ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 17-ئىيۇل)

ئاجىز گۈلجەننەت كامىلنىڭ تەڭرىتاغ رايونلۇق قاماقخانىدا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. خىتاي ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى پەدازلاشتا ئامېرىكىلىق بالىلارنىمۇ سۇيىئىستېمال قىلماقتا. ئامېرىكىدا دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. تۇغلۇق ئابدۇرازاق ۋە گۈلناز ئابدۇقادىرنىڭ كىتابلىرى دىققەت قوزغىماقتا. تۈركىيەگە مال سالغانلىقى ئۈچۈن ئۈرۈمچىدە بىر ئائىلىدىن ئۈچ ئادەم تۇتقۇن قىلىنغان. ئىلشات ھەسەن كۆكبۆرە: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تەيۋەن تەشۋىقاتىغا سېلىشى ئۈنۈم بەرمەيدۇ.

ئاجىز گۈلجەننەت كامىلنىڭ تەڭرىتاغ رايونلۇق قاماقخانىدا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان گۈزەلنۇر خانىم سەيشەنبە كۈنى رادىيومىزغا بەرگەن مەلۇماتىدا، ئانىسى ۋە ئىككى سىڭلىسىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكى، ئەمما ئاقىۋىتىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. ئۈرۈمچىگە قاراتقان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، ئۇنىڭ مېيىپ سىڭلىسى گۈلجەننەت كامىلنىڭ نۆۋەتتە تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 17-ئىيۇل) (RFA Video)

گۈزەلنۇر خانىمنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئائىلە 2017-يىلدىكى چوڭ تۇتقۇندا ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلاردىندۇر. ئۇ ئۆزى مەزكۇر دولقۇن سەۋەبلىك ۋەتەنگە قايتالمىغان، ئىككى سىڭلىسى ئوخشىمىغان مۇددەتتە لاگېر ۋە تۈرمىدە يېتىپ چىققان ۋە سالامەتلىكىدە ئېغىر مەسىلە كۆرۈلۈپ گۈلجەننەت كامىل مېيىپ بولۇپ قالغان. گۈزەلنۇر ئائىلىسىگە كەلگەن بۇ ئېغىر زەربىلەردىن كېيىن، يېقىنقى ئىككى يىلدا ئۈرۈمچىدىن مال ئەكىلىپ سېتىش بىلەن تىرىكچىلىكىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ھەرىكەت قىلغان، ئەمما بۇ كىچىككىنە ھەرىكەتمۇ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ چەكلىمىسى ۋە زەربىسىدىن ساقلىنالمىغان. مەزكۇر سودا ئالاقىسى سەۋەبلىك گۈزەلنۇرنىڭ ئائىلىسىدىن ئۈچ كىشى تۇتۇپ كېتىلگەن. ئەمما گۈزەلنۇر ئۇلارنىڭ نەگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپالمىغان.

بىز گۈزەلنۇرنىڭ ئاجىز سىڭلىسى گۈلجەننەتنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېيىپلار ئىدارىسىگە تېلېفون قىلدۇق. مەزكۇر ئىدارە ئەھۋالدىن خەۋەر بېرەلمىدى. بىز ئارقىدىن نەنجىياۋ ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق، خادىملار گۈلجەننەتنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلمىدى، ئەمما نەدە ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. ئاخىرى ئالاقىدار ساقچى خادىملىرىدىن بىرى ئۆزىنىڭ بۇ دېلوغا ئارىلىشمىغانلىقى، ئەمما گۈلجەننەتنىڭ تۇتۇلۇشىدىن خەۋىرى بارلىقىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، گۈلجەننەت يېرىم كېچىدىن ئاشقاندا، تاڭ ئېتىشنىڭ ئالدىدا دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. ئۇ گۈلجەننەتنىڭ تۈركىيەدىكى ھەدىسىنىڭ «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغانلار»دىن ئىكەنلىكى، شۇڭا گۈلجەننەتنىڭ ھەدىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى سەۋەبلىك تۇتۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، گۈلجەننەت كامىل نۆۋەتتە تەڭرىتاغ قاماقخانىسىدا تۇتقۇندا ئىكەن، ئەمما ئۇ گۈزەلنۇرنىڭ ئاپىسى ۋە يەنە بىر سىڭلىسىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر بېرەلمىدى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، بۇ دېلو ئارقىلىق خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردا بازارغا سېلىشقا تىرىشىۋاتقان «ۋەزىيەتنىڭ نورماللىقى» ھەققىدىكى تەشۋىقات-تەرغىباتلارنىڭ ساختىلىقى يەنە بىر رەت ئايدىڭلاشتى.

خىتاي قىرغىنچىلىقىنى پەدەزلەشتە ئامېرىكىلىق بالىلارنىمۇ سۇيىئىستېمال قىلماقتا

خىتاينىڭ CGTN تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ يۇتا (Utah) شىتاتىدىكى خەلقئاراغا تونۇلغان بىر بالىلار خور ئۆمىكى ئۈرۈمچى ۋە كورلا قاتارلىق جايلاردا زىيارەتتە بولۇپ، «مول مەزمۇنلۇق» مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى باشلىغان. 13-ئىيۇلدىن 20-ئىيۇلغىچە داۋام قىلىدىغان بۇ پائالىيەت مەكتەپلەرنى زىيارەت قىلىش، يەرلىك بالىلار بىلەن بىرلىكتە ناخشا ئېيتىش، پاختىزارلىقلارنى زىيارەت قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلاردا داۋام قىلماقتا ئىكەن.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ يېتەكچىسى ئارسلان ھىدايەت 16-ئىيۇل كۈنى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى پەدەزلەشتە ئامېرىكىلىق سەبىي بالىلارنىمۇ سۇيىئىستېمال قىلدى» دەپ تەنقىد قىلدى ۋە بۇ قىلمىشنى رەزىللىك دەپ ئەيىبلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، «بىر ئاۋاز بالىلار خورى» (One Voice Children’s Choir) نامىدىكى مەزكۇر بالىلار خور ئۆمىكى 2000-يىللاردا قۇرۇلغان بولۇپ، خەلقئارا سەھنىلەردىمۇ نومۇر كۆرسىتىپ، بەلگىلىك نوپۇزغا ئېرىشكەن. بۇ ئۆمەك بۇ نۆۋەت 40 نەپەر ئەزاسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا زىيارەتتە بولغان، زىيارەتنى خىتاينىڭ «خەلقئارا مائارىپ ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نامىدىكى ئاتالمىش ئاممىۋى تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان.

بۇ بالىلارنىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدىن، جۈملىدىن لاگېرلار، مەجبۇرىي ئەمگەك، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قاتارلىق پاجىئەلەردىن خەۋەرسىزلىكى ۋە پائالىيەت جەريانىدىمۇ ئۇلاردىن ۋەزىيەتنىڭ سىر تۇتۇلىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتقان ئارسلان ھىدايەت، خىتاينىڭ بۇ رەزىل ئويۇنى ئارقىلىق ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئۇنتۇلدۇرۇشقا، ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى ئوخشىمىغان ۋاسىتىلەر بىلەن پەدەزلەشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئارسلان ھىدايەتنىڭ قارىشىچە، بۇ خىتاينىڭ ئامېرىكىدا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قارارلارغا، جۈملىدىن مەجبۇرىي ئەمگەك قانۇنلىرىغا قاراتقان بىر مەككارلارچە ئېلىپ بېرىۋاتقان رەت قىلىش كۈرىشىدۇر.

ئارسلان ھىدايەت يەنە خىتاينىڭ بۇ سەبىي بالىلارنى پاختىزارلىقلارنى زىيارەت قىلدۇرۇشىنىڭ، ئۇلارنىڭ يېشى، قىزىقىشى ۋە ئېھتىياجىغا نىسبەتەن پۈتۈنلەي ئورۇنسىز بىر زىيارەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ بۇ ئارقىلىق خەلقئارادىكى خىتايغا قارىتا مەجبۇرىي ئەمگەك ئەيىبلەشلىرىگە جاۋاب قايتۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ مەككارلارچە ھازىرلانغان بىر سىياسىي ئويۇن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئۇنىڭ يەنە قارىشىچە، خىتاي بۇ قېتىملىق تەشۋىقاتىدا ئۇزۇن مەزگىلنى كۆزلەۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكىدىكى ئۆسمۈر بالىلارنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇش ئارقىلىق، ئۆزلىرىگە كەلگۈسىدە كېلىدىغان بىر جازانىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئۇزۇن مەزگىل توسالغۇسىز داۋام قىلىشنى مەقسەت قىلغان.

ئارسلان ھىدايەت بۇ ھەقتە رادىيومىزغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاينىڭ مەزكۇر بالىلارنىڭ سەبىيلىكىدىن پايدىلىنىپ قايمۇقتۇرۇش يولى بىلەن ئۆزىنىڭ تەشۋىقات سېپىگە سۆرەپ كىرگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ ۋە ئامېرىكىدىكى ئالاقىدار ئورگانلارنى بۇ زىيارەتنىڭ تېگى-تەكتىنى ئېنىقلاشقا ۋە زىيانلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دەۋەت قىلىدۇ.

ئامېرىكىدا دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

14-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشنى توختىتىش» نامىدا بىر قانۇن لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ لايىھەدە خىتاي ۋە ئىران قاتارلىق دىكتاتور دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشىنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقى ۋە ئۇنىڭ خەتىرى بايان قىلىنىپ، بۇ باستۇرۇشنىڭ ئېنىقلىمىسى ۋە ئامېرىكىدا دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش جىنايىتىگە چېتىلغانلارنى ئاز دېگەندە 10 يىللىق قاماق ۋە 100 مىڭ دوللار جەرىمانە قويۇش تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ئەزاسى جون كۇرتىس (John Curtis) بىلەن دېموكراتىك پارتىيە ئەزاسى ئادام شىف (Adam Schiff) تەرىپىدىن تەييارلانغان. بۇ قانۇن ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇش باياناتىدا «ئەركىنلىك سارىيى» (Freedom House) نىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ھەققىدىكى دوكلاتىدىن نەقىل ئېلىنىپ، دۇنيادا 2014-يىلدىن 2025-يىلىغىچە سادىر بولغان دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش دېلولىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن سادىر قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان.

خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەر، بۇ لايىھەنىڭ نۇقتىلىق ھالدا خىتاينىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى»غا قارشى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

تۇغلۇق ئابدۇرازاق ۋە گۈلناز ئابدۇقادىرنىڭ كىتابلىرى دىققەت قوزغىماقتا

ئامېرىكىغا ئوقۇش يولى بىلەن كېلىپ ئەڭ دەسلەپ يەرلەشكەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن تۇغلۇق ئابدۇرازاق بىلەن دوكتور گۈلناز ئابدۇقادىر يېقىندا كىتاب نەشر قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتتە دىققەت قوزغىدى.

تۇغلۇق ئابدۇرازاقنىڭ كىتابى دۇنيادىكى 100 مۇسۇلمان ئالىمنىڭ ھاياتى ۋە دۇنيا مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسىنى تېما قىلغان بولۇپ، ئىنگلىزچە يېزىلغان، چەت ئەللەردە ئىنگلىز تىلى بىلەن يېتىلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى تونۇشى ۋە مىللىي ئىپتىخار تۇيغۇسىنىڭ شەكىللىنىشىنى مەقسەت قىلغان.

دوكتور گۈلناز ئابدۇقادىرنىڭ كىتابى «پورتمالىمنى كىم ئالدى؟» دېگەن نامدا يېزىلغان بولۇپ، بۇنىڭدا ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي سىستېمىسىغا ماسلىشىش جەريانىدىكى كۈرەش يوللىرى قىزىقارلىق شەكىلدە بايان قىلىنغان ۋە ئامېرىكىدىكى كۆچمەنلەرنىڭ ھاياتىغا قولايلىق يارىتىشنى مەقسەت قىلغان.

يېقىنقى ئىككى ئاي ئىچىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ئىككى كىتاب نۆۋەتتە تونۇشتۇرۇلۇش باسقۇچىدا بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر كىتابخانلارنىڭ دىققەت ۋە قىزىقىشىنى قوزغىماقتا.

تۇغلۇق ئابدۇرازاق ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرىدىن ۋە جامائەت يېتەكچىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى «شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق كىتابنى يازغان؛ دوكتور گۈلناز ئابدۇقادىر دۇنيا بانكىسىنىڭ سابىق خىزمەتچىسى ۋە كەسپىي نەتىجىلىرى بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئۈلگىلىك رول ئويناۋاتقان زىيالىيلاردىندۇر.

تۈركىيەگە مال سالغانلىقى ئۈچۈن ئۈرۈمچىدە بىر ئائىلىدىن ئۈچ ئادەم تۇتقۇن قىلىنغان

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان گۈزەلنۇر كامىل خانىمنىڭ رادىيومىزغا بەرگە ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 4-ئىيۇل ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئانىسى ۋە ئىككى سىڭلىسى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن، بۇلار ئىچىدىكى بىر سىڭلسى مېيىپ ئىكەن.

گۈزەلنۇر خانىم 2016-يىلى ئىستانبۇلغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ھەمدە ئۈرۈمچىدىن تۈركىيەگە مال سالغۇزۇپ تىجارەت قىلغان، ئەمما بۇ تىجارەت 2017-يىلىدىكى زور تۇتقۇن تۈپەيلىدىن ئۈزۈلۈپ قالغان. 2024-يىلى ۋەزىيەت سەل پەسىيىپ، يول ئېچىلغاندىن كېيىن، ئۇ تىجارىتىنى قايتا باشلىغان. يولدىشى قىرغىزىستاندا دائىم تۇرۇپ تىجارەت قىلىدىغان بولغاچقا، بىر تەرەپتىن تىجارەت قىلىپ، بىر تەرەپتىن تۆت بالىنى بېقىپ تەربىيەلەش گۈزىلنۇر خانىمنىڭ زىممىسىگە چۈشكەن.

”ئاپامنىڭ ماڭا ئىچى ئاغرىپ: ’بوپتۇ بالام، سىزگە نەق پۇل سېلىپ بېرەلمىسەكمۇ مال سېلىپ بېرەيلى، تىجارەت قىلىڭ، سىزمۇ بالىلىرىڭىزنى باقىسىز‘ دېگەنلا يېرى بار.“

ئانىسىنىڭ قوللىشى بىلەن، ئۇنىڭ مېيىپ سىڭلىسى گۈلجەننەت كامىل ئۇنىڭغا ئۈرۈمچىدىن مال سېلىپ بەرگەن، گۈزەلنۇر خانىم تاپقان پايدىدىن ئۇنىڭغا نىسبەت ئايرىپ بېرىش ئارقىلىق ياردەم قىلغان. ئەمما ساقچىلار مانا مۇشۇ ئالاقىنى باھانە قىلىپ، بۇ ئائىلىنى نىشانغا ئالغان.

ساقچىلارنىڭ تېرگاۋى 1-ئىيۇلدا باشلانغان بولۇپ، گۈزەلنۇر خانىمنىڭ ئانىسى باھارگۈل توختى، سىڭىللىرى گۈلجەننەت كامىل بىلەن گۈلزەپەر ھېكىم (بېقىۋالغان) قاتارلىق بۇ ئۈچەيلەن بىر نەچچە قېتىم سوراق قىلىنغان. سوراق جەريانىدا ساقچىلار گۈلجەننەت كامىلنىڭ تۈركىيەگە مال سالغانلىقىنى باھانە قىلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ”تېرروچىلارنى قوللىغان“ دېگەن گۇمان بارلىقىنى تىلغا ئالغان ھەمدە ئانا بىلەن ئىككى قىزنى تۈركىيەگە قايسى دۇكانلاردىن مال ئېلىپ، قايسى كارگولاردىن مال سالغانلىقىنى نەق مەيدانغا باشلاپ بېرىپ، بىر-بىرلەپ كۆرسىتىپ بېرىشكە بۇيرىغان.

گۈزەلنۇر خانىمنىڭ دېيىشىچە، ئۈچەيلەن ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونى ئۈچتاش تەۋەلىكىدىكى نەنجىياۋ ساقچىخانىسدىن ئېلىپ كېتىلگەن.

”4-چىسلا ئاپامنى سائەت توققۇز بىلەن (ساقچىخانىغا) كېلىڭ دەپ شۇنداق چىرايلىق گەپ قىلىپ، سائەت توققۇز بىلەن ئاپامنى ئەكىلىۋالغاندىن كېيىن، سىڭىللىرىمنىمۇ ئەكىلىۋالىۋاپتۇ؛ ئۇلاردىن قان ئاپتۇ، ئالدى-كەينى رەسىمگە تاتىپتۇ، يانچە تۇرغۇزۇپ، ئوڭغا، سولغا (قارىتىپ). شۇنىڭ بىلەن گەپ قىلمايلا ئېلىپ كېتىپتۇ.“

ئۇلار ئارىسىدىكى مېيىپ سىڭىل گۈلجەننەت كامىل 2017-يىلىدىن كېيىن، ئۈچ يىل لاگىردا يېتىپ چىققاندىن كېيىن، بىر قېتىملىق يىقىلىپ چۈشۈش تۈپەيلىدىن قان تومۇر توسۇلۇش پەيدا بولۇپ، بىر قولى تۇتماس، بىر پۇتى دەسسىمەس بولۇپ قالغان ئىكەن، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ساقچىلار ئۇنىمۇ ئېلىپ ماڭغان؛ ئەمما ساقچىلار بۇ ئۈچەيلەننىڭ نەگە ئېلىپ مېڭىلغانلىقىنى دېيىشنى رەت قىلغان.

گۈزەلنۇر خانىمنىڭ ئۆيدە قالغان سىڭلىسى گۈلمىرە كامىل 2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدە ”خىتاي پۇقرالارغا يىڭنىسىمان نەرسە بىلەن ھۇجۇم قىلدى“ دېگەن گۇمان بىلەن تۇتۇلغان ھەمدە يېپىق سوت ئارقىلىق 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇنىڭ جازا مۇددىتىنى تۈگىتىپ تۈرمىدىن چىقىشى 2017-يىلى باشلانغان زور تۇتقۇنغا توغرا كېلىپ، يىغىۋېلىش لاگىرىغا يەنە تۆت يىل قامالغان. لاگىردىن چىققاندىن كېيىن، گۈلمىرە كامىلنىڭ سالامەتلىكىدە ئېغىر مەسىلە كۆرۈلۈپ، دائىملىق داۋالىنىش ھالىتىدە تۇرغان.

گۈزەلنۇر خانىمنىڭ دېيىشىچە، ئۇ ھازىر تۈركىيە پۇقراسى ئىكەن، ئىستانبۇلدا تۆت بالىسىنى بېقىپ، ئائىلىسىنىڭ تىرىكچىلىكىنى قامداش ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشىپ كەپتۇ، ھېچقانداق قانۇنسىز قىلىمىش بىلەن ئالاقىسى يوق ئىكەن.

”ھەممە نەرسىلەرنىڭ تالونلىرى بار، نەگە سالغان، كىم ئالغان مالنى ھەتتا. شۇ نەرسىلەرنى بىز تەمىنلەپ بەردۇق. ساقچىلارغا ئاپاملار تەمىنلەپ بېرىپتۇ ھەممىنى. (ساقچىلار) يەنە: ’سىلەرنى سۈرۈشتە قىلىمىز، يەنە تېخى ئۇ يەردە (تۈركىيەدە) بىر ئىشلار بار‘ دەپتۇ. بۇ يەردە قانداق ئىشلار بار؟ بۇ يەردە ھېچقانداق ئىشىمىز يوق. بىز سىجىل كايىتلىرىمىز (جىنايەت ئۆتكۈزمىگەنلىك ئىسپاتى) دىن تارتىپ چىقىرىپ بېرەلەيمىز ھەتتا.“

ئۈرۈمچىدىكى ئائىلە ئەزالىرى يولۇققان بۇ تۇتقۇندىن قاتتىق پاراكەندە بولغان گۈزەلنۇر خانىم مۇخبىرغا يىغلاپ تۇرۇپ ھازىر ئۆزىنىڭ زادى قانداق قىلسا بولىدىغانلىقىنى بىلەلمەيۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

”بىرى يېتىم قىز، بىرى ئاپام، بىرى مېيىپ سىڭلىم. ھازىر مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟“

10-ئىيۇل، نورۋېگىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇۋېلى ئايۇپئۆزىنىڭ X ھېسابىدا بۇ ھەقتە ئۇچۇر تارقىتىپ، بۇ دېلونىڭ ”مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى“ 1-ئىيۇل يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ھازىرغىچە بىلىنگەن تۇنجى دېلو ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئىلشات ھەسەن كۆكبۆرە: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تەيۋەن تەشۋىقاتىغا سېلىشى ئۈنۈم بەرمەيدۇ

يېقىندا خىتاينىڭ دوۋيىن (تىك-توك) سۇپىسىدا، ئۆزلىرىنى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى ۋە ساياھەت يىتەكچىسى دەپ تونۇشتۇرغان ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ساپ خىتاي تىلىدىكى ”شىنجاڭلىقلارنىڭ تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا يازغان بىر پارچە خېتى“ دېگەن ماۋزۇدىكى ھاياجانلىق بىر چاقىرىق ۋىدىيوسى كەڭ تارقالدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەنگە قاراتقان ”ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش“ تەشۋىقاتىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتدىكى بۇ بۇ ۋىدىيودا ”شىنجاڭلىقلار“نىڭ بەختلىك تۇرمۇشى، ئۇلارنىڭ تەيۋەننىڭ ”ۋەتەن قوينىغان قايتىپ كېلىشى“گە بولغان تەنتەنتەنىلىك ئارزسى ۋە ئىككى قىرغاقنىڭ ”بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىنلىقى“ بايان قىلىنغان.

بۇ ئىككى ئۇيغۇر تەشۋىقاتچى تەڭرىتاغ بىلەن تەيۋەن بوغۇزىنى سېلىشتۇرۇپ، «تەڭرىتاغ غەلبە تونېلى» ئارقىلىق تەڭرىتاغدىن ئۆتۈش ئۈچۈن پەقەت 20 مىنۇتلا كېتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، تەيۋەن بوغۇزىغا كۆۋرۈك ياساپ، ئىككى قىرغاقنى تۇتاشتۇرۇشنىڭ قىيىن ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن؛ شۇنداقلا، ”شىنجاڭ“ خەلقىنىڭ ھازىر ئىنتايىن تىنچ، خاتىرجەم ۋە بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، جۇڭخۇا مىللىتىگە مەنسۇپ بولغان بۇ شان-شەرەپنى تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىلەن بىرلىكتە ئورتاقلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن؛ ئاندىن، بىر ئەجدات، بىر مىللەت ۋە قان-قېرىنداشلىقنى تەكىتلەپ، ئۆزلىرىنىڭ تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ قىيىنچىلىق تارتىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ بالدۇرراق «ئۆيىگە قايتىشىنى» تولىمۇ ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خىلدىكى تەشۋىقاتلار ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، دائىرىلەرنىڭ بۇ قېتىم ئىككى ئۇيغۇرنى ئىشقا سالغانلىقى كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى.

ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن كۆكبۆرە ئەپەندىم ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا بەرگەن زىيارىتىدە، بۇ تەشۋىقات ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بەختلىك ياشاۋاتقانلىقىنى بازارغا سېلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان مىللىي قىرغىنچىلىقنى ۋە ھەر تۈرلۈك زۇلۇملارنى يوشۇرماقچى بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەمەلىيەتتە، كىشىلەرنىڭ ئاللىقاچان ئۇيغۇر مىللىي قىرغىنچىلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىدىكى زۇلۇملارنى ئېنىق بىلىدىغانلىقىنى، ئۇنى يوشۇرۇپ قالغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئاخىردا، ئىلشات ئەپەندىم بۇنداق تەشۋىقاتنىڭ ئۇچىغا چىققان شەخسىيەتچى ۋە ئۇچىغا چىققان رادىكال مىللەتچىلەرگە ياققان بىلەن، ئەقلى بار، ئەركىنلىكنى سۆيىدىغان، باراۋەرلىكنى سۆيىدىغان، دېموكراتىيەنى سۆيىدىغانلارغا ئۈنۈم بەرمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.