خىتاينىڭ چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان چېگرا ھالقىغان بېسىم ھەرىكەتلىرى كۈچەيمەكتە
يېقىندا ئېلان قىلىنغان ئىككى پارچە دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللەرگىچە قاراتقان چېگرا ھالقىغان بېسىمى ۋە ئائىلە باغلىنىشىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرى، ئاكتىپلىرى ھەمدە جامائەت ئەزالىرىنى جاسۇسلۇققا سېلىش ۋە سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇرلاش ئىستراتېگىيەلىرى ئاشكارىلاندى.
ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 16-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان بىر دوكلاتتا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستانغا ئائىلە زىيارىتى ئۈچۈن بارغان ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلارنى تېرگاۋ قىلىپ، ئۇلاردىن ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى، ئاكتىپلار ۋە ئۇيغۇر تىلى مەكتەپلىرى ھەققىدە ئاخبارات يىغىشنى تەلەپ قىلغان.دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، بەزى زىيارەتچىلەر بىر نەچچە قېتىم، ھەتتا بىر قېتىمدا يەتتە سائەتتىن ئارتۇق بېسىم ئاستىدا سوراق قىلىنغان ھەم ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىنى كۆزىتىش ۋە سۈرەتكە تارتىشقا مەجبۇرلانغان. خىتاينىڭ ۋىزىسىز كىرىش سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ بارغانلارمۇ ئالدى بىلەن يەرلىك دۆلەت بىخەتەرلىك ئورۇنلىرىنىڭ تەستىقىنى ئېلىشقا، بېكىتىلگەن مېھمانخانىلاردا تۇرۇشقا ۋە كۈندىلىك ھەرىكىتىنى مەلۇم قىلىشقا مەجبۇر بولغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلە ئەزالىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىپ تەھدىت سالىدىغان بۇ قىلمىشى ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا ئېغىر ۋەھىمە پەيدا قىلىپ، كىشىلەرنىڭ جامائەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشى توسالغۇغا ئۇچراتقان.
22-ئىيۇل، ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق تەتقىقاتچىسى ئادېرىيان زېنز (Adrian Zenz) بىلەن ياش تەتقىقاتچى مۇئەتتەر توختى (Muetter Tohti) تەرىپىدىن تەييارلانغان ”ئاسمانغا چىقساڭ تاپىنىڭدىن تارتىپ چۈشىمىز“ ماۋزۇلۇق ئىلمىي دوكلاتتا، بېيجىڭنىڭ چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى تەتقىقاتچىلىرى، ئاكتىپلىرى ۋە گۇۋاھچىلىرىنى جىمىقتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى چوڭقۇر تەھلىل قىلىنغانىدى. دوكلاتتتا، خىتاي پەقەت ئوچۇق-ئاشكارا تەھدىت سېلىش بىلەنلا قالماي، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلىسىنى كۆرۈش ئىمتىيازىنى شەرت قىلىش ئارقىلىق، گۇۋاھچىلارنى سۈكۈت قىلىشقا، مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنى ھەمكارلىشىشقا ئازدۇرغان. بۇ خىل يوشۇرۇن بېسىملار خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىنى ھۆججەتلەشتۈرۈش خىزمىتىگە ئېغىر توسقۇنلۇق قىلغان؛ گۇۋاھچىلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى ئازايتىپ، تەتقىقاتچىلارغا روھىي ئازاب ۋە بېسىم ئېلىپ كەلگەن.
بۇ ئىككى دوكلات خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان تەھدىتلىرىنىڭ تېخىمۇ ئىنچىكە ۋە سىستېمىلىق تۈس ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى بۇ خىل چېگرا ھالقىغان پاراكەندىچىلىكلەرگە قارشى جىددىي تەدبىر ئېلىشقا ھەمدە چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئېنىق كۆرسەتمە ۋە ئۇچۇر بېرىش لىنىيەلىرىنى قۇرۇپ چىقىشقا چاقىردى.
يېڭى كىتاب «شىنجاڭ تەرتىپى»دە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىچكى ئەزا ئەتكەسچىلىكى پاش قىلىندى
ئاتاقلىق ئىنسان ھەقلىرى تەكشۈرگۈچىسى ۋە يازغۇچى ئىتان گۇتمان Ethan Gutmann نىڭ يېڭىدىن نەشر قىلىنغان «شىنجاڭ تەرتىپى» (The Xinjiang Procedure) ناملىق كىتابىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلاردا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىستېمىلىق زۇلۇملىرى ۋە سانائەت كۆلىمىدىكى مەجبۇرىي ئىچكى ئەزا يىغىۋېلىش جىنايىتىنى ئىنتايىن دەھشەتلىك پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
كىتابتا ئېيتىلىشىچە، «شىنجاڭ تەرتىپى» دەپ ئاتالغان جەريان خىتاي ئوپېراتسىيە دوختۇرلىرىنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ يۈرىكى يەنىلا سوقۇۋاتقان پېتى ئەزالىرىنى تىرىكلا كېسىپ ئېلىشىنى كۆرسىتىدىكەن. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 28 ياش ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەزالىرى خەلقئارالىق «ئەزا ساياھەتچىلىرى» گە زاكاز بويىچە سېتىلىدىكەن. كىتابتىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، بىر ياش ئۇيغۇر ئايالنىڭ ئەزالىرىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 900 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغان بولۇپ، ئاتالمىش «ھالال ئەزا» سودىسى ئارقىلىق ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى بايلارغا يۇقىرى باھادا سېتىلىدىكەن.
ئىتان گۇتمان بۇ جىنايەتلەرنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، خىتاينىڭ ئېلېكترونلۇق نازارەت تورىدىن قېچىپ، گېرمانىيەدىن قازاقىستان چېگراسىغىچە ماشىنا ھەيدەپ بارغان ۋە ئۇ يەردە لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققان گۇۋاھچىلارنى مەخپىي زىيارەت قىلغان. كىتابتا خىتاينىڭ 2015-يىلىدىن باشلاپ 12 ياشتىن يۇقىرى بارلىق ئۇيغۇرلارغا قاراتقان 10 مىليوندىن ئارتۇق قان ۋە DNA تەكشۈرۈشى ئەمەلىيەتتە بۇ چوڭ كۆلەملىك تىرىك ئەزا ئامبىرىنى قۇرۇشنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى پاش قىلىنغان.
كىتابتا بۇ سىستېمىلىق قىرغىنچىلىققا غەرب تېببىي ساھەسىنىڭ ياردەم بەرگەنلىكى، يۈزلەرچە خىتاي دوختۇرنىڭ ئامېرىكا تېببىي مەكتەپلىرىدە تەربىيەلەنگەنلىكى تەنقىد قىلىنغان. نۆۋەتتە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى «مەجبۇرىي ئىچكى ئەزا يىغىۋېلىشنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى» (Stop Forced Organ Harvesting Act) نى ماقۇللىغان بولۇپ، كېڭەش پالاتاسىنىڭ تەستىقىنى كۈتمەكتە.
ئۇيغۇر ۋەكىللەر ۋېنگىرىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 9-نۆۋەتلىك ماجار-ھۇن-تۈرك قۇرۇلتىيىغا قاتناشتى
14-ئاۋغۇستتىن 16-ئاۋغۇستقىچە، 9--نۆۋەتلىك ماجار-ھۇن-تۈرك قەبىلىلىرى قۇرۇلتىيى ۋېنگرىيە پايتەختى بۇداپېشتتا ئۆتكۈزۈلدى. ماجار ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، مۇزىكىسى ھەم ئورتاق تارىخىي مىراسلىرىنى تەبرىكلەيدىغان چوڭ تىپتىكى بۇ پائالىيەت 2010-يىلى باشلانغان بولۇپ ھەر ئىككى يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدۇ. نۆۋەتتە بۇ پائالىيەت ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ تىپتىكى مەدەنىيەت كۆرەكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ قېتىم ئىنتايىن يۇقىرى سەۋىيەدە ۋە چوڭ كۆلەمدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
بۇ قۇرۇلتايغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ئۇيغۇر ۋەكىللەر ئۆمىكى تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرىسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتۇر ئالىمجان ئىنايەت، ئەنگلىيەدىكى ”ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىىتىش“ تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋخپىسىنىڭ رەئىسى، ئەنقەرە ئۇنىۋېرىسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتۇر ئەركىن ئەمەت ھەمدە قازاقىستان ئۇيغۇر تىياتىرى سەنئەتكارلىرىدىن تەشكىل تاپتى.
پائالىيەتنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، ئاساسىي سەھنىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايرىقى ئېسىلدى. رەھىمە مەھمۇت ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى. ئالىمجان ئىنايەت «تىل، ئەدەبىيات ۋە مەدەنىيەتتىكى ۋېنگىر-ئۇيغۇر مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە» ماۋزۇدا مەخسۇس لېكسىيە سۆزلىدى. ئۇ ئۆز لېكسىيەسىدە تارىخىي ئارخىپلار، تىلشۇناسلىق دەلىللىرى، سېلىشتۇرما فولكلورشۇناسلىق ۋە مۇزىكا قاتارلىقلار ئارقىلىق ۋېنگىرلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك ھەم مەدەنىيەت جەھەتتىن بىر-بىرىگە زىچ باغلانغان بىر جەمەتنىڭ تارماقلىرى ئىكەنلىكىنى شەرھلەپ ئۆتتى. ئۇيغۇر سەنئەتكارلار كلاسسىك ئۇيغۇر سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنداپ، ئۇيغۇرلارنىڭ باي مەدەنىيەت ئاساسىنى نامايان قىلدى.
يىغىننىڭ بايراق پارات بۆلۈكى قىزغىن كەيپىياتتا داۋاملاشتى، بىر نەپەر چەۋەنداز شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى جەۋلان قىلىپ، سەھنە ئالدىدىن ئات چاپتۇرۇپ ئۆتكەندە گۈلدۇراس ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قۇرۇلتاي ماجار-تۇران فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ئانتروپولوگ ئاندراس بىرو (András Bíró) ۋە قۇرۇلتاي تەشكىللەش ھەيئىتىنىڭ ئورتاق تەشەببۇسى بىلەن ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، پائالىيەت داۋامىدا ماجار- تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئورتاق ھېكايىلىرى ۋە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت جەۋھەرلىرى نامايان قىلىندىكەن.
ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچۈپ كەلگەن خەلقمۇ؟
بۈگۈنكى پروگراممىمىزنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا سابىق مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار 2024-يىل 27-ئىيۇن تەييارلىغان ۋە شۇ كۈنى رادىيومىزدا ئاڭلىتىلغان ”ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچۈپ كەلگەن خەلقمۇ؟“ ماۋزۇلۇق مۇلاھىزىسىنىڭ قىسقارتىلمىسىنى ئاڭلىتىمىز.
