ئىستانبۇلنىڭ يېنىكاپى رايونىدىكى ياۋرو-ئاسىيا كۆرگەزمە ۋە سەنئەت مەركىزىدە 15-ئاۋغۇست باشلانغان 11-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئەرەبچە كىتاب يەرمەنكىسى 23-ئاۋغۇست ئاخىرلاشتى. يەرمەنكىگە 60 قا يېقىن دۆلەتتىن 300 دىن ئارتۇق نەشرىياتچى قاتناشتى.
يەرمەنكىدە تۈركىستانىي كۇتۇپخانىسى مەخسۇس ئورۇن ئېلىپ، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار 58 تۈرلۈك كىتابنى كۆرگەزمىگە قويدى. تۈركىستانىي كۇتۇپخانىسنىڭ مەسئۇلى ئابدۇلئەھەد ئۇچقۇننىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرىشىچە، كۆرگەزمە جەريانىدا، كۆپلىگەن كىتابلار سېتىلغان ھەمدە بىر قىسىم كىتابلار زىيارەتچىلەرگە ھەدىيە قىلىنغان.
يەرمەنكە جەريانىدا، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاساس قىلغان ئۈچ قېتىملىق سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى: يەرمەنكىنىڭ تۇنجى كۈنى كەچتىكى بىرىنجى سۆھبەت يىغىنىغا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ساھىبخانلىق قىلدى، يىغىندا ئۇيغۇر ئۆلىمالار ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەسئۇلىيىتى ھەققىدە سۆز قىلدى. ئىككىنچى سۆھبەت يىغىنى ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلۈپ، شەرقىي تۈركىستان دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 21-ئاۋغۇست كەچتە شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئەمىنھاجىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۈچىنجى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى، ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرى ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەسئۇلىيەتلىرىنى تەكىتلىدى.
ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى يەنە يەرمەنكە جەريانىدا كۆپلىگەن ئۆلىما، ئاكادېمىك ۋە ژۇرنالىستلارنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئاممىغا ئاڭلاتتى ھەمدە بىر قىسىم دىپلومات ۋە ئۆلىمالارغا خاتىرە ھەدىيەلىرى تەقدىم قىلدى.
ئابدۇلئەھەد ئۇچقۇننىڭ دېيىشىچە، تۈركىستانىي كۇتۇبخانىسى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئۇستاز رەھمىتۇللا تۈركىستانىينىڭ يىتەكچىلىكىدە سەئۇدىي ئەرەبىستاندا قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ئەرەپچە، ئىنگلىزچە، تۈركچە، ئۇيغۇرچە ۋە باشقا تىللاردىكى 30 مىڭدىن ئارتۇق كىتاب يىغىلغان. ئىككى يىل ئاۋال بۇ كۇتۇبخانا ئىستانبۇلغا يۆتكەپ كېلىنگەن.
