گېرمانىيەدىن خىتايغا قايتۇرۇلغان ئارافات ئادىلغا تۈركىيە ئىگە چىقتى

تۈنۈگۈن گېرمانىيەدىن بېيجىڭغا ئايروپىلان بىلەن يولغا سېلىۋېتىلگەن ئارافات ئادىل بېيجىڭ ئايرودۇرۇمىدا بىرنەچچە سائەت سۆراق قىلىنغاندىن كېيىن تۈركىيەگە قايتۇرۇلغان.

تۈنۈگۈن گېرمانىيەدىن بېيجىڭغا ئايروپىلان بىلەن يولغا سېلىۋېتىلگەن ئارافات ئادىل بېيجىڭ ئايرودۇرۇمىدا بىرنەچچە سائەت سۆراق قىلىنغاندىن كېيىن تۈركىيەگە قايتۇرۇلغان.

بۈگۈن 23-ئىيۇل كۈنى ئەتىگەن سائەت 7 دە ئىستانبۇلدىكى ئۆيىگە ساق-سالامەت يېتىپ كەلگەن ئارافات ئادىل زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، گېرمانىيە ۋە بېيجىڭ ئايرودۇرۇمىدا بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئارافاتنىڭ ئانىسى گۈزەلئاي ئادىل ئوغلىنىڭ بۇ ساق-سالامەت قايتىپ كېلىشىدە تۈركىيە ئەلچىخانىسىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭغا قارىتا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى. تۆۋەندە ئارافات ئادىل ۋە ئانىسى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت خاتىرىمىز دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.