پاترىك پۇن: خىتاي تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلغان

ماقالىدا 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنكى 25 يىللىق جەريان ئانالىز قىلىنىپ، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادى، مەدەنىيىتى ۋە مىللىي كىملىكىنى سىستېمىلىق يوقىتىشقا ئۇرۇنغانلىقى تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

توكيودا تۇرۇشلۇق ئىنسان ھەقلىرى تەتقىقاتچىسى ۋە ئەركىن ژۇرنالىست پاترىك پۇن (Patrick Poon) يېقىندا ”ئاسىيا كاتولىك ئىتتىپاقى خەۋەرلىرى“ ( (UCA Newsتورىدا ”خىتاي ’تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش‘نى ئۇيغۇرلارغا قانداق قاراتتى؟“ ناملىق يېڭى ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. ماقالىدا 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنكى 25 يىللىق جەريان ئانالىز قىلىنىپ، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش شۇئارىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادى، مەدەنىيىتى ۋە مىللىي كىملىكىنى قانداق سىستېمىلىق يوقىتىشقا ئۇرۇنغانلىقى تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش ”تېررورلۇق، ئەسەبىيلىك ۋە بۆلگۈنچىلىك“تىن ئىبارەت ”ئۈچ خىل كۈچ“كە قارشى تۇرۇش باھانىسىدا بىر قاتار قانۇن-نىزاملارنى يولغا قويغان. بولۇپمۇ 2015-يىلدىكى ”تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى“ ۋە يېقىندا يولغا قويۇلغان ”مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى“ ئارقىلىق، ئادەتتىكى دىنىي پائالىيەتلەر ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەر جىنايەتكە ئايلاندۇرۇلغان. مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان پروفېسسور ئىلھام توختىنىڭ دېلوسى بېيجىڭنىڭ ئاتالمىش ”ئىتتىپاقلىق“ شۇئارى بىلەن ئەمەلىيەتتىكى باستۇرۇش سىياسىتى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ ئېنىق ئىسپاتى سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن.

ماقالىدە بىر قاتار گۇۋاھچىلار ۋە ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرىنىڭ بايانلىرىغا ئورۇن بېرىلگەن. ”ئۇيغۇر ھەرىكىتى“ تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە دىرىكتورى روشەن ئابباس ۋە ژۇرنالىست گۈلچېھرە خوجىلار ئۆز ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ھېچبىر جىنايەتىسىز ئەھۋالدا ”تېررورچىلار تىزىملىكى“گە كىرگۈزۈلۈپ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىغان؛ پائالىيەتچى ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقلىقلىرىنىڭ تېررورلۇق ئەمەس، بەلكى مۇستەملىكىچىل ھۆكۈمرانلىققا قارشى ئىنكاس ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان؛ تىلشۇناس ۋە يازغۇچى ئابدۇۋېلى ئايۇپ ئايرىم جىنايى قىلمىشلارنى پۈتۈن بىر مىللەتكە ئارتىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن؛ شائىر ۋە تەتقىقاتچى ئەزىز ئىسا ئەلكۇن ۋە ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى يالقۇن ئۇلۇغيول خىتاينىڭ بۇ خىل باستۇرۇشلار ئارقىلىق ھەقىقىي ئىتتىپاقلىققا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى، مەسىلىنىڭ پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە كىملىكى بىلەن ياشاش ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئېرىشكەندىلا يېشىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ماقالىنىڭ خۇلاسىسىدە پاترىك پۇن خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ ”بىخەتەرلىك“ ۋە ”ئىتتىپاقلىق“ باھانىسى بىلەن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىگە قارىتا جىددىي تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرغان.