ئەزەربەيجان ئىقتىساد مىنىستىرلىقى 13-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان ئۇچۇردا، ئىقتىساد مىنىستىرى مىكايىل جابباروف (Mikayil Jabbarov) نىڭ شىنجاڭ جۇڭخې (Xinjiang Joinworld) شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ما بىڭ بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئىككى تەرەپ ئاليۇمىن ۋە مېتاللورگىيە ساھەسىدە بىرلەشمە تۈرلەرنى يولغا قويۇش، سانائەت ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش، تېخنىكا ۋە كەسپىي تەجرىبە ئالماشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان. باياناتتا مەبلەغ سوممىسى تىلغا ئېلىنمىغان، شۇنداقلا ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقىمۇ بىلدۈرۈلمىگەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2024-يىلى نويابىردا شىنجاڭ جوڭخې شىركىتىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى بويىچە قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا، بۇ شىركەتنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان مىللەتلەرنىڭ ئەزالىرىنى «قوبۇل قىلىش، توشۇش، يۆتكەش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش» قا قاتناشقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا مەجبۇرىي ئەمگەك مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىزچىل رەت قىلىپ، ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پىروگراممىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرىدىن ئىبارەت، دەپ تەسۋىرلەپ كەلگەن، شۇنداقلا ئامېرىكانى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ خىتاي كارخانىلىرىنى بېسىش بىلەن ئەيىبلىگەن.
ھازىرغىچە ئەزەربەيجان ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ شىنجاڭ جوڭخې شىركىتىنىڭ ئامېرىكانىڭ قاراتىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىدىن خەۋەردار ياكى ئەمەسلىكىنى، شۇنداقلا بۇ شىركەت بىلەن ھەمكارلىقنى ئويلاشقاندا مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك تەمىنلەش زەنجىرى بويىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان-بارمىغانلىقىنى ئاشكارىلىمىدى.
