بۇ قېتىمقى يىغىندا مەزكۇر تەشكىلات قۇرۇلغانلىقىنىڭ 35 يىللىقى تەبرىكلىنىش بىلەن بىرگە سايلام ئۆتكۈزۈلۈپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بىر نەپەر رەئىس، ئىككى نەپەر مۇئاۋىن رەئىس، باش كاتىپ ۋە يەتتە نەپەر ئىدارە ھەيئىتى ئەزاسىدىن تەشكىل تاپقان يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك كوللېكتىپى سايلاپ چىقىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى زۇمرەتئاي ئەركىن ئىدارە ھەيئىتى ئەزالىقىغا سايلىنىپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدىن ئورۇن ئالدى. تەشكىلات نىزامىسىغا ئاساسەن، ئىدارە ھەيئىتى بەلگىلەنگەن سىياسەتلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى نازارەت قىلىدۇ ھەمدە باش كاتىپ بىلەن بىرلىكتە تەشكىلات پائالىيەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن بىلەن ئۇيغۇر دېموكراتىيەۋە ئىنسان ھەقلىرى مەركىزىنىڭ رەئىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسامۇ ئۇيغۇر ۋەكىللەر ئۆمىكى تەركىبىدە يىغىنغا قاتناشتى.
ئىگىلىنىشىچە، ۋەكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى 2001-يىلى ب د ت دا رەسمىي ۋەكىللىرى يوق مىللەت ۋە خەلقلەرنى خەلقئار تەشەببۇس سەھنىسى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن قۇرۇلغان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تۇنجى رەئىسى ئەركىن ئالپتېكىن قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى ئىدى. 2017-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ شۇ چاغدىكى رەئىسى دولقۇن ئەيسا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي بۇ تەشكىلاتنىڭ مۇھىم ھەمكارلاشقۇچىلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. زۇمرەتئاي ئەركىننىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ بۇ قېتىم رەھبەرلىك قاتلىمىغا كىرىشى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ تەشكىلات بىلەن بولغان سىجىل ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ھەمدە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ بۇ تەشكىلاتتىكى ئاكتىپ رولىنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
