللىدى
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللىك ژۇرنالىست ۋە تەسىرى بار تورچىلارنى شەرقىي تۈركىستانغا تەشكىللىك زىيارەتكە ئېلىپ بېرىش پائالىيىتى 25-ئاۋغۇست ئۈرۈمچىدە باشلانغان.
”خىتاي كۈندىلىك گېزىتى“ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ”2026 خىتاي بىلەن ئۇچرىشىش- شىنجاڭ بىلەن ئۇچرىشىش» ناملىق مەزكۇر پائالىيەتكە ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، رۇسىيە، ئۇكرائىنا، ھىندىستان ۋە پاكىستان قاتارلىق 13 دۆلەتتىن كەلگەن 16 چەت ئەللىك ژۇرنالىست، مۇتەخەسسىس، تور چولپىنى ۋە Z ئەۋلاد (رەقەملىك ئۇچۇر دەۋرىگە تەۋە ياشلار-ئۆسمۈرلەر) ۋەكىللىرى قاتناشقان. ئۇلار خىتاي دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۈرۈمچى، سانجى قاتارلىق جايلاردا يەتتە كۈنلۈك زىيارەت ئېلىپ بارىدىكەن.
خىتاي تەرەپ بۇ زىيارەت ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ «سانائەت ھاياتىي كۈچى، ئىنسانىي ئىللىقلىقى ۋە ئېچىۋېتىلگەن قىياپىتى»نى دۇنياغا كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. زىيارەت پروگراممىسىغا ساياھەت نۇقتىلىرى، كارخانىلار، مەدەنىيەت ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى، يېزا-كەنت تەرەققىيات تۈرلىرى قاتارلىق ئالدىن تاللانغان ئورۇنلار كىرگۈزۈلگەن.
”خىتاي كۈندىلىك گېزىتى“نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىل خەلقئارالىق تاراتقۇ زىيارىتى 2021-يىلى باشلانغاندىن بۇيان بەش قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، 40 تىن ئارتۇق دۆلەتتىن يۈزلىگەن چەت ئەللىك قاتناشقۇچى تەكلىپ قىلىنغان ۋە 10 مىڭدىن ئارتۇق تاراتقۇ مەھسۇلاتى تارقىتىلغان.
ھالبۇكى، ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل زىيارەتلەردە چەت ئەللىك مېھمانلار كۆرىدىغان ئورۇن ۋە ئۇچرىشىدىغان كىشىلەرنى قاتتىق كونترول قىلىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەر ۋە ب د ت ئىنسان ھەقلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ رايوندا ئەركىن ۋە چەكلىمىسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويماي كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللىك ژۇرنالىست، دىپلومات ۋە تور داڭلىقلىرىنى زىيارەتكە تەشكىللىشى شەرقىي تۈركىستاندىكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن، ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق، دىنىي ۋە مەدەنىي باستۇرۇش قاتارلىق ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدىكى خەلقئارا تەنقىدلەرگە قارشى «نورمال ۋە گۈللەنگەن شىنجاڭ» ئوبرازىنى يارىتىش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارالماقتا.
ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر مەھەللە ئويۇنلىرى پائالىيىتىگە مىڭلارچە بالا قاتناشتى
ئىستانبۇلنىڭ كۈچۈكچەكمە رايونىدا 3-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر مەھەللە ئويۇنلىرى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر پەرزەنتى ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى بالىلار ئويۇنلىرى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ باشقا تۈرلىرى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.
شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى تەشكىللىگەن بۇ پائالىيەت مارشال فەۋزى چاقماق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ قورۇسىدا ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە دائىر قامۇس ۋە باشقا مەنبەلەردىن تاللانغان 32 خىل ئەنئەنىۋى بالىلار ئويۇنى نامايەن قىلىندى. تەشكىللىگۈچىلەر بۇ 32 خىل ئويۇننى 60 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشقا ئالدىن ئۆگەتكەن بولۇپ، ئۇلار پائالىيەت كۈنى بۇ ئويۇنلارنى بالىلارغا ئۆگەتتى ۋە بىللە ئوينىدى.
نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر رادىيومىز زىيارىتىدە قىلغان سۆزىدە، بۇ پائالىيەتنىڭ پەقەت بالىلارنىڭ كۆڭۈللۈك ئوينىشىنىلا مەقسەت قىلمايدىغانلىقىنى، بەلكى مۇھاجىرەتتە ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئانا تىلى، مەدەنىيىتى ۋە مىللىي كىملىكى بىلەن بولغان باغلىنىشىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى يوقىتىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، چەت ئەللەردە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بۇ خىل مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى «ئاسسىمىلياتسىيەگە قارشى كۈرەشنىڭ بىر قىسمى» دەپ تەسۋىرلىدى.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇساجان ئەر ئۆز ۋەتىنىدىن يىراقتا تۇغۇلغان ياكى ئۆسۈۋاتقان بۇ بالىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇشىنى بىۋاسىتە ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى، بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ ئۇلارنى ئۆز تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە قىممەت قاراشلىرى بىلەن باغلاشقا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇ پائالىيەتتە بالىلار مەھەللە ئويۇنلىرىنى ئويناشتىن باشقا يەنە مىللىي كىيىم-كېچەك، ئېغىز ئەدەبىياتى، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە ئەنئەنىۋى غىزا-تائام قاتارلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئوخشىمىغان ئامىللىرى بىلەنمۇ تونۇشتى.
بۇ پائالىيەت تۈركىيەدىكى بىر قىسىم غوللۇق ئاخبارات ۋاسىتىلرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، س ن ن تۈرك، ئاناتولىيە ئاگېنتلىقى، ھۆرىيەت گېزىتى قاتارلىقلار بۇ پائالىيەت ھەققىدە مەخسۇس خەۋەرلەرنى ئىشلىدى.
پاترىك پۇن: خىتاي تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلغان
توكيودا تۇرۇشلۇق ئىنسان ھەقلىرى تەتقىقاتچىسى ۋە ئەركىن ژۇرنالىست پاترىك پۇن (Patrick Poon) يېقىندا ”ئاسىيا كاتولىك ئىتتىپاقى خەۋەرلىرى“ ( (UCA Newsتورىدا ”خىتاي ’تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش‘نى ئۇيغۇرلارغا قانداق قاراتتى؟“ ناملىق يېڭى ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. ماقالىدا 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنكى 25 يىللىق جەريان ئانالىز قىلىنىپ، ماقالىدە بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش شۇئارىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادى، مەدەنىيىتى ۋە مىللىي كىملىكىنى قانداق سىستېمىلىق يوقىتىشقا ئۇرۇنغانلىقى تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش ”تېررورلۇق، ئەسەبىيلىك ۋە بۆلگۈنچىلىك“تىن ئىبارەت ”ئۈچ خىل كۈچ“كە قارشى تۇرۇش باھانىسىدا بىر قاتار قانۇن-نىزاملارنى يولغا قويغان. بولۇپمۇ 2015-يىلدىكى ”تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى“ ۋە يېقىندا يولغا قويۇلغان ”مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى“ ئارقىلىق، ئادەتتىكى دىنىي پائالىيەتلەر ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەر جىنايەتكە ئايلاندۇرۇلغان. مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان پروفېسسور ئىلھام توختىنىڭ دېلوسى بېيجىڭنىڭ ئاتالمىش ”ئىتتىپاقلىق“ شۇئارى بىلەن ئەمەلىيەتتىكى باستۇرۇش سىياسىتى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ ئېنىق ئىسپاتى سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن.
ماقالىدە بىر قاتار گۇۋاھچىلار ۋە ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرىنىڭ باياناتلىرىغا ئورۇن بېرىلگەن. ”ئۇيغۇر ھەرىكىتى“ تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە دىرىكتورى روشەن ئابباس ۋە ژۇرنالىست گۈلچېھرە خوجىلار ئۆز ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ھېچبىر جىنايەتىسىز ئەھۋالدا ”تېررورچىلار تىزىملىكى“گە كىرگۈزۈلۈپ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىغان؛ پائالىيەتچى ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقلىقلىرىنىڭ تېررورلۇق ئەمەس، بەلكى مۇستەملىكىچىل ھۆكۈمرانلىققا قارشى ئىنكاس ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان؛ تىلشۇناس ۋە يازغۇچى ئابدۇۋېلى ئايۇپ ئايرىم جىنايى قىلمىشلارنى پۈتۈن بىر مىللەتكە ئارتىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن؛ شائىر ۋە تەتقىقاتچى ئەزىز ئىسا ئەلكۇن ۋە ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى يالقۇن ئۇلۇغيول خىتاينىڭ بۇ خىل باستۇرۇشلار ئارقىلىق ھەقىقىي ئىتتىپاقلىققا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى، مەسىلىنىڭ پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە كىملىكى بىلەن ياشاش ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئېرىشكەندىلا يېشىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ماقالىنىڭ خۇلاسىسىدە پاترىك پۇن خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ ”بىخەتەرلىك“ ۋە ”ئىتتىپاقلىق“ باھانىسى بىلەن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىگە قارىتا جىددىي تەدبىر قوللىنىشقا چاقىردى.
ئەزەربەيجان قارا تىزىملىكتىكى خىتاي شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تىرىشماقتا
ئەزەربەيجان ئىقتىساد مىنىستىرلىقى 13-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، ئىقتىساد مىنىستىرى مىكايىل جابباروف (Mikayil Jabbarov) نىڭ شىنجاڭ جوڭخې (Xinjiang Joinworld) شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ما بىڭ بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئىككى تەرەپ ئاليۇمىن ۋە مېتاللورگىيە ساھەسىدە بىرلەشمە تۈرلەرنى يولغا قويۇش، سانائەت ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش، تېخنىكا ۋە كەسپىي تەجرىبە ئالماشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان. باياناتتا مەبلەغ سوممىسى تىلغا ئېلىنمىغان، شۇنداقلا ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقىمۇ بىلدۈرۈلمىگەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2024-يىلى نويابىردا شىنجاڭ جوڭخې شىركىتىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى بويىچە قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا، بۇ شىركەتنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان مىللەتلەرنىڭ ئەزالىرىنى «قوبۇل قىلىش، توشۇش، يۆتكەش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش» قا قاتناشقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا مەجبۇرىي ئەمگەك مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىزچىل رەت قىلىپ، ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پىروگراممىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرىدىن ئىبارەت، دەپ تەسۋىرلەپ كەلگەن، شۇنداقلا ئامېرىكانى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ خىتاي كارخانىلىرىنى بېسىش بىلەن ئەيىبلىگەن.
ھازىرغىچە ئەزەربەيجان ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ شىنجاڭ جوڭخې شىركىتىنىڭ ئامېرىكانىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىدىن خەۋەردار ياكى ئەمەسلىكىنى، شۇنداقلا بۇ شىركەت بىلەن ھەمكارلىقنى ئويلاشقاندا مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك تەمىنلەش زەنجىرى بويىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان-بارمىغانلىقىنى ئاشكارىلىمىدى.
11-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئەرەبچە كىتاب يەرمەنكىسىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىستانبۇلنىڭ يېنىكاپى رايونىدىكى ياۋرو-ئاسىيا كۆرگەزمە ۋە سەنئەت مەركىزىدە 15-ئاۋغۇست باشلانغان 11-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئەرەبچە كىتاب يەرمەنكىسى 23-ئاۋغۇست ئاخىرلاشتى. يەرمەنكىگە 60 قا يېقىن دۆلەتتىن 300 دىن ئارتۇق نەشرىياتچى قاتناشتى.
يەرمەنكىدە تۈركىستانىي كۇتۇپخانىسى مەخسۇس ئورۇن ئېلىپ، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار 58 تۈرلۈك كىتابنى كۆرگەزمىگە قويدى. تۈركىستانىي كۇتۇپخانىسنىڭ مەسئۇلى ئابدۇلئەھەد ئۇچقۇننىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرىشىچە، كۆرگەزمە جەريانىدا، كۆپلىگەن كىتابلار سېتىلغان ھەمدە بىر قىسىم كىتابلار زىيارەتچىلەرگە ھەدىيە قىلىنغان.
يەرمەنكە جەريانىدا، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاساس قىلغان ئۈچ قېتىملىق سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى: يەرمەنكىنىڭ تۇنجى كۈنى كەچتىكى بىرىنجى سۆھبەت يىغىنىغا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ساھىبخانلىق قىلدى. يىغىندا ئۇيغۇر ئۆلىمالار ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەسئۇلىيىتى ھەققىدە سۆز قىلدى. ئىككىنچى سۆھبەت يىغىنى ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلۈپ، شەرقىي تۈركىستان دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 21-ئاۋغۇست كەچتە شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئەمىنھاجىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۈچىنجى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا بىر قىسىم ژۇرنالىستلار سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى، ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرى ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەسئۇلىيەتلىرىنى تەكىتلىدى.
ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى يەنە يەرمەنكە جەريانىدا كۆپلىگەن ئۆلىما، ئاكادېمىك ۋە ژۇرنالىستلارنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئاممىغا ئاڭلاتتى ھەمدە بىر قىسىم دىپلومات ۋە ئۆلىمالارغا خاتىرە ھەدىيەلىرى تەقدىم قىلدى.
ئابدۇلئەھەد ئۇچقۇننىڭ دېيىشىچە، تۈركىستانىي كۇتۇبخانىسى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئۇستاز رەھمىتۇللا تۈركىستانىينىڭ يىتەكچىلىكىدە سەئۇدىي ئەرەبىستاندا قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ئەرەپچە، ئىنگلىزچە، تۈركچە، ئۇيغۇرچە ۋە باشقا تىللاردىكى 30 مىڭدىن ئارتۇق كىتاب يىغىلغان. ئىككى يىل ئاۋال بۇ كۇتۇبخانا ئىستانبۇلغا يۆتكەپ كېلىنگەن.
يېڭى كىتاب «شىنجاڭ تەرتىپى»دە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىچكى ئەزا ئەتكەسچىلىكى پاش قىلىندى
ئاتاقلىق ئىنسان ھەقلىرى تەكشۈرگۈچىسى ۋە يازغۇچى ئىتان گۇتمان Ethan Gutmann نىڭ يېڭىدىن نەشر قىلىنغان «شىنجاڭ تەرتىپى» (The Xinjiang Procedure) ناملىق كىتابىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلاردا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىستېمىلىق زۇلۇملىرى ۋە سانائەت كۆلىمىدىكى مەجبۇرىي ئىچكى ئەزا يىغىۋېلىش جىنايىتىنى ئىنتايىن دەھشەتلىك پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
كىتابتا ئېيتىلىشىچە، «شىنجاڭ تەرتىپى» دەپ ئاتالغان جەريان خىتاي ئوپېراتسىيە دوختۇرلىرىنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ يۈرىكى يەنىلا سوقۇۋاتقان پېتى ئىچكى ئەزالىرىنى تىرىكلا كېسىپ ئېلىشىنى كۆرسىتىدىكەن. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 28 ياش ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى خەلقئارالىق «ئەزا ساياھەتچىلىرى» گە زاكاز بويىچە سېتىلىدىكەن. كىتابتىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، بىر ياش ئۇيغۇر ئايالنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 900 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغان بولۇپ، ئاتالمىش «ھالال ئەزا» سودىسى ئارقىلىق ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى بايلارغا يۇقىرى باھادا سېتىلىدىكەن.
ئىتان گۇتمان بۇ جىنايەتلەرنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، خىتاينىڭ ئېلېكترونلۇق نازارەت تورىدىن قېچىپ، گېرمانىيەدىن قازاقىستان چېگراسىغىچە ماشىنا ھەيدەپ بارغان ۋە ئۇ يەردە لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققان گۇۋاھچىلارنى مەخپىي زىيارەت قىلغان. كىتابتا خىتاينىڭ 2015-يىلىدىن باشلاپ 12 ياشتىن يۇقىرى بارلىق ئۇيغۇرلارغا قاراتقان 10 مىليوندىن ئارتۇق قان ۋە DNA تەكشۈرۈشى ئەمەلىيەتتە بۇ چوڭ كۆلەملىك تىرىك ئەزا ئامبىرىنى قۇرۇشنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى پاش قىلىنغان.
كىتابتا بۇ سىستېمىلىق قىرغىنچىلىققا غەرب تېببىي ساھەسىنىڭ ياردەم بەرگەنلىكى، يۈزلەرچە خىتاي دوختۇرنىڭ ئامېرىكا تېببىي مەكتەپلىرىدە تەربىيەلەنگەنلىكى تەنقىد قىلىنغان. نۆۋەتتە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى «مەجبۇرىي ئىچكى ئەزا يىغىۋېلىشنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى» (Stop Forced Organ Harvesting Act) نى ماقۇللىغان بولۇپ، كېڭەش پالاتاسىنىڭ تەستىقىنى كۈتمەكتە.
