خىتاي چەت ئەللىك تاراتقۇ خادىملىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا زىيارەتكە تەشكىللىدى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللىك ژۇرنالىست ۋە تەسىرى بار تورچىلارنى شەرقىي تۈركىستانغا تەشكىللىك زىيارەتكە ئېلىپ بېرىش پائالىيىتى 25-ئاۋغۇست ئۈرۈمچىدە باشلانغان.

”خىتاي كۈندىلىك گېزىتى“ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ”2026 خىتاي بىلەن ئۇچرىشىش- شىنجاڭ بىلەن ئۇچرىشىش» ناملىق مەزكۇر پائالىيەتكە ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، رۇسىيە، ئۇكرائىنا، ھىندىستان ۋە پاكىستان قاتارلىق 13 دۆلەتتىن كەلگەن 16 چەت ئەللىك ژۇرنالىست، مۇتەخەسسىس، تور چولپىنى ۋە Z ئەۋلاد (رەقەملىك ئۇچۇر دەۋرىگە تەۋە ياشلار-ئۆسمۈرلەر) ۋەكىللىرى قاتناشقان. ئۇلار خىتاي دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۈرۈمچى، سانجى قاتارلىق جايلاردا يەتتە كۈنلۈك زىيارەت ئېلىپ بارىدىكەن.

خىتاي تەرەپ بۇ زىيارەت ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ «سانائەت ھاياتىي كۈچى، ئىنسانىي ئىللىقلىقى ۋە ئېچىۋېتىلگەن قىياپىتى»نى دۇنياغا كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. زىيارەت پروگراممىسىغا ساياھەت نۇقتىلىرى، كارخانىلار، مەدەنىيەت ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى، يېزا-كەنت تەرەققىيات تۈرلىرى قاتارلىق ئالدىن تاللانغان ئورۇنلار كىرگۈزۈلگەن.

”خىتاي كۈندىلىك گېزىتى“نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىل خەلقئارالىق تاراتقۇ زىيارىتى 2021-يىلى باشلانغاندىن بۇيان بەش قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، 40 تىن ئارتۇق دۆلەتتىن يۈزلىگەن چەت ئەللىك قاتناشقۇچى تەكلىپ قىلىنغان ۋە 10 مىڭدىن ئارتۇق تاراتقۇ مەھسۇلاتى تارقىتىلغان.

ھالبۇكى، ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل زىيارەتلەردە چەت ئەللىك مېھمانلار كۆرىدىغان ئورۇن ۋە ئۇچرىشىدىغان كىشىلەرنى قاتتىق كونترول قىلىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەر ۋە ب د ت ئىنسان ھەقلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ رايوندا ئەركىن ۋە چەكلىمىسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويماي كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللىك ژۇرنالىست، دىپلومات ۋە تور داڭلىقلىرىنى زىيارەتكە تەشكىللىشى شەرقىي تۈركىستاندىكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن، ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق، دىنىي ۋە مەدەنىي باستۇرۇش قاتارلىق ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدىكى خەلقئارا تەنقىدلەرگە قارشى «نورمال ۋە گۈللەنگەن شىنجاڭ» ئوبرازىنى يارىتىش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارالماقتا.