مەمەت توختى: خەلقئارا قانۇن بويىچە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىل بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە

يىغىندا كانادادا تۇرۇشلۇق تونۇلغان سىياسىي ئاكتىپ مەمەت توختى «دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقى: شەرقىي تۈركىستان ئۆرنىكى» دېگەن ماۋزۇدا سۆز قىلدى.

26- ۋە 27-ئاۋغۇست، ۋەكىلسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان «ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشنى قايتا تەسەۋۋۇر قىلىش» ناملىق ئىككى كۈنلۈك خەلقئارالىق يىغىن گوللاندىيەنىڭ دەنھاگ (گائاگا) شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى، سىياسىي ۋەكىللىك ھوقۇقى ھەمدە خەلقلەرنىڭ ئۆز سىياسىي كەلگۈسىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ھوقۇقى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

كانادادا تۇرۇشلۇق تونۇلغان سىياسىي ئاكتىپ مەمەت توختى «دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقى: شەرقىي تۈركىستان ئۆرنىكى» دېگەن ماۋزۇدا سۆز قىلدى. بۇ سۆزىدە ئۇ كانادالىق خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى ئادۋوكاتى داۋىد ماتاس 2022-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان مۇنداق قانۇنىي ئاساسلارغا تايانغان: ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ ئۆزىلا بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئاپتوماتىك ھالدا مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ؛ ئامما بىر مىللەت ئېغىر، ئۈزلۈكسىز ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچرىغاندا، مەۋجۇت دۆلەت ئىچىدە ئۈنۈملۈك قوغداشقا ئېرىشەلمىگەندە ھەمدە ئىچكى قىسىمدا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش يوللىرى تولۇق ئېتىلگەندە، بۇ ھوقۇق تاشقى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا، يەنى مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقىغا ئايلىنىشى مۇمكىن.

مەمەت توختى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىگە قايتۇرغان ئىنكاسىدا، ئالاند، كاتانگا، كۆبەك، كوسوۋو قاتارلىق جايلارغا ئائىت خەلقئارا قانۇن مىساللىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى بىلەن سېلىشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ”ئۇيغۇرلار ھازىر قاتمۇ قات زۇلۇم، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە خىتاي يېڭى چىقارغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنىنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ئاساسەن يوق بولۇش گىرداۋىغا قاراپ كېتىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىنى قوغداش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم. ئىككىنجىدىن، ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ۋە ھەرقانداق جەھەتتە قارار بېرىش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ساقلاپ قېلىنىشى پەقەت دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقى بىلەنلا ئەمەلگە ئاشىدۇ. خەلقئارا قانۇن بۇنىڭغا تامامەن يول قويىدۇ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بىلەن مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقى تەڭ قىممەتكە ئىگە. "

يىغىنغا ب د ت نىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە دوكلاتچىسى نىكولاس لېۋرات (Nicolas Levrat) ۋە تەرەققىيات ھوقۇقى بويىچە ئالاھىدە دوكلاتچى سۇريا دېۋا (Surya Deva) قاتارلىقلارمۇ قاتناشتى.