يېقىندا قەشقەردىن تېلېفۇنىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ساقچى خادىمى ياتاقلىق يەسلىلەر ھەققىدىكى ئېنىقلىشىمىزغا جاۋاب بېرىپ، بۇ مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان نارىسىدە بالىلارنىڭ سالامەتلىكىدە، جۈملىدىن پسىخىكىسىدا ئېغىر مەسىلە كۆرۈلگەنلىكى، بۇنىڭغا ئاساسلىقى ئاتا-ئانىسىنى سېغىنىشنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ بالىلار تۈرمە ۋە لاگېرلاردىكى ئاتا-ئانىلىرى بىلەن يىلدا بىر-ئىككى قېتىم ئېكراندا كۆرۈشتۈرۈلىدىغان بولۇپ، ئۆچىرەتتە ئادەم كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن كۆرۈشۈش 2-3 مىنۇتتىن ئاشمايدىكەن. ساقچىلار ھەر ئىككى تەرەپكە يىغلىماسلىقنى بۇيرىسىمۇ، بۇ كۆرۈشۈش كۆپ ھاللاردا يىغلا-زارە بىلەن ئاخىرلىشىدىكەن.
ئۇنىڭ يەنە ئاشكارىلىشىچە، ئۇنىڭ تەۋەلىكىدىكى بىر يەسلىدە پسىخىكىسىدا ئېغىر مەسىلە كۆرۈلگەن بالىلاردىن بەش نەپىرى بوۋا-مومىسىنىڭ ئۆيىدە بىر ھەپتە دەم ئېلىش ۋە داۋالىنىشقا ئەۋەتىلگەن. چۈنكى بۇ بالىلارنىڭ بەزىلىرى توختىماي يىغلايدىغان، بەزىلىرى پەقەتلا گەپ قىلمايدىغان بولۇپ قالغان. ئۇ مەسئۇل بولغان بالا بوۋا-مومىسىنىڭ ئۆيىدىكى بىر ھەپتە جەريانىدا تېلېۋىزورنىڭ ئالدىدىن نېرى كەتمىگەن ۋە ئېكراندىن ئاتا-ئانىسىنىڭ سىماسىنى ئىزدىگەن.
ئۆتكەن يىللاردىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، ئاتا-ئانىسى تەڭلا تۇتۇلۇپ كەتكەن ئائىلىلەردىكى بالىلارنىڭ «پەرىشتىلەر مەكتىپى» نامىدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقانلىقى، مەكتەپلەردە بالىلارنىڭ «بىخەتەرلىكى» ۋە ئىدىيە ھالىتىنى كۆزىتىدىغان مەخسۇس ساقچى بارلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.
بۇ ھەپتىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا پوسكام ناھىيەسىدىكى بىر ساقچى خادىمى ئۆزى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان پەرىشتىلەر مەكتىپىدىكى ئۈچ يىل ئاۋۋال ئېچىلغان بىر سىنىپتا 30 نەپەر ئوقۇغۇچى بارلىقى، بۇلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئانىسى ياكى دادىسى، كۆپىنچىسىنىڭ بولسا ئاتا-ئانىسى تەڭلا «تەربىيەلەش»كە ئېلىپ كېتىلگەنلەر ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. بالىلارنىڭ «نورمال» تەربىيەلىنىۋاتقانلىقى، باشقا مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلاردىن پەرقلىق مۇئامىلىگە ئۇچرىمايلاۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن بۇ خادىم بۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنى كۆرەلمەسلىكتىن ئىبارەت بىرلا مەسىلىسى بارلىقى ۋە بۇ مەسىلىنىڭمۇ يىلدا بىر قېتىم ئېكراندا بەش مىنۇت كۆرۈشتۈرۈلۈش ئارقىلىق «ئۇتۇقلۇق» هەل قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان مائارىپ تەتقىقاتچىسى ئابدۇرىشىت نىياز ئەپەندى بالىلارنىڭ دۇنياسىنىڭ ئاساسەن ئاتا-ئانىدىن تەشكىل تاپىدىغانلىقى ۋە ئۆز دۇنياسى بىلەن كۆرۈش سېزىمى ئارقىلىق باغلىنىش قۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بالىلار ئۈچۈن تۇنجى مەكتەپ سانىلىدىغان ئائىلە، تۇنجى مۇئەللىم سانىلىدىغان ئاتا-ئانىدىن ئايرىلىشنىڭ ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسەتمەسلىكىنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۆتكەن ئايدا ”شاھىت بىز“ تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر تەتقىقات دوكلاتىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ۋىلايەتلەردە ئاز دېگەندە 143 مىڭ نەپەر بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ ياتاقلىق مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى. نۆۋەتتە بۇ بالىلارنىڭ قانچىلىك قىسمىنىڭ سالامەتلىكىدە مەسىلە كۆرۈلگەنلىكى مەلۇم ئەمەس.
