بەختىنۇر ئابدۇرېھىم ستوكھولمنىڭ رايونلۇق كېڭىشىگە ئەزا بولۇشقا ئاتلاندى

بەختىنۇر خانىم نامزاتلىققا ئېرىشكەن سايلام رايونى ستوكھولمنىڭ غەربىي-شىمالىدىكى كۆپ خىل مەدەنىيەتلىك جاي بولۇپ، بۇ جايدا  74 مىڭ ئەتراپىدا ئاھالە ياشايدۇ، ئاھالىنىڭ 85% نى كۆچمەنلەر ئىگىلەيدۇ.

شۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچى، شۋېتسىيە ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى بەختىنۇر ئابدۇرېھىم خانىم بۇ يىل 13-سېنتەبىر كۈنى شۋېتسىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان دۆلەتلىك، شەھەرلىك ۋە رايونلۇق پارلامېنت سايلىمىدا، ستوكھولم شەھەرلىك كېڭەشنىڭ سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىگە تەۋە ۋەكىل بولدى. ئۇ مەزكۇر پارتىيەنىڭ نامزاتلار تىزىملىكىدە 18-ئورۇندا تۇرىدۇ. مەلۇم بولۇشىچە، بەختىنۇر خانىم نامزاتلىققا ئېرىشكەن سايلام رايونى ستوكھولمنىڭ غەربىي-شىمالىدىكى كۆپ خىل مەدەنىيەتلىك جاي بولۇپ، بۇ جايدا 74 مىڭ ئەتراپىدا ئاھالە ياشايدۇ، ئاھالىنىڭ 85% نى كۆچمەنلەر ئىگىلەيدۇ.

بەختىنۇر خانىم ئويۇشتۇرغان سايلام پائالىيەتلىرىدە، ئۆزبېك قاتارلىق جامائەتلەرگە خىتاب قىلىپ، سايلامغا قاتنىشىشنىڭ كۆچمەنلەر جامائىتىنىڭ شۋېتسىيە ئىجتىمائىي-سىياسىي ھاياتىغا تېخىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىشى ۋە ئۆز مەنپەئەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىپادىلىنىشى ئۈچۈن مۇھىم يول ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۇيغۇرلارغا قىلغان سۆزىدە بولسا، ئۆزى سايلانغان تەقدىردە، بۇ نەتىجىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ شۋېتسىيەدىكى مەۋجۇتلۇقىنىڭ بىلىنىشى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ دۇنياغا تونۇلىشىغا ھەسسە قۇشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ھازىرغا قەدەر ستوكھولمدىكى ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك جامائىتىنىڭ بىر قىسىم پائالىيەتچىلىرى بەختىنۇر ئابدۇرېھىم خانىمنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ۋە ئۆز جامائىتىنى قوللاشقا دەۋەت قىلىپ بايانات ۋە چاقىرىقلار ئېلان قىلدى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر سايلام نەتىجىسى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بەختىنۇر ئابدۇرېھىم خانىمنىڭ شەرقىي تۈركىستاندەك بىر ئىشغالىيەت زېمىنىدىن كېلىپ، ئەركىن دۇنيانىڭ سايلىمىغا قاتنىشىشقا جەسارەت قىلىشىنىڭ ئۆزىنى بىر ئۇتۇق دەپ قاراشماقتا ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر-ياش ئۆسمۈرلىرىگە ئىلھام بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.