خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان چېگرا ھالقىغان بېسىم ھەرىكەتلىرى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە

بۇ ئىككى دوكلات خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان تەھدىتلىرىنىڭ تېخىمۇ ئىنچىكە ۋە سىستېمىلىق تۈس ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

يېقىندا ئېلان قىلىنغان ئىككى پارچە دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللەرگىچە قاراتقان چېگرا ھالقىغان بېسىمى ۋە ئائىلە باغلىنىشىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرى، ئاكتىپلىرى ھەمدە جامائەت ئەزالىرىنى جاسۇسلۇققا سېلىش ۋە سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇرلاش ئىستراتېگىيەلىرى ئاشكارىلاندى.

ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 16-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان بىر دوكلاتتا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستانغا ئائىلە زىيارىتى ئۈچۈن بارغان ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلارنى تېرگاۋ قىلىپ، ئۇلاردىن ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى، ئاكتىپلار ۋە ئۇيغۇر تىلى مەكتەپلىرى ھەققىدە ئاخبارات يىغىشنى تەلەپ قىلغان. دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، بەزى زىيارەتچىلەر بىر نەچچە قېتىم، ھەتتا بىر قېتىمدا يەتتە سائەتتىن ئارتۇق بېسىم ئاستىدا سوراق قىلىنغان ھەم ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىنى كۆزىتىش ۋە سۈرەتكە تارتىشقا مەجبۇرلانغان. خىتاينىڭ ۋىزىسىز كىرىش سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ بارغانلارمۇ ئالدى بىلەن يەرلىك دۆلەت بىخەتەرلىك ئورۇنلىرىنىڭ تەستىقىنى ئېلىشقا، بېكىتىلگەن مېھمانخانىلاردا تۇرۇشقا ۋە كۈندىلىك ھەرىكىتىنى مەلۇم قىلىشقا مەجبۇر بولغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلە ئەزالىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىپ تەھدىت سالىدىغان بۇ قىلمىشى ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا ئېغىر ۋەھىمە پەيدا قىلىپ، كىشىلەرنىڭ جامائەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشى توسالغۇغا ئۇچراتقان.

22-ئىيۇل، ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق تەتقىقاتچىسى ئادېرىيان زېنز (Adrian Zenz) بىلەن ياش تەتقىقاتچى مۇئەتتەر توختى (Muetter Tohti) تەرىپىدىن تەييارلانغان ”ئاسمانغا چىقساڭ تاپىنىڭدىن تارتىپ چۈشىمىز“ ماۋزۇلۇق ئىلمىي دوكلاتتا، بېيجىڭنىڭ چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى تەتقىقاتچىلىرى، ئاكتىپلىرى ۋە گۇۋاھچىلىرىنى جىمىقتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى چوڭقۇر تەھلىل قىلىنغانىدى. دوكلاتتتا، خىتاي پەقەت ئوچۇق-ئاشكارا تەھدىت سېلىش بىلەنلا قالماي، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلىسىنى كۆرۈش ئىمتىيازىنى شەرت قىلىش ئارقىلىق، گۇۋاھچىلارنى سۈكۈت قىلىشقا، مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنى ھەمكارلىشىشقا ئازدۇرغان. بۇ خىل يوشۇرۇن بېسىملار خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىنى ھۆججەتلەشتۈرۈش خىزمىتىگە ئېغىر توسقۇنلۇق قىلغان؛ گۇۋاھچىلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى ئازايتىپ، تەتقىقاتچىلارغا روھىي ئازاب ۋە بېسىم ئېلىپ كەلگەن.

بۇ ئىككى دوكلات خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان تەھدىتلىرىنىڭ تېخىمۇ ئىنچىكە ۋە سىستېمىلىق تۈس ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى بۇ خىل چېگرا ھالقىغان پاراكەندىچىلىكلەرگە قارشى جىددىي تەدبىر ئېلىشقا ھەمدە چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئېنىق كۆرسەتمە ۋە ئۇچۇر بېرىش لىنىيەلىرىنى قۇرۇپ چىقىشقا چاقىردى.