يېڭى كىتاب «شىنجاڭ تەرتىپى»دە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئەزا ئەتكەسچىلىكى پاش قىلىندى

كىتابتا ئېيتىلىشىچە، «شىنجاڭ تەرتىپى» دەپ ئاتالغان جەريان خىتاي ئوپېراتسىيە دوختۇرلىرىنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ يۈرىكى تېخى سوقۇپ تۇرغان ھالەتتە ئۇلارنىڭ ئەزالىرىنى تىرىكلا كېسىپ ئېلىشىنى كۆرسىتىدىكەن.

ئاتاقلىق ئىنسان ھەقلىرى تەكشۈرگۈچىسى ۋە يازغۇچى ئىتان گۇتمان Ethan Gutmann نىڭ يېڭىدىن نەشر قىلىنغان «شىنجاڭ تەرتىپى» (The Xinjiang Procedure) ناملىق كىتابىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلاردا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىستېمىلىق زۇلۇملىرى ۋە سانائەت كۆلىمىدىكى مەجبۇرىي ئەزا يىغىۋېلىش جىنايىتى ئىنتايىن دەھشەتلىك پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

كىتابتا ئېيتىلىشىچە، «شىنجاڭ تەرتىپى» دەپ ئاتالغان جەريان خىتاي ئوپېراتسىيە دوختۇرلىرىنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ يۈرىكى تېخى سوقۇۋاتقان ھالەتتە ئۇلارنىڭ ئەزالىرىنى تىرىكلا كېسىپ ئېلىشىنى كۆرسىتىدىكەن. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 28 ياش ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەزالىرى خەلقئارالىق «ئەزا ساياھەتچىلىرى» گە زاكاز بويىچە سېتىلىدىكەن. كىتابتىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، بىر ياش ئۇيغۇر ئايالنىڭ ئەزالىرىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 900 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغان بولۇپ، ئاتالمىش «ھالال ئەزا» سودىسى ئارقىلىق ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى بايلارغا يۇقىرى باھادا سېتىلىدىكەن.

ئىتان گۇتمان بۇ جىنايەتلەرنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، خىتاينىڭ ئېلېكترونلۇق نازارەت تورىدىن قېچىپ، گېرمانىيەدىن قازاقىستان چېگراسىغىچە ماشىنا ھەيدەپ بارغان ۋە ئۇ يەردە لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققان گۇۋاھچىلارنى مەخپىي زىيارەت قىلغان. كىتابتا خىتاينىڭ 2015-يىلىدىن باشلاپ 12 ياشتىن يۇقىرى بارلىق ئۇيغۇرلارغا قاراتقان 10 مىليوندىن ئارتۇق قان ۋە DNA تەكشۈرۈشى ئەمەلىيەتتە بۇ چوڭ كۆلەملىك تىرىك ئەزا ئامبىرىنى قۇرۇشنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى پاش قىلىنغان.

كىتابتا بۇ سىستېمىلىق قىرغىنچىلىققا غەرب تېببىي ساھەسىنىڭ ياردەم بەرگەنلىكى، يۈزلەرچە خىتاي دوختۇرنىڭ ئامېرىكا تېببىي مەكتەپلىرىدە تەربىيەلەنگەنلىكى تەنقىد قىلىنغان. نۆۋەتتە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى «مەجبۇرىي ئەزا يىغىۋېلىشنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى» (Stop Forced Organ Harvesting Act) نى ماقۇللىغان بولۇپ، كېڭەش پالاتاسىنىڭ تەستىقىنى كۈتمەكتە.